خىتاي ۋە ئۇكرائىنا ناتونىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان باشلىقلار يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.07.10
nato-radar-xitay-xerite خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىشى، ناتونى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ رايوندا كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشمۇ، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ساھىبخانلىقىدىكى 3 كۈنلۈك يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالماقتا.
Photo: RFA

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) غا ئەزا 32 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى مەزكۇر سىياسىى-ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇلغانلىقىغا 75 يىل بولغان بىر پەيتتە 9-ئىيۇلدىن باشلاپ ۋاشىنگتوندا توپلاندى. NATO، يەنى ناتونىڭ ھەربىي خام چوتى، ھەربىي سانائەت بازىلىرىنى كۈچەيتىش، ناتو قوماندانلىق قۇرۇلمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردىن سىرت، خىتاي مەسىلىسى ۋە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش يىغىننىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىدىكى نۇقتىلىق تېمىلاردىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. پىرېزىدېنت بايدېن 9-ئىيۇل ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە قىلغان سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇكرائىنانى قاتتىق قوغدايدىغانلىقى، پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى تولۇق بويسۇندۇرماقچى، ئۇنى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى، ئۇكرائىنا دېموكراتىيەسىنى يوقىتىپ، مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما «ئۇكرائىنا پۇتىننى توختىتالايدۇ ۋە توختىتىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىشى، ناتونى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ رايوندا كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشمۇ، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ساھىبخانلىقىدىكى 3 كۈنلۈك يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالماقتا.

ناتو ( (NATOياۋروپانى قوغداشنى ئىزچىل مەركىزى نۇقتىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ رۇسىيە ھەربىي سانائىتىگە ياردەم بېرىشى، شۇنداقلا تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي كېڭەيمىچىلىكنى كۈچەيتىشىدىن كېيىن، دىققىتىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىشقا باشلىغان. NATO نىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى باش سېكرېتارى ستولتېنبېرگ 9-ئىيۇل يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنىڭ غەلىبە قىلىشى، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەردىكى ئىستىبدات رەھبەرلەرنى جاسارەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ستولتېنبېرگ مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ئېغىر بەدەل ۋە ئەڭ چوڭ خەۋپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا غەلىبە قىلىشىدۇر. بىز بۇنىڭغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بۇ پىرېزىدېنت پۇتىننى جاسارەتلەندۈرۈپلا قالماي، ئىران، شىمالىي كورېيە ۋە خىتايدىكى ئىستىبدات رەھبەرلەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ.»

ستولتېنبېرگنىڭ كۆرسىتىشىچە، «بۇ ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى يەر شارى بىخەتەرلىكىنىڭ كەلگۈسى نەچچە ئون يىللىق ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.»

ئاقساراينىڭ 10-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان ناتو باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ھەققىدىكى بايانىدا، ناتونىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرگە «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ياۋرو-ئاتلانتىك ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ئالاقىسى» نى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى، مۇزاكىرە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سانائەت بازىلىرىغا ياردەم بېرىشى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئاقساراي يەنە ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش، تور مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ساختا ئۇچۇرغا قارشى ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، سۈنئىي ئەقىل ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ناتو رەھبەرلىرىنىڭ يىغىندا خىتاينىڭ رۇسىيە ئۇرۇش ماشىنىسىنى قوللىغانلىقى تەنقىدلىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن ناتو باشلىقلىرى يىغىنى ھارپىسىدا ۋاشىنگتوندىكى بروكىڭس ئىنستىتۇتىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ياردىمى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بىلىنكېننىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىملىق ناتو باشلىقلىرى يىغىنىغا ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى 4 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى، ياۋروپا بىلەن ئاسىيادىكى شېرىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇلار دۇچ كەلگەن خىرىسلارنى ئۆزئارا باغلىنىشلىق، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

بىلىنكېن مۇنداق دېگەن: «ناتو باشلىقلىرى يىغىنىغا بىزنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تۆت شېرىكىمىز، يەنى ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە، ئۆتكەن 3 يىلدىن بېرى قاتنىشىپ كەلگىنىدەك بۇ قېتىممۇ قاتنىشىدۇ. بۇ شۇنى نەرسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، بۇ خۇددى ئاسىيادىكى شېرىكلىرىمىزنىڭ ياۋروپادىكى خىرىسنى ئۆزلىرىگە باغلىنىشلىق، دەپ قارىغىنىدەك، ياۋروپادىكى شېرىكلىرىمىزنىڭمۇ ئاسىيادىكى خىرىسنى ئۆزلىرىگە باغلىنىشلىق، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. »

ھالبۇكى، ئانالىزچىلار ناتونىڭ دىققەت نۇقتىسىنى ھىندى-تىنچ ئوكيانغا قارىتىشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلماقتا. «نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى شيا مىڭ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىر ئاتلانتىك ئوكيان دۆلىتى، شۇنداقلا بىز ئامېرىكانى بىر تىنچ ئوكيان دۆلىتىمۇ دېيەلەيمىز. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە گېئو-سىياسى ئامىللىرى سەۋەبىدىن، خىتاي 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇپ قالدى. ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ رېئال تەھدىت خىتاي بىلەن بولغان تىركىشىشىدۇر. بەلكى، بۇ تىركىشىشنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى مەۋجۇت. »

شيا مىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، يەنى ناتونىڭ دىققىتىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىشى، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتىكەن. شىيا مىڭ 10-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندا خىتاي توقۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارغانچە كۈچەيتمەكتە. بۇ خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن چوڭ تەھدىت. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى تىنچ ئوكيانغا مەركەزلەشتۈرمەكتە. ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىكى شېرىكلىرىنى ناتوغا ئوخشاش بىر مۇداپىئە ئىتتىپاقى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، شىمالىي تىنچ ئوكيان ياكى تىنچ ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋەزىيىتى پەيدا قىلدى. مانا بۇ خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا. »

ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لى جيەن 10-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خىتاينىڭ ناتو مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل بىردەك. بىز ناتونىڭ رايون مۇداپىئە ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت خاراكتېرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن. لى جيەننىڭ كۆرسىتىشىچە، ناتونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا كېڭىيىشى قارشىلىشىش ۋە دۈشمەنلىكنى قۇترىتىپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن. »

لېكىن پىروفېسسور شيا مىڭ، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەپ، ئامېرىكانىڭ ئورنىغا دەسسەشكە ئۇرۇنۇشتەك ئەجەللىك خاتالىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايغا نىسبەتەن ئۇ ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئىگىلەيمەن، دەپ ئويلاپ، نۇرغۇن ئىشلاردا ئامېرىكاغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. ئامېرىكانىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ رۇسىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئېلىپ باردى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن ياۋروپا ئويغىنىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقىنى كۈچەيتتى. »

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ناتو بىلەن ئاسىيادىكى شېرىك دۆلەتلەر ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ يېقىنلاشماقتىكەن. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سوللىۋان، ناتو بىلەن ئاسىيادىكى شېرىك دۆلەتلەرنىڭ تۆت ھەمكارلىق تۈرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھەر بىر ھەمكارلىق تۈرى پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئوخشاش. ئۇ بولسىمۇ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يېتۈك ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتۇر» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.