خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت-كونترول سىستېمىسى ۋە بۇنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار (1)

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت-كونترول سىستېمىسى بىلەن باشقۇرۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ قۇل قىلىشى خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى.

يېقىندا ئامېرىكانىڭ مۇھىم سىياسىي تەتقىقات ئورنى بولغان خۇدسون ئىنستىتۇتىدا تەتقىقاتچى ئېرىك برۋون ۋە تەكلىپلىك تەتقىقاتچى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، گېرمانىيەلىك مۇخبىر كاي سترېتماتېر (Kai Strittmatter) بىلەن ئۇنىڭ يېڭى نەشر قىلىنغان «بىز خىتايدا ئىناق ياشاۋاتاتتۇق: خىتاينىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشاش» ناملىق كىتابى ھەققىدە تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى دۆلىتىگە ئايلىنىش ئەھۋالى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئەجەللىك زەربىسى مۇھاكىمە قىلىنغان.

يىغىندىكى تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، كىتابنىڭ ئاپتورى كاي سترېتماتېر گېرمانىيەنىڭ چوڭ گېزىتلىرىدە ئىشلىگەن، خىتايدا كۆپ مەزگىل تۇرغان داڭلىق مۇخبىر ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە كىتاب يازغان. ئۇ بۇ قېتىم مۇھاكىمە تېمىسى بولغان يېڭى كىتابىدا خىتاينىڭ ھازىرقى رېئاللىقىنى، يەنى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت-كونترول دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن؛ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاللىبۇرۇن غايەت زور سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، 1 مىليارد 400 مىليون ئادەمنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ كەلگەنلىكىنى ئەتراپلىق ۋە پاكىتلىق بايان قىلغان.

كاي سترېتماتېر ئەپەندى بۇ يىغىندا خىتايغا ئائىت كەچمىشى، كىتابىنىڭ يېزىلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان مۇھىم مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرغان. ئۇ 2018-يىلنىڭ ئاخىرى خىتايدىن ئايرىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ 40 يىللىق «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» تارىخىغا يېقىندىن شاھىت بولغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەسلىدە خىتاينىڭ يېڭى دىكتاتورلۇق يۈزلىنىشى ھەققىدە كىتاب يېزىشنى ئويلاشقان، چۈنكى ئۇ غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينى تونۇشىدا ئېغىر كەمچىلىك بارلىقىنى ھېس قىلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ مۇستەبىتلىك سىياسىتى ۋە بۇنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان ئۇسۇلىنىڭ غەرب ئەللىرىگە ۋابادەك يۇقۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئەمما 2017-يىلنىڭ بېشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن پىلانى ئۆزگەرگەن. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا سۈنئىي ئەقىل ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىغا قانداق ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، بۇ كەسىپتىكى شىركەتلەرنىڭ قانداق كۆپىيىپ كەتكەنلىكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نازارەت ۋە كونترول سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ۋە خەلقئارادىكى تەسىرىنى قانداق كۈچەيتكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2012-يىل ھوقۇق تۇتقاندىن باشلاپ، دېڭ شىياۋپىڭنىڭ «كوللېكتىپ رەھبەرلىك» تۈزۈمىنى ئاجىزلىتىپ، بارلىق ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان؛ ئاندىن كومپارتىيەنىڭ ھەممىنى كونترول قىلىش پىلانىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەممىنى ئالقىنىغا ئېلىش، نازارەت قىلىش، كونترول قىلىش ئۇنى يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتكەن. شى جىنپىڭ ماۋ زېدۇڭغا ئوخشاپ كەتمەيدىغان غەيرى مۇستەبىت، ئۇنىڭ يامان نىيىتى كۈچلۈك، خىتاينى ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى بىلەن تامامەن ئۆزگەرتىشنى، شۇنداقلا زامانىۋى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ پۈتۈن خەلقنى كونترول قىلىشنى ئويلايدۇ. خىتاي ھازىر ئۆزىنى يېڭى «تېخنىكا ئىنقىلابى» نى باشلىدۇق دەپ قارايدۇ. خىتايدىكى خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. يامان يېرى شۇكى، ئامېرىكادىكى بەزى شىركەتلەر خىتايغا زۆرۈر بولغان تېخنىكىلارنى تەمىنلەپ بەرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى نازارەت ۋە كونترول سىستېمىسى 2017-يىلدىن بۇرۇنلا تەقلىنىپ تەييار بولغان. خىتاي پەن-تېخنىكا مىنسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى 2017-يىل قىلغان بىر سۆزىدە سۈنئىي ئەقىلنىڭ كارامىتىنى ماختاپ: «بۇ نەرسە پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا كۆپ جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتىدۇ، كىملەرنىڭ كەلگۈسىدە تېررورىست بولىدىغانلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن. شۇ يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەملىك تۇتۇشقا باشلىغان. دېمەك، بۇ يەردە خىتاي سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى سۈيئىستېمال قىلغان. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت 2019-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيە ئېلىش ئورۇنلىرى» نىڭ ئەمەلىيەتتە رەقەملىك نازارەت-كونترول سىستېمىسى ئورنىتىلغان لاگېرلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ لاگېرلارنىڭ بەزىلىرى كېيىن ئەمگەك لاگېرلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇيغۇر رايونى تۇنجى بولۇپ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە كونترول تەجرىبىخانىسىغا، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بولسا تەجرىبە بويۇملىرىغا ئايلاندۇرۇلغان.

خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم بۇ سۆھبەتنى ئۆتكۈزگەن ئادۋوكات ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ سۆھبەتتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، غەرب ئەللىرىنىڭ «ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلىگەن خىتاي دېموكراتىيەگە قاراپ ماڭىدۇ» دەپ خاتا ئويلىۋالغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە غەربنىڭ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى كۈچەيتىش، خەلقئارادا بولسا كېڭەيمچىلىك قىلىش يولىغا ماڭغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى ئىشلەپ بېرىش، سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ھىيلىسى بىلەن ئۇلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى ۋە بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرىنى توپلىغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرلارنى غايەت زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇپ، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن «بىر تۇتاش كونترول قىلىش» سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىنى قاپلىغان «قارا تىزىملىك» تۇرغۇزۇپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى، ئالدى بىلەن ئۇ كاي ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىنىڭ مۇھىملىقى ۋە بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابتا نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى ئەڭ ھالقىلىق تېمىلاردىن بىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ ئامېرىكانىڭ يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋەزىپىگە ئولتۇرش ئالدىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگۈسى 30 كۈندە قانداق پىلانىڭ بار دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ياردەم بېرىدىغان تېخنىكىلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دېمەك، بۇ كىتابتا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى تاشقىي سىياسىتىدە نېگىزلىك ئورۇن تۇتىدىغان بىر مەسىلە بايان قىلىنغان».

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتابتا خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي يوللار بىلەن كېڭەيمچىلىك قىلىشىغا ئۇنىڭ ئامېرىكادىن ئوغرىلىغان تېخنىكىسىنىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىغا تايانغان مۇستەبىتلىكى 80 نەچچە دۆلەتكە كېڭەيگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ سۆھبەتتە قىلغان سۆزىدە ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى مايك پومپېيونىڭ خىتايدا داۋام قىلىپ كەلگەن قىرغىنچىلىقنى ‹يېڭى تىپتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىغانلىقىنى، بۇنىڭدا خىتايدىكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تېخنولوگىيە بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن تەرىپىنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتقان. زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇ بۇ سۆزىنى خىتايدىكى «بىر تۇتاش كونترول قىلىش سىستېمىسى» غا باغلاپ چۈشەندۈردى ھەمدە «ھېچقانداق دۆلەت بۇ تېخنولوگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتالمايدۇ،» دېدى.