ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) بىرلىشىپ، خىتاينىڭ ئۆكتەملىكى ۋە تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقچى بولغان

0:00 / 0:00

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئالياسكادىكى ئۇچرىشىشتا خىتاي دىپلوماتلىرى كۆرسەتكەن ھاكاۋۇرلۇق ۋە ئۆكتەملىك غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقى ۋە ھۇشيارلىقىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگەن. ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىرلا ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈپ، خىتاينى غەزەبلەندۈرگەن. ئەمما خىتاي بۇنىڭدىنمۇ تەن ئالماي، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوللانغانىدى.

ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە ئاشكارا قارشى چىقالىشىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىساد، تېخىنىكا ۋە ھەربىي جەھەتتىن كۈچلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ، غەرب دۇنياسىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا خىتايدا ئوتتۇرا قاتلام بايلىرى كۆپەيسە خىتاي دېموكراتىيەگە قاراپ ماڭىدۇ دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما بۇنداق بايلار سىنىپى شەكىللەنگەن بىلەن ئۇلار كوممۇنىست خىتاينىڭ تۈزۈمىگە تايىنىپ باي بولغاچقا، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقالمايدۇ. خىتاينىڭ بۇ قېتىم ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن قارشىلىشىشى ياۋروپانىڭ خىتايغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمبارگو يۈرگۈزۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن».

«ئامېرىكا خەۋەرلىرى» تورى قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتون بىلىنكېن 24-مارت كۈنى ناتونىڭ بريۇسسېلدىكى باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ قەدەممۇ قەدەم ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۆكتەملىكى ۋە تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە يىغىن مەزگىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلساق يالغۇز ھەرىكەت قىلغاندىن كۆپ كۈچلۈك بولىمىز، تەسىرىمىزمۇ چوڭ بولىدۇ. خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا قوللىنىشى بىزنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ».

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى: «ناتودىكى بۇ يىغىندا ئامېرىكا بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ بىرلىشىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە سىگنال بېرىشى، خىتاينى چۆچۈتىدۇ ھەم ئۇنىڭغا غايەت زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ،» دېدى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىم ناتودىكى پائالىيىتىدە خىتاينى مۇھىم نىشان قىلغانلىقىنى، ناتونىڭ ئۆزىمۇ خىتاي تەھدىتىگە قارشى ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاسىيادىمۇ ئۆزىگە ئىتتىپاقداش بولىدىغان كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ناتونىڭ باش كاتىپى جېنس ستوللېنبېرگ غەرب ئەللىرى، جۈملىدىن ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىغانلىقى، ناتونىڭ بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خىتايغا چەكلىمە قويدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر؛ ئەلۋەتتە، ناتونىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان ئامېرىكامۇ خىتايغا چەكلىمە قويدى. ناتو ئۆزى خەلقئارا بىر ئورگان بولۇشى سۈپىتى بىلەن تېخى رەسمىي قارار چىقارمىدى. خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىشى بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت ئېلىپ كەلسىمۇ، بىز تېخى خىتاينى رەقىب دەپ قارىمايمىز. ئەمما خىتاي قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، جەنۇبىي دېڭىزدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىۋاتىدۇ؛ ئەڭ مۇھىمى خىتاي بىلەن قىممەت قارىشىمىز ئوخشىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدىكى مىللەتلەرنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەۋاتىدۇ، خەلقئارا قائىدىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇلارنى كۆرۈپ يەتتۇق. شۇڭا بىز 2030-يىلغىچە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر پىلان تۈزۈپ، ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلىشىپ، خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرماقچى».

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىدا سىياسىي بىرلىك ۋە ئىقتىسادىي ئىمبارگونىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، ناتودەك بىر ھەربىي كۈچنىڭمۇ بۇنىڭغا قېتىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇ چاغدىلا خىتاينىڭ تەھدىتىنى بېسىقتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن دۇنيانىڭ غەرب ۋە شەرقتىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنلىكىنى، دۇنيانىڭ سىياسىي تارىخىدا بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئاساسەن كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، غەرب ئەللىرى بىلەن خىتاينىڭ توقۇنۇشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ناتونىڭ ئاسىياغىچە كېڭىيىپ، خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 24-مارت كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى جاۋ كېجىنى ئۇيغۇر رايونىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر رايوندىكى خىتاي ئەمەلدارلارغا «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تېررورلۇقنى يوقىتىپ مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە بۇنى قانۇنلاشتۇرۇش، ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، دۈشمەنگە توغرا زەربە بېرىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش» ھەققىدە تەلىمات بەرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن سېكرىتارى ۋاڭ مىڭشەن، ج خ نازارىتى باشلىقى چېن مىڭگو قاتارلىق ئەمەلدارنى جازالىشى ۋە ئارقىدىنلا ناتونىڭ يىغىنىدا بىرلىككە كېلىپ خىتايغا تاقابىل تۇرماقچى بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئولتۇرالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، خىتاي دەرھال بۇ ئەمەلدارىنى ئەۋەتىپ، ئاللىقاچان مېزى چۇۋۇلغان «تېررورلۇق» قالپىقىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ رايوندىكى خەلقنى داۋاملىق باستۇرىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاينىڭ بۇ مىنىستىرى غەربنىڭ بېسىمىغا قارشى ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە مەدەت بېرىش، ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىش، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ساختا تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىش ياكى بۇ قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ۋەتەنگە بارغان بولۇشى مۇمكىن. كېيىنكىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئېھتىماللىقمۇ يوق ئەمەس،» دېدى.