فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى مۇقەددەس مىجىت خانىم ئىشلىگەن قىسقا بەدىئىي فىلىم «نىكاھ»، 20-ماي فىرانسىيە-گېرمانىيە بىرلەشمە تېلېۋىزىيە قانىلى Arte دا رەسمىي كۆرسىتىلىشكە باشلىغان. مەزكۇر فىلىمدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، ئىنسانىي، دىنىي ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان سىياسەتلەرنى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۈچەيتكەن 2017-يىلى مەزگىلىدىكى ۋەزىيەت، بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ نىكاھ ئوقۇتۇپ توي قىلىشى سەۋەبلىك يۈزلەنگەن پاجىئەسى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ۋە قىممەت قارىشىنى قوغداش تىرىشچانلىقى سەۋەبلىكمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى بەدىئىي شەكىلدە يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن يىراق، چەتئەللەردە ئىشلەنگەن بۇ فىلىمنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىشلىنىش جەريانى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىغا دىققەت بەرگەيسىز.
«نىكاھ» فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى
ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل مەسىلىلەر، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى خەلقئارادىكى ئوخشىمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھۆججەتلىك فىلىم ياكى زىيارەت فىلىملىرى ئارقىلىق يورۇتۇلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ھاياتى يورۇتۇپ بېرىلگەن بەدىئىي فىلىملار ئاساسەن يوق دېيەرلىك. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كىنو فىلىم ئىشلەش ساھەسىنى ئىنتايىن چوڭ بوشلۇق دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇسۇل، مۇزىكا ۋە باشقا تۈرلۈك سەنئەت ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇر خەلقى يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە تراگېدىيەلەرنى دۇنياغا بەدىئىي شەكىللەردە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان فىرانسىيەدىكى كۆپ قىرلىق سەنئەتكار، بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى مۇقەددەس مىجىت، مۇشۇ خىل بوشلۇقنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ 2015-يىلىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇر ھاياتىنى تېما قىلغان بىر فىلىم ئىشلەش ئارزۇسىدا سېنارىيە يېزىشقا كىرىشكەنىكەن.

مۇقەددەس مىجىتنىڭ يازغان «نىكاھ» فىلىمىنىڭ سېنارىيەسى فىرانسىيە دۆلەتلىك فىلىم مەركىزى، گېرمانىيە-فىرانسىيە تېلېۋىزىيە قانىلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇۋەپپەق بولغان.
يېقىنقى كۈنلەردە، بەدىئىي فىلىم «نىكاھ» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىپ چىققان. مەزكۇر فىلىم 20-مايدىن باشلاپ فىرانسىيە-گېرمانىيە بىرلەشمە تېلېۋىزىيە قانىلى Arte دا، رەسمىي تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. بۇ فىلىم بىر ئايغىچە بۇ تېلېۋىزىيە قانىلىدا تاماشىبىنلارغا ئېچىۋېتىلىدىكەن.
مۇقەددەس «نىكاھ» فىلىمىنى ئىشلەشتە، فىرانسۇز رېژىسسور باستىيېن ئېخوزان (Bastien Ehouzan) بىلەن ھەمكارلاشقان. فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىغا قارىغاندا، ئۇنىڭدا ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان 2017-يىلىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى تەسۋىرلەنگەن. فىلىمدىكى باش پېرسوناژ27 ياشلىق دىلبەر، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ تويىنى بالدۇرراق قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئائىلە ۋە باشقىلارنىڭ بالدۇرراق ياتلىق بولۇشى توغرىسىدىكى بېسىملىرىدىن چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان دىلبەر، ئاخىرى فىرانسىيەدىكى دوستىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن پارىژدىكى بىر ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن تونۇشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئەتراپىدا مەھەللىلەرنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى، ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلارغا مەجبۇرىي نىكاھلىنىۋالغانلىقى، ئىنسانلار ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇنغا ئۇچراپ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقى، چەتئەللەرگە چىقىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارغانچە تارىيىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئاخىرى، قىزىنى پارىژدىكى توي قىلىشقا پۈتۈشكەن يىگىتنىڭ يېنىغا يولغا سېلىش ئالدىدا، تور ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نىكاھىنى ئوقۇتۇپ، تويىنى قىلىپ قويىدۇ. ئەمما بۇ ۋاقىت دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانچە نىكاھ ئوقۇتۇپ توي قىلىش ئادىتىنىمۇ قاتتىق چەكلەۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىدۇ. نەتىجىدە دىلبەرنىڭ توردا تونۇشۇپ ۋە نىكاھلانغان كەلگۈسى ئېرى بىلەن پارىژدا جەم بولۇش ئارزۇسى بەربات بولىدۇ.
50 مىنۇتلۇق بۇ بەدىئىي فىلىم، دىلبەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنى يىراق يۇرتلاردا يورۇتۇش ئۇچرىغان رىقابەتلەر
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىلىم ئىشلىگۈچى مۇقەددەس مىجىت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، «نىكاھ» فىلىمىنىڭ سېنارىيەسىنى يېزىشقا باشلىغان مەزگىللەردە فىلىمنى ئۇيغۇر دىيارىدا سۈرەتكە ئېلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيانقى پۈتۈنلەي قامال قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئېغىر ۋەزىيەت سەۋەبلىك، ئۇ فىلىمنىڭ سېنارىيە ۋە ۋە سۈرەتكە ئېلىش ئورۇنلىرىنىمۇ ئۆزگەرتكەن.
مۇقەددەسنىڭ بايان قىلىشىچە، دەسلەپ ئۇ ئۇچرىغان ئەڭ قىيىن مەسىلە فىلىمغا لايىق مەبلەغ تېپىش بولغان بولسا، فىلىم ئىشلەش جەريانىدىكى ئۇلار ئۇچرىغان ئەڭ زور رىقابەت، سۈرەتكە ئېلىشقا مۇۋاپىق جاي ۋە رول ئالىدىغان ئۇيغۇر ئارتىس تېپىش مەسىلىسى بولغانىكەن.

«نىكاھ» فىلىمىنى ئىشلەش گۇرۇپپىسى فىلىمنىڭ چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، فىلىمنى ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئاخىرى، ئۇيغۇر دىيارىغا جۇغراپىيە ۋە مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە يېقىنراق شارائىتلارغا ئىگە ئوتتۇر ئاسىيادا سۈرەتكە ئالغان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلارنى، ئۇيغۇر دىيارىدا تېلېفوندا تارتىلغان سىنلىق كۆرۈنۈشلەرنى تەبىئىي ھالدا كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ھەل قىلغان.
مۇقەددەس گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر توپلۇقى بىر قەدەر زىچ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بىلەن ئوخشاشلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئۇلار، ئوتتۇر ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇللىرى، ئائىلىدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى، تىلى، ئۆي ۋە مەھەللە قۇرۇلمىلىرىدا يەنىلا بەلگىلىك پەرقلەرگە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبلىك، فىلىمدا ھالقىلىق ئامىللارنى گەۋدىلەندۈرۈشتە يەنىلا رىقابەتلەرگە دۇچ كەلگەنىكەن.
بۇ 50 مىنۇتلۇق قىسقا بەدىئىي فىلىمدا، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بالدۇرراق بىر ئەرگە تېگىشى توغرۇلۇق ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە بېسىمغا ئۇچرىغان باش پېرسوناژ دىلبەرنىڭ ئامالسىزلىقى، ئازابلىرى ۋە چىقىش يولى ئىزدەش داۋامىدا بېشىغا كەلگەنلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ھەم ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت ئىخچام ۋە تەسىرلىك ھالدا يورۇتۇشقا تىرىشىلغان.
كىنودىكى يارقىن ئوبراز ۋە كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە توختالغان مۇقەددەس، باش رول يەنى دىلبەرنىڭ رولىنى ئوينىغان ياۋروپادىكى سېرك ماھىرى گۈزەلنۇر ئۇچقۇننىڭ، دىلبەر ئوبرازىنى ئىنتايىن تەبىئىي ياراتقانلىقىنى فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدىكى ھالقىلىق ئامىلنىڭ بىرى دەپ باھا بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ زۇلۇمى يورۇتۇلغان بۇ فىلىمدا رول ئېلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇرلاردىن جۈرئەت تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ فىلىمغا تاللانغان نۇرغۇن كاندىدات ئارتىسلار، بەزى ئەندىشىلەر سەۋەبلىك، بۇ سەزگۈر بولغان فىلىمدا رول ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. لېكىن گۈزەلنۇر ئۇچقۇن بۇ فىلىمدا رول ئېلىشقا غەيرىتىنى كۆرسەتكەن. گۈزەلنۇر ئۇچقۇن ۋە باشقا ئۇيغۇر رول ئالغۇچىلار، گەرچە مەخسۇس تەربىيەلەنگەن كەسپىي ئاكتىيورلار بولمىسىمۇ، ئۇلار ئوبرازلارنى ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن ياراتقانىكەن.
پروفېسسور ۋانىسا فىرانگۋىل: «ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى بەدىئىي شەكىلدە ئاڭلىتىش ئىنتايىن مۇھىم»
فىلىم ئىشلىگۈچى مۇقەددەس مىجىت «نىكاھ» فىلىمىنى ئىشلەش جەريانىدا يەنە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرىگە ئەھمىيەت بەرگەن. مۇقەددەس مىجىتنىڭ «نىكاھ» فىلىمىنىڭ سېنارىيەسىنى يېزىشى، فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش، ئىشلىنىش باسقۇچلىرىنى يېقىندىن كۆزەتكەن ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن، ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋانىسا فىرانگۋىل (Vanessa Frangville) «نىكاھ» فىلىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇقەددەس ئەڭ دەسلەپ مەزكۇر فىلىمنىڭ سېنارىيەسىنى 2015-يىلى يېزىشقا باشلىغانىدى، ئۆزىڭىز بىلگەندەك ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىنىپ كەتتى. بۇ فىلىمدا، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەردە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن زىيانكەشلىك قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى يورۇتۇلدى دەپ قارايمەن. تۇنجى قېتىم فىلىم ئاز بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارغا بېلگىيەدە كۆرسىتىلگەندە، تاماشىبىنلارنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. تاماشىبىنلار بەكمۇ تەسىرلەندى. فىلىم رەسمىي كۆرسىتىلىشكە باشلىغان ئارتې قانىلىنىڭ تاماشىبىنلىرىمۇ، ئاساسەن دۇنيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى بىلىدىغان كىشىلەرنى ئاساس قىلغان» .

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «فىلىمدا نوقۇل ھالدىكى بىر سىياسىي مەقسەت ياكى سىگنال گەۋدىلەنمەيدۇ. يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى جىددىي خەۋەر ياكى دوكلات قاتارلىق ۋاسىتىلەر ياكى سىياسىي سەھنىلەر ئارقىلىق ئاڭلاپ كەلدى. بۇ فىلىم كىشىلەرگە بۇ خىل بىرلا يۆنىلىشتە ئۇچۇر بېرىشتىن پەرقلىق ھالدا، بەدىئىي شەكىلدە تەسۋىرلەنگەن ھېكايە ئارقىلىق، ئۇلارنى شۇ ھېكايىدىكى پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قىزىقتۇرۇپ كىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
نىكاھ فىلىمدا تەسۋىرلەنگەن ئۇيغۇرلار، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئادەتتىكى كىشىلەردۇر، شۇنداق ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئويلاپ باقمىغان پاجىئەلەرگە ئۇچرىشى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار فىلىمدىكى ئۇيغۇر پېرسوناژلارنىڭ تۇيغۇلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي، سىياسىي بېسىم، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان بېسىملارنى تەبىئىي ھالدا يېقىندىن ھېس قىلالايدۇ. بۇ دەل فىلىمنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى دەپ قارايمەن».
پروفېسسورى ۋانىسا فىرانگۋىل يەنە فىلىمنىڭ قانداق كاتېگورىيەدىكى فىلىم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «نىكاھ» فىلىمى كىنوخانىلاردا كۆرسىتىلىدىغان كىنو فىلىمىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ قىسقا فىلىم كاتېگورىيەسىدىكى بىر بەدىئىي فىلىم. نورمالدا بۇ خىل قىسقا فىلىملار 25، 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ، بىز بۇ قىسقا فىلىم 50 مىنۇت يەنى ئادەتتىكى قىسقا فىلىملاردىن ئۇزۇن ئىشلەندى. فىلىم ئىشلەش زور مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان ۋە زور بىر تۈركۈم كەسپىي خادىملاردىن تەركىب تاپقان فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. بۇ فىلىم پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان. بەدىئىي قىسقا فىلىملار بىر خىل سەنئەت، ئۇنىڭ كۆرۈرمەنلىرى بەدىئىي سەنئەت جەھەتتە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە تەتقىقاتچىلارنى ئاساس قىلغان».
پروفېسسورى ۋانىسا فىرانگۋىل خانىم يەنە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈپ خىل ئامىل ۋە شەكىللەر بىلەن ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇشتا، نوقۇل ھالدىكى سىياسىي ۋەقەلىك ئەمەس بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى، ھېس تۇيغۇلىرى ئارقىلىق بۇ خىل بەدىئىي ۋە سەنئەتلىك شەكىلدە رېئاللىقنى يورۇتۇش تېخىمۇ جەلپكارلىققا ئىگە بىر ۋاسىتە دەپ قارايمەن. ‹نىكاھ› فىلىمى ئالدىمىزدا يەنە فېستىۋاللىرىدا قويۇلماقچى. مېنىڭچە ئۇ ئادەتتىكى تاماشىبىنلاردىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىيالايدۇ دەپ ئويلايمەن ۋە شۇنى ئارزۇ قىلىمەن».
فىلىم ساھەسىگە سېلىنغان «ئۇل»
مۇقەددەس خانىم مىجىت مەزكۇر فىلىمدا فىلىم ئىشلىگۈچى، سېنارىست قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي يەنە بىر داخان ئايال ئوبرازىنىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ياراتقان. ئۇ، ئىشلىگەن تۇنجى فىلىم «نىكاھ» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئالدىمىزدا ئۇ يەنە داۋاملىق ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى رول ئالغان فىلىملارنى ئىشلەشنى پىلانلىماقتىكەن. مۇقەددەس مىجىت خانىم، بۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى فىلىم ئىشلىشى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە فىلىم ئىشلەش ساھەسى ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ئۆگىنىش، تەجرىبە توپلاش ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە داۋاملىق فىلىملارنى ئىشلەشكە ئۇل سېلىش باسقۇچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.