ئامېرىكادا ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن ئۇيغۇر قىزى نىگارە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا لاگېردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ماسساچۇسىت تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى نىگارە نىزامىدىن. 2019-يىلى 25-ماي.
ئامېرىكىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ماسساچۇسىت تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى نىگارە نىزامىدىن. 2019-يىلى 25-ماي.
RFA/Méhriban

25-ماي، شەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ گېئورگىيە شىتاتى رومې شەھىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نىگارە نىزامىدىن ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى 2019-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش نۇتقى سۆزلىگەن.

نىگارە شۇ كۈنكى نۇتقىدا ئاۋۋال ئۆزىگە ئوخشاش ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن بارلىق ساۋاقداشلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى جاپالىق ئوقۇش ھاياتىنى تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. ئۆزى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھايات قەدەملىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ نۇتقىدا دېيىلگەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ۋە ئىنسانىيەت 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكىدەك بىر دەۋردە ئانا يۇرتىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان لاگېرلاردا ئىنسانىي ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى ھەققىدىكى بايانلىرى فەيىسبوك، تۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا كۆرۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان يوللانمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە نىگارە نىزامىدىن ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بوستۇن شەھىرىدىكى ماساچۇسىتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ 2019-يىللىق ئىنژېنېرلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ، بۇ يىل كۈز پەسلىدە مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى باشلايدىكەن.

29-ماي كۈنى نىگارە نىزامىدىنمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 25-مايدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ بايانىدا ئۆزىنىڭ 2019-يىللىق قاراردىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ساۋاقداشلىرىغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، نۇتقىدىن كېيىن مۇراسىمغا قاتناشقان ساۋاقداشلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەر خىل مەسىلىلەرنى سورىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم بېرىش ھەققىدە سوئاللار سورىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ كۈنى قىزى نىگارە بىلەن بىرلىكتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقان رىزۋان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قىزى نىگارەنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا گېئورگىيە رومې شەھىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىدە بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ۋاكالىتەن سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ شۇ كۈنكى مۇراسىمغا قاتناشقان 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنى تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىزى نىگارەدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رىزۋان خانىم، قىزى نىگارە 6 يېشىدىن باشلىغان 12 يىللىق ئوقۇش مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ئامېرىكادا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭمۇ نىگارەنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ نىگارەنى ئۆز ئىشىنى باشقا ئېلىپ چىقىشتا تىرىشىش، جاپانى يېڭىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە، تېخىمۇ مۇھىمى قىزى نىگارەگە كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رىزۋان خانىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نىگارە ئۇلار ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چېغىدا تۇغۇلغان بولۇپ، نىگارە بىر ياش ۋاقتىدا ئامېرىكاغا كەلگەنلىكى ۋە بۇ ئائىلە ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئاز بولغان گېئوگىيە شىتاتىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن، نىگارەنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى پەقەت ئائىلە ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش سۆزلىرىنى ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلەنگەن. ئەمما بۇ ئائىلىدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پاراڭلار جىق بولغىنى ئۈچۈن نىگارەدە كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەت يېتىلگەن.

رىزۋان خانىمنىڭ ئەسلىشىچە نىگارە مەكتەپتە بېرىلگەن ئەدەبىيات دەرسى تاپشۇرۇقلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلەرنى دائىم يېزىپ تۇرغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن بولسا، ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ھەتتا مەكتەپتىكى مۇئەللىملىرى ۋە ساۋاقداشلىرىغا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەر-ماقالىلارنى ئاڭلىتىشنى ئادەت قىلغان ئىكەن.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا نىگارە نىزامىدىن يەنە ئۆزىنىڭ بۇ يىل ماساچۇسىتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن ناھايىتى خوش بولغانلىقى ۋە پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزلىرىدە ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىدە ئۆز تىرىشچانلىقىدىن باشقا يەنە ئاتا-ئانىسىنىڭ جىق بەدەل تۆلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىللاردا ئاتا-ئانىسىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىشنى، جاپانى يېڭىشنى، غەمخورلۇقنى، مۇھەببەتنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆگەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇندىن كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىدا تىرىشىپ ئوقۇپ، ئۆز ئارزۇ-پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، پۇرسەت بولسىلا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى داۋاملىق ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت