ناتو: «خىتاي خەۋپسىزلىكىمىزگە بىۋاسىتە تەھدىتتۇر»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.07.11
Nato-summit «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىق خاتىرىسى يىغىن كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 10-ئىيۇل، ۋاشىنگتون
REUTERS/Evelyn Hockstein

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، 10-ئىيۇل ۋاشىنگتوندا ناتوغا ئەزا 32 دۆلەت رەھبىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «ناتو رەھبەرلىرىنىڭ ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتابنامىدە خىتاينىڭ ناتونىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى جاكارلانغان.

ناتونىڭ رەسمىي تورىدىكى باياناتقا ئاساسلانغاندا، ناتو چارشەنبە كۈنى خىتاينى «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ قوللىغۇچىسى ۋە تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» بولۇپ قالدى دەپ ئەيىبلەپ، «ناتو رەھبەرلىرىنىڭ ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان. بۇ خىتابنامە ناتونىڭ خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، 2019-يىلغىچە ئۇلار خىتايدىن ئەندىشە قىلىپ باقمىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە دەپ قارىمىغان. بۇ قېتىم ناتو خىتاينى ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە تەھدىت دەپ تونۇغان بولۇپ، خىتاينى رۇسىيە ئارمىيەسىگە زۆرۈر بولغان «قورال زاپچاسلىرى» ۋە باشقا تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ۋاشىنگتون باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى ۋە خىتاي تەھدىتى ھەققىدە كۆز قارشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

 «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، خىتاينى <رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ قوللىغۇچىسى، يەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى> دەپ جاكارلىدى. بۇ ناھايىتى توغرا بىر قارار. چۈنكى خىتاي رۇسىيەگە ياردەم قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. «ناتو رەھبەرلىرىنىڭ ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم تارىخى بىر قەدەم. چۈنكى ئۇلار بۇرۇن خىتاينى ياۋروپا ۋە شىمالى ئامېرىكىغا بىۋاسىتە تەھدىت دەپ قارىمىغانىدى. بۇ قارارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئىنتايىن مۇھىم» .

كۆپلىگەن ياۋروپا رەھبەرلىرى 2022-يىلىنىڭ بېشىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشتىن بۇرۇن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان «چەكسىز ھەمكارلىق» كېلىشىمىگە سەل قارىغان. ھەتتا پىرېزىدېنت بايدىن ئۇزۇن يىل دۈشمەن بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشالايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. 2023-يىلى 3-ئايدا، ئۇ كاناداغا قىلغان سەپىرىدە «مېنىڭچە بىز (خىتاي ۋە رۇسىيە) شېرىكچىلىكنى ھەددىدىن ئارتۇق ئاشۇرۇۋەتتۇق» دېگەن. ئەمما ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ 29 ئايدىن كېيىن، رەھبەرلەرنىڭ بۇ قارىشى زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن. ناتونىڭ خىتابنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:

 «گەرچە خىتاي رۇسىيەنى تولۇق قورال سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىمەسلىك ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي رۇسىيەنى كومپيۇتېر ئۆزىكى، ئىلغار يۇمشاق دېتال ۋە كېرەكلىك زاپچاسلار بىلەن تەمىنلىگەن؛ رۇسىيەنىڭ بۇزۇلغان ۋە ۋاقتى ئۆتكەن ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاپ، ئۇلارنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم قىلغان».

 مەزكۇر خىتابنامىنى ناتوغا ئەزا 32 دۆلەت رەھبىرىنىڭ بىردەك تەستىقلىشى ناتونىڭ خىتايغا قاراتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەسىدىكى چوڭ بۇرۇلۇش، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ % 50 نى ئىگىلىگەن ناتو دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق بەلگىلىشى ۋە تونۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

 «ياۋرو-ئاسىيا ئوبزورى» (Eurasia Review) دا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائەت شىركەتلىرى خىتايدىن نۇرغۇن زاپچاسلارنى ئىمپورت قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، خىتايدىن ئىمپورت قىلغان ئادەمسىز ئۇچقۇ (drones) ۋە يېنىك ئۈسكۈنىلەر ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قىلىۋاتقان رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن.

ناتونىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقى رۇسىيەنىڭ قوشنىلىرىغا ۋە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بارغانسېرى چوڭ خەۋپ ئېلىپ كەلدى دەپ كۆرسىتىلگەن. تېخى ئۆتكەن يىلغىچە، ناتو خىتاينى «سىستېمىلىق خىرىس» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئاتاپ كەلگەنىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بۇ يىل 5-ئايدا خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە، شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە رۇسىيە-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ «يېڭى دەۋرى» باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇلار يەنە ئالدىنقى ھەپتە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ» دەپ بىر-بىرىنى ماختاشقانىدى. دەرۋەقە بۇ يەردە كۆرۈلگىنىدەك، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى، دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش تۈپەيلى رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. بۇنداق ۋەزىيەتتە، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە يانتاياق بولۇپ، ياۋروپاغا تەھدىت سېلىۋاتقان خىتاينى تەھدىت دەپ قارىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.