خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت-كونترول سىستېمىسى ۋە بۇنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار (2)

0:00 / 0:00

يېقىندا خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشاش» ناملىق كىتاب ھەققىدىكى سۆھبەتتە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى تېخنىكا بىلەن كونترول قىلىدىغان تەجرىبىخانىغا ئايلاندۇرغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى مەھبۇس، مەيلى قۇل ئىشچى بولسۇن، ھەر خىل شەكىلدە خىتاينىڭ تەجرىبە مېلىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنغان. نۇرى تۈركەل ئەپەندى كىتاب ئاپتورى كاي سترېتماتېرنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە كونترول قىلىش تەجرىبىخانىسىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بىر ياقتىن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ ئۇيغۇر رايونىنى ئاشۇنداق سىناق بازىسىغا ئايلاندۇرسا، بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلاردا ۋە ئۇيغۇر رايونىدا قۇل ئىشچى قىلىپ شۇ رايونغا سالغان مەبلىغىنى تىرىلدۈرۈشكە، يەنى «ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش» قا تىرىشۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن تەقىپ ئاستىغا ئېلىشى ۋە قەبىھ سىناقلارنى ئېلىپ بېرىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تەجرىبە قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ھالبۇكى، بۇ تەجرىبە ئۇيغۇرلار بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. خىتاي يەنە بۇ تەجرىبىسىنى باشقا جايلارغىمۇ كېڭەيتىدۇ، ئۇيغۇرلار بۇنىڭ تۇنجى قۇربانلىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مەقسەتلىك ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى بارغانچە تونۇپ يېتىۋاتىدۇ.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ «بىر تۇتاش كونترول قىلىش سىستېمىسى» ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تەجرىبىسى بولۇپ، 2017-يىل يازدا مەزكۇر سىستېما 10 كۈندە تۇتۇلىدىغان 20 مىڭ ئادەمنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 16 مىڭ ئادەم جەزملەشتۈرۈلگەن، 4 مىڭ ئادەم ئۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قۇربان بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايچە دىكتاتۇرا ۋە تەقىپ سىياسىتى دۇنيا مىقياسىدا نورمال قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 80 نەچچە دۆلەتكە كېڭەيگەن. ئۇ، بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن غايەت چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى تولۇق نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكادىن ئوغرىلىغان ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە جاسۇسلۇق دېتاللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ كەلگەنلىكىنى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ ناھايىتى تەس ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھەتتا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىشپيونلۇققا سېلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكادىكى فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى تەكشۈرۈشى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاخىردا ئۇ ئامېرىكا جەمئىيىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا سودا ساھەسىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، خىتاينى ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتە چەكلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، شۇندىلا خىتايغا تاقابىل تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇدسون ئىنستىتۇتى ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاقىللار مەركىزى بولۇپ، نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۆتكەن يىل بۇ ئورۇنغا تەكلىپ قىلىنغان، ئۇ يەنە نيۇ-يوركتىكى تاشقىي مۇناسىۋەت كونسىيەسىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. ئۇ خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسەت بەلگىلەشتىكى ئورنى ۋە ئۇ جايدا خىزمەت قىلىش تەسىراتىنى قىسقىچە بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇدسون ئىنستىتۇتى ئامېرىكادىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنى ئاساس قىلغان ئاقىللار مەركىزى، تاشقىي مۇناسىۋەت كونسېيى بولسا دېموكراتلارنى ئاساس قىلغان ئاقىللار مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەر ئىككى ئورۇندا خىزمەت قىلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاي مەسىلىسى ئامېرىكادا پارتىيە ئايرىمايدىغان، ئىدېئولوگىيە ئايرىمايدىغان مەسىلە بولغاچقا، دۆلەت مەجلىسىدىكى خىزمىتىم ياكى ئاقىللار ئورنىدىكى خىزمىتىم بولسۇن، ھەممىسى ماڭا ماس كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىغا قايسىسى ئۇيغۇن كەلسە شۇنى قىلىمەن. چۈنكى بىر دۆلەت كۈچلۈك بولغاندا باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان ئىمكانىيەت بولىدۇ.»