1-ماي كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى، دوختۇر نازىم قەمبىرى 90 يېشىدا ۋاپات بولدى. نازىم قەمبىرىنىڭ جىنازا نامىزى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان لېبېدىنوڧكا مەھەللىسىنىڭ «مۇستافا» مەسچىتىدە ئوقۇلۇپ شۇ مەھەللىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
نازىم قەمبىرىنىڭ ۋاپاتىدىن بىشكەكتىكى ئۇيغۇر جامائىتى چوڭقۇر قايغۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن بىر يوقىتىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشتى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنتاي سەلىموف نازىم قەمبىرىنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى، جامائەت ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف «نازىم قەمبىرىنىڭ ۋاپاتى پەقەت قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىر يوقىتىش بولدى» دەپ تەرىپلىدى. ئۇ، نازىم قەمبىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر تارىخ ئىكەنلىكى، قىرغىزىستان سەھنىلىرىدە نازىم قەمبىرىنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر شەخس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

نازىم قەمبىرى 1933-يىلى، 2-ماي غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ، 1944-1949-يىللىرى مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرىي شەخسلىرىدىن بىرى قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ئوغلى. ئۇ، 1951-1958 يىلى چاڭچۈن شەھىرىدىكى ھەربىي تېببىي ئىنىستىتۇتقا كىرىپ ئوقۇپ دوختۇر بولۇپ يېتىشكەندىن كېيىن 1958-يىل قەشقەردىكى سەھىيە تېخنىكومىدا مائارىپ مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت قىلغان. شۇ يىلى مەريەم قادىروۋا خانىم بىلەن ئائىلە قۇرۇپ ئىككى پەرزەنتلىك بولغان. 1962-يىلى ئائىلىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ، شۇ ۋاقىتتىكى فرۇنزې، يەنى بۈگۈنكى بىشكەك شەھىرىگە يەرلەشكەن. ئۇ بۇ شەھەردە كۆپ يىللار شەھەرلىك دوختۇرخانىدا دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ، قىرغىزىستان سەھىيەسىگە يىڭنە بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى كىرگۈزگەنىدى. نازىم قەمبىرى كۆپ ئىزدىنىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ساقلىقنى ساقلاش ۋە باشقا ساھەلەردە نۇرغۇن ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئۆز كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرغان.ئۇ، 2014-يىلى 81 يېشىدا پېنسىيەگە چىققانىدى.

رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نازىم قەمبىرىنىڭ سىڭلىسى نۇرانىيە قاسىموۋا مەرھۇمنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە ھاياتى ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لوندوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، 2015-يىلى قىرغىزىستاندا نازىم قەمبىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر سەنئىتىگە قىممەتلىك تۆھپە قوشقان قاسىمجان قەمبىرىنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن مەلۇمات ئىگىلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، نازىم قەمبىرى ھەققىدىكى ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئورتاقلاشتى.
نازىم قەمبىرى قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ 1980-يىللاردىن باشلاپ بارلىق ئىشلىرىدا، جۈملىدىن مەدەنىيەت ئىشلىرىدا ئالدىنقى پىداكارلىق رولىنى ئويناپ خەلق ئىچىگە كەڭ تونۇلغانىدى.