يېقىندىن بۇيان ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق زاپچاسلارنى ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئامېرىكا تاموژنىسىدا تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى گېرمانىيەدىكى جىددىي مۇنازىرىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئەمدى گېرمانىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار ماشىنا ئادەم شىركىتى بولغان «نەئۇرا روبوتىكس» (Neura Robotics) نىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغانلىقى يەنە بىر مۇھىم خەۋەر سۈپىتىدە دىققەتنى تارتتى. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خىمىيە سانائىتى ماگناتى بولغان BASF ئالدىنقى كۈنلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قېلىپ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، خىتايدىن چېكىنىشنى ئاشكارا جاكارلىغان ئىككىنچى گېرمانىيە شىركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 22-فېۋرال ئېلان قىلغان «يەنىلا گېرمانىيەدە ئىشلەپچىقارغان ياخشىمۇ؟ : گېرمانىيەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ماشىنا ئادەم شىركىتى خىتايدىن چېكىندى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مەركىزى گېرمانىيەنىڭ بادېن-ۋۈرتتەمبېرگ (Baden-Württemberg) شىتاتىغا جايلاشقان «نەئۇرا روبوتىكس» ناملىق بۇ شىركەت سۈنئىي ئىدراك بىلەن ماشىنا ئادەمنى بىرلەشتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تونۇلغان ئەڭ ئىلغار ماشىنا ئادەم شىركەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايدا 4 خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركىتى بار ئىكەن. بۇ شىركەتلەر 2019-يىلى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى «خىتاي ماشىنا ئادەم شىركىتى» ناملىق بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. بىراق بۇ خىتاي شىركىتى ۋەدە قىلغان مەبلەغ بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتايدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىشى خەتەرلىك بىر ئامىلغا ئايلانغان.

«نەئۇرا روبوتىكس» نىڭ دىرېكتورى داۋىد رېگېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئۇلار گېرمانىيەدە ئېنېرگىيە تەننەرخى يۇقىرى بولۇشتەك رىقابەتلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، يەنىلا گېرمانىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولىدىكەن ھەمدە دۇنيانىڭ ئىشەنچى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار «خىتاي ماشىنا ئادەم شىركىتى» نىڭ قولىدىكى بارلىق پايچېكلارنى سېتىۋېلىپ، خىتاي بىلەن بولغان بارلىق باغلىنىشىنى ئۈزگەن ۋە شىركەتلىرىنى گېرمانىيەگە قايتۇرۇشقا باشلىغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارغانسېرى چىڭىتىۋاتقان تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىغا، شۇنداقلا گېرمانىيەنىڭ ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلىرىغا باشقىلارنىڭ مەبلەغ سېلىنىشىنى قىيىنلاشتۇرۇش نىزاملىرىغا ئۇيغۇنلاشقانلىق بولىدىكەن.
«نەئۇرا روبوتىكس» شىركىتى خىتايدىن چېكىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق يۈز بەرگۈسى خەتەرلەردىن ساقلىنىشنى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مۈشكۈلاتلاردىن قۇتۇلۇشنى كۆزدە تۇتقانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «نەئۇرا روبوتىكس» شىركىتىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشىدە تۈرلۈك سەۋەبلەر بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىم سەۋەب يەنىلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ 2022-يىلى تۈزۈلۈپ 2023-يىلى يولغا قويۇلغان تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ خىتايدىكى گېرمانىيە شىركەتلىرىگە بەرگەن «ئاياش مۆھلىتى» ئاخىرلاشقان بولۇپ، گېرمانىيە شىركەتلىرى ئەمدى بۇ قانۇنغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتىدە قالىدىكەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يالغۇز گېرمانىيەدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتايدىن چېكىنىپ چىقىش يۈزلىنىشى باش كۆتۈرمەكتە ئىكەن.
گېرمانىيە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2024-يىلى 1-ئايغىچە گېرمانىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلىرى خىتايغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنى توختاتقان ياكى قايتۇرۇۋالغان. بىر قىسمى خىتايدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان. خىتايدىكى يەنە 44 پىرسەنت گېرمانىيە شىركەتلىرى چېكىنىپ چىقىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن. ھازىر خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر قىسىم گېرمانىيە شىركەتلىرى بولسا دەسمايىسىنى قايتۇرۇۋېلىپ، پايدىسىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىۋاتقان شىركەتلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ يەنە ئىككى يىل خىتايدىن نەپ ئېلىشقا ئۇرۇنۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا سېلىۋاتقان مەبلىغى 2023-يىلى ئاران 33 مىليارد دوللارغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.