نيۇ-يورك ۋە ئادېلايد شەھەرلىرىدە قىرغىنچىلىققا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلدى
2021.02.21

20-فېۋرال ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلغان. نامايىشنى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى بىلەن «دېموكراتىيەنى مۇداپىئە قىلىش» تەشكىلاتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا بىر قىسىم يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاۋسترالىيە سىياسىيونلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار تەشكىللىگەن نامايىشقا ئۆزلىرى بىۋاسىتە قاتنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، 20-فېۋرال ئۇيغۇر ئامېرىكا ئاكادېمىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نيۇ-يورك شەھەردە «ئائىلەم نەدە» ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

«ئائىلەم نەدە» ھەرىكىتى تۈركىيەدە باشلانغان بولۇپ، ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە مۇھىم ساياھەت ئورۇنلىرىدا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

نامايىش نيۇ-يورك ۋاقتى سائەت 1 دە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق باش شتابى ئالدىدا باشلانغان. كېيىن ئۇ يەردىن خىرالد مەيدانىغا يۆتكەلگەن ۋە ئەڭ ئاخىردا دەۋر مەيدانىدا چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ يېرىمىغىچە داۋام قىلغان.
نيۇ-يوركتىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمتىمىن دوختۇرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نامايىش جەريانىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن»، «لاگېرلار تاقالسۇن» دېگەندەك شوئارلار توۋلانغان ۋە تەشۋىقات ماتېرىياللىرى تارقىتىلغان.