گېرمانىيەدە ئوقۇپ قايتقان دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللا 2014-يىلى گېرمانىيەنىڭ گوتتىڭگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگىنىدە، چەتئەلگە ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئۈچۈن چىققان كۆپىنچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئوخشاشلا ئەركىن دۇنيادا قېلىپ قېلىش ياكى ئاسارەتتىكى ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشتىن ئىبارەت بىر ئاچالغا دۇچ كەلگەن؛ ھەر ئىككى يولدىكى ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىك ۋە قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە ئۇزۇن ئويلانغان نەبىجان ھەبىبۇللا ئاخىرى يۇرتىغا قايتىشقا قارار بەرگەن. ئەمما قىسمەت، ئۇ كۈتكەندەك، ئەل قوينىدا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى بەرمىگەن؛ ئەكسىچە بەزى دوستلىرى ئاگاھلاندۇرغىنىدەك، قاراڭغۇ كامېرغا سولىنىپ، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورالى-مۇنبەر ۋە قەلەمدىن ئايرىلىپ قالغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

توردىكى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللا 1983 ‏-يىلى لوپ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 2002‏-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ خىتاي تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن؛ 2006-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، 2010‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، 2011‏-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان. 2012‏-يىلى گېرمانىيەنىڭ گوتتىنگىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن نەبىجان ھەبىبۇلا 2014‏-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگىنىدە ئەتراپتىكى ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، يۇرتىغا قايتماسلىققا ۋە ئەركىن دۇنيادا ياشاش ھەم خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىنغان.

نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ دوستلىرى بىلەن يېقىن ئالاقىسى بولغان، نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، نەبىجان ھەبىبۇللا ئىلمىي تەتقىقاتقا باشچىلاپ كىرىش ۋە جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلىك مەسىلىلەردىن ئۆزىنى تارتىش ئارقىلىق، ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ۋە يۇرتىغا قايتقان. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ 4 يىلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كادىرلار بۆلۈمى خادىمى خۇددى مەكتەپتىكى باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاشلا نەبىجان ھەبىبۇللا ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرمىدى. ھەتتا ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىدا بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغىمۇ جاۋاب بېرەلمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نەبىجان ھەبىبۇللا گېرمانىيەدىن قايتقاندىن كېيىن، ئاۋۋال بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا، ئىككى يىلدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان. دەسلەپتە ئىشلار ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك ئوڭۇشلۇق داۋام قىلغان: ئۇ 2016-يىلى 6-ئايدا «خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان كونا ئۇيغۇر بۇددىست تېكىستلىرىدىكى پېئىللارنىڭ لۇغەت مەنىسى» ناملىق دوكتورلۇق ماقالىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. ئىككى يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت دەرىجىلىك، بىر ئاپتونوم رايونلۇق دەرىجىلىك، بىر مەكتەپ دەرىجىلىك 4 تەتقىقات تۈرىگە ئېرىشكەن. 10 نەچچە پارچە ماقالىسى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. 2017‏-يىلى «مۇنەۋۋەر باكالاۋىرلىق ماقالە يېتەكچىسى»، «مۇنەۋۋەر تەتقىقاتچى» بولۇپ باھالانغان. ئەمما 2018‏-يىلى 2 ‏-ئايغا كەلگەندە، ئىشلىرى بىردىنلا تەتۈرىگە مېڭىپ، مەكتەپتىكى بىرقانچە سەركە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خادىملىرى نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئالاقىدار ئورگانلاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما قايسى ئورۇننىڭ ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى دەپ بەرمىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ يىل 3-ئايدا نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى يېقىن دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىر ئاي بۇرۇن 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. ئابدۇۋەلىنىڭ بايان قىلىشىچە، نەبىجان ھەبىبۇللا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۇتقۇندىكى پروفېسسورى ئارسلان ئابدۇللانىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئارسلان ئابدۇللانىڭ تۇرسۇنجان بەختى قاتارلىق ئىككى دوكتورانتى بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتۇلغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئىگىلىشىچە، نەبىجان ھەبىبۇللا، 2018-يىلى 2-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۇنىۋېرسىتېت قوغداش بۆلۈمىگە چاقىرتىلغان ۋە قوغداش بۆلۈمىدە ساقلاپ تۇرغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى تەرىپىدىن قىسقا بىر سوراق قىلىنغاندىن كېيىن مەكتەپتىن ئېلىپ كېتىلگەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قوغداش بۆلۈمى خادىمى نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ شۇ كۈنلۈكتە تۇتۇلغانلىقى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئىلگىرى تۇتقۇندىكى شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس بىر يىغىۋېلىش ئورنى تەسىس قىلىنغانلىقى، ئۈرۈمچىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئېلىپ مېڭىلىشتىن بۇرۇن، ئەنە شۇ يىغىلىۋېلىش ئورنىدا بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

مەزكۇر قوغداش خادىمى، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىغا گۇماندارلارنى چاقىرتىپ ئەكېلىش ۋە ئۇچراشتۇرۇش ۋە قاماقخانىغا يۆتكەش ئىشلىرىدىلا ھەمكارلىشىدىغانلىقى، دېلونىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرى بولمايدىغانلىقى، شۇڭا نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ تۇتۇلۇشىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، كېسىلىشىدىن خەۋىرىنى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى ۋە پەرەزلىرىگە ئاساسەن، نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ تۇتۇلۇشى ۋە 15 يىللىق كېسىلىشىگە ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئوقۇش ھاياتى، ئارسلان ئابدۇللانىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئىكەلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يۇقىرىدا، گېرمانىيەدە ئوقۇپ قايتقان دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.