ناتو بىلەن خىتاينىڭ زىددىيىتى دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
2024.07.15
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بولدى. يىغىن ئاخىرىدا، يەنى 10-ئىيۇل كۈنى ناتوغا ئەزا 32 دۆلەت رەھبىرىنىڭ بىردەك قوللىشى نەتىجىسىدە «ناتو رەھبەرلىرىنىڭ ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، ناتونىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ غالىب، ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىئە ئىتتىپاقى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. يىغىندا ئۇكرائىنانى قەتئىي قوللاش، ناتونىڭ كۈچ- قۇدرىتى ۋە مۇداپىئە سېپىنى كۈچەيتىش، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى؛ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئۇلغايتىش ۋە ئارقىغا سوزۇشتا ئوينىغان رولى تولۇق جەزملەشتۈرۈلدى ھەمدە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش پىلانى مۇھاكىمە قىلىندى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلېنكىن ناتو دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئوچۇق مۇنبەر» سۆھبىتىدە قىلغان سۆزىدە، ناتونىڭ ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كەلگۈسى خەۋپكە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ مۇشۇ يازدا ئۇكرائىنا ئاسمىنىدا ئۇچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن 11-ئىيۇل كۈنى ناتو دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ رۇسىيەگە ياردەم بەرگەنلىكى، تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغىنى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ناتوغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خىتابنامىدە، خىتاينىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ئوتىنى ئۇلغايتقۇچى ئاساسلىق كۈچ، شۇنداقلا خىتاينىڭ رۇسىيەگە ئوخشاشلا تەھدىت ئىكەنلىكى ئوچۇق جاكارلانغان بولۇپ، دۇنيادىكى تاراتقۇلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان. «ياۋروپا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 12-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ناتونىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مىرسىيا گېيونا (Mircea Geoana) خىتاينى ئاساسلىق تەھدىت دەپ قارىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي رۇسىيەنىڭ شېرىكى، ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەم بەردى ۋە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمىزگە بىۋاسىتە تەھدىت سالدى».
مىرسىيا گېيونا سۆزىدە يەنە، ناتو جاكارلىغان خىتابنامىدە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ناھايىتى ئېنىق، ئەمما ئېھتىياتچان ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز خىتاينى دۈشمەن دەپ جاكارلىمىدۇق، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنداق دېمەيمىز. ئەمما ئۇلار ھەقىقەتەن ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ <چەكسىز دوستلۇقى> بۇ ئىشلارنى بارغانسېرى تەسلەشتۈرۈۋەتتى» دېگەن.
ناتونىڭ باش كاتىپى جىنس ستولتېنبېرگ خىتاينىڭ رۇسىيەگە ئارقا سەپتىن مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيەگە كىرىۋاتقان 90 پىرسەنت ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ۋە باشقا قورال زاپچاسلىرىنىڭ خىتايدىن كىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ خىتاينى ئەيبلىگەن. خىتاي بۇلارنى ئىنكار قىلىپ، بىز رۇسىيە بىلەن خەلقئارا سودا پرىنسىپى بويىچە سودا قىلىۋاتىمىز دېگەن.
ئانالىزچى ئاندېرس كور رادىيومىزغا يوللىغان يازمىچە ئىنكاسىدا، ناتونىڭ خىتايغا يەنىلا يۇمشاق قوللۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ناتو خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئىزچىل ھالدا ۋەزىيەتنىڭ ئارقىسىدا قالدى. شۇڭا بىز بۈگۈن تەيۋەندىن تارتىپ ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە، ۋە شىمالىي كورېيەدىكى شۇنچە كۆپ ئۇرۇش ۋە بولغۇسى ئۇرۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. ناتو دىپلوماتىيە جەھەتتە تىرىشىۋاتىدۇ، خىتاينى ‹ئۇرۇش ئوتىنى ئۇلغايتقۇچى› دەپ ئاتىدى. ناتو ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ چوڭ ئىلگىرىلەشتۇر. ئەمما بۇ تەشكىلات ھېچ بولمىغاندا خىتايغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش ھەققىدىمۇ تۈزۈك گەپ قىلمىدى، خىتاينى رەقىب ياكى دۈشمەن دەپمۇ ئاتىمىدى. ئۇكرائىنا خەلقىنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم قىلىۋاتقان خىتاينى دۈشمەن دېمەسلىك، ھەقىقەتكە ۋە ناتو دۆلەتلىرى خەلقىگە قىلىنغان خىيانەتتۇر».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ناتوغا بولغان تەھدىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر خىتايغا ئىمبارگو قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ناتونىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى ئالدىدا خىتاينىڭ يۇمشاپ قېلىش ئېھتىمالى تۆۋەن. مەنچە، خىتاي يەنىلا ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى ئۆز قولۇمدا ئوينىتىمەن، دەپ ئويلايدۇ. پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ تېلېفوندا دېيىشكەن گەپلىرىدىن بۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۆتكەن يىل 3-ئايدىن بۇيان، خىتاي ئۆزىچە رۇسىيە بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق، دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتتۇق دەپ خىيال قىلىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىدىن بۇنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇلار ناتونى تار يەردە قىستىغانچە، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر خىتايغا سودا چەكلىمىسى ۋە باشقا ئېمبارگولارنى قويۇشى مۇمكىن».
خىتاي ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ناتوغا ۋاسىتىلىك ھالدا خىرىس قىلىۋاتقان بولۇپ، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى يىغىنى 9-ئىيۇل كۈنى باشلىنىش ئالدىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چېگراسىدا بېلورۇسىيە بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. 11-ئىيۇل كۈنى «سىياسەتچى» تورى ئېلان قىلغان خەۋەرگە كۆرە، ناتونىڭ باش كاتىپى جىنس ستولتېنبېرگ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي بىلەن بېلورۇسىيەنىڭ بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ناتونى بىئارام قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە خىتايدەك مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ئۆز خەلقىنى ئەزمەكتە، دېموكراتىيەنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرمەكتە، جەنۇبىي دېڭىزدا ئىغۋاگەرلىك قىلىپ، قوشنا دۆلەتلەرگە ۋە تەيۋەنگە تەھدىت سالماقتا» دېگەن.
گوردون چاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان، كۆپلىگەن دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىپ كېتىشىگە سەل قاراپ كەلدى. شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ‹چەكسىز دوستلۇق خىتابنامىسى› ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمىغا ئەسكەر ئەۋەتمىدى، ئەمما بېرىدىغان ياردەمنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ناتو خىتايغا ئەمدى سەل قارىسا بولمايدۇ، چۈنكى خىتاي ياۋروپاغا تەھدىت سېلىۋاتقان رۇسىيەگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ياۋروپاغا سالىدىغان تەھدىتى ئۇكرائىنا بىلەن چەكلەنگىنى يوق، ئۇنىڭ پولشاغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بېلورۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى كەلگۈسى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېشارەت بەرمەكتە. شۇڭا ناتو خىتاينىڭ ياۋروپاغا پۇت تىقىشىنى چەكلەشكە كەڭ كۆلەمدە تەييارلىق قىلىشى كېرەك».
ناتونىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى داۋام قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي يەنە -10ئىيۇلدىن باشلاپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر رايونىدا، «بۈركۈت قالقىنى-2024» ناملىق ھاۋا ئارمىيە مەشقىنى باشلىغان. بۇ ھەقتە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ ھەربىي مەشىق 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدىكەن. ۋاشىنگتوندىكى يىغىن مەزگىلىدە خىتاينىڭ بۇ خىل ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ بۆلەكچە جانلىنىپ كېتىشى كۆزەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەربىي مانېۋىرلار ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ناتوغا قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىشى ۋە كەلگۈسى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشى ھېسابلىنىدىكەن.
ئاندېرىس كور كوممۇنىست خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى ماھىيىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «1921-يىلدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيەسى تېخىمۇ كۆپ زېمىن ئىگىلەش، دۇنياۋى تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە خوجايىنلىق تالىشىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇ كۈچلىنىپ، ئۆز يېقىنلىرىنى ئەتراپىغا توپلاپ، ئامېرىكادىكى كاتتىباشلارنىمۇ ئۆزىگە تارتىپ، ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قايتىپ كەلمەكتە. خىتاي ئەمدى ئامېرىكاغا تەلەپ قويىدىغان ۋاقىت كەلدى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ناتو بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى رۇسىيە، بېلورۇسىيە، ئىران، شىمالىي كورېيە ۋە ۋېنېزۇئېلادىن تەركىب تاپقان رەزىللىك ئىتتىپاقىنىڭ بېشىغا ئايلىنىشتىن توسۇشى كېرەك».
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناتو ھازىر خىتاي قۇرۇۋاتقان رەزىل كۈچلەر ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ناتونىڭ مەقسىتى خىتاي بىلەن ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىش ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق بىر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.