نەفىسە ئوغۇز: «بىگۇناھ تاغام ۋە خەلقىم ئۈچۈن ھېچبولمىغاندا گۇۋاھلىق بېرىش بۇرچۇم بار!»

0:00 / 0:00

2-ئاپرىل كۈنىدىن باشلاپ نەفىسە ئوغۇز ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۇيغۇر، تۈرك، ئىنگلىز ۋە خىتاي تىللىرىدا تىۋېتتېر، فېيسىبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان ۋىدىيولۇق گۇۋاھلىقى بەلگىلىك دىققەت ۋە ئىنكاس قوزغىماقتا.

نەفىسە 4 خىل تىلدىكى بۇ گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرىدا تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ ئىككى يىلغىچە خەۋىرى بولمىغانلىقى، كېيىن ئۇنىڭ كورلا شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلغان. ئۇ گۇۋاھلىقىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 6 يىلدىن بۇيان بىگۇناھ ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان تاغىسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ قولىدا تاغىسىنىڭ كىملىكى ۋە سۈرىتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ بەرگەن بۇ گۇۋاھلىقىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىم 1989-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان ئىكەن.

بىز نەفىسەدىن تۇتقۇندىكى تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتۇق. نەفىسە ئوغۇز 4-ئاپرىل كۈنى ئىستانبۇلدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

نەفسەنىڭ تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىم تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ئوخشىمىغان ئۇچۇر مەنبەلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياش كومپيوتېر ئىنژېنېرى ئالىم ئابدۇكېرىم ئائىلىۋى شىركەت بولغان «خالىس تاشقىي سودا چەكلىك شىركىتى» دە كومپيوتورۋە ئىنتېرنېت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن، ئۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن بۇ شىركەتمۇ تاقىلىپ قالغان. ھازىر ئۇ كورلادىكى بىڭتۇەن 2-دىۋىزىيەسىنىڭ تۈرمىسىدە 3153 نومۇرلۇق مەھبۇس سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يوقۇرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.