ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى نىككى ھېيلېي خانىم يېقىندا ئامېرىكادىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقۇرى بولغان «گلېنبېك» رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەمدە خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنياغا پەيدا قىلىۋاتقان زور تەھدىتى ئۈستىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلغان.
نىككىي ھېيلى خانىم سۆزىنى «مەن خىتاينى ئويلىسام كېچىلىرى ئۇيقۇم قاچىدۇ»، دەپ باشلىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەندىن بىرى سىزنى كېچىلىرى ئۇيقۇسىز قويۇدىغان نەرسە نېمە دەپ سوراپ قالسا، مەن خىتاي دەپ جاۋاب بېرىمەن. خىتاينى ئويلىسام، كېچىلىرى ئۇخلىيالمايمەن. خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاراپ بېقىڭ. مېنىڭ ب د ت دىكى بىرىنچى يىلىمدا خىتاي ناھايىتى ئېھتىياتچان، ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشمايدىغان دۆلەت ئىدى. بىراق شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىشلار بىر كېچىدىلا ئۆزگەردى. ئۇلار ب د ت غا سىڭىپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئوخشىمىغان ئورگانلىرىنىڭ لىدىرى بولۇشقا ئۇرۇندى. ھەرقايسىي دۆلەتلەرگە بىزگە ئاۋاز بېرىسەن، بولمىسا، يوقىلىسەن دەپ ئۇلارغا ئوچۇق تەھدىت قىلدى ۋە بارغانسېرى قەبىھلەشتى. ئۇلار ھازىر ھەربىي تېخنىكىسىنى ھەدەپ يېڭىلاۋاتىدۇ، ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاۋاتىدۇ.»
نىككى ھېيلىي خانىم يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى مىسال كۆرسىتىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نىيىتىنىڭ ئىنتايىن قەبىھلىكىنى بىلدۈرگەن: «سىز يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قاراپ بېقىڭ. بۇ سىز بىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەمەس. بۇ دەپسەندىچىلىك خىتاينىڭ خاراكتېرىنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، مەسىلەن، ئۇلار بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلماننى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى، دىنىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادىغا خىلاپ ھالدا ھاراق ئىچىشكە زورلاۋاتىدۇ. لاگىېرلاردا قېيىن-قىستاق، جىسمانىي ۋە جىنسىي زوراۋانلىقلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. . . بىز (ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ) قايتا تەكرارلىنىشىغا يول قويمايمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن بىراق ئۇ ھازىر تەكرارلىنىۋاتىدۇ.»
نىككىي ھېيلىي خانىم مانا مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى تۇرۇلۇشى كېرەك، دېگەن: «ئالدىنقى قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىىقىسىنى خىتاي ئۆزىنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلاش ئۈچۈن قوللانغان. بىراق بۇ قېتىملىق ئولىمپك مۇسابىقىسى ئارقىلىق خىتاي دۇنياغا ‹مانا مەن بۇ دۇنيانىڭ يېڭى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچى› دەپ جاكارلاشنى پىلان قىلىۋاتىدۇ. دېگەنلىرىمنى ئىسىڭىزدە ساقلاڭ، ئەگەر بۇ ئولىمپىكتا ھەممە ئىش خىتاينىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئوڭۇشلۇق بولىدىكەن، ئۇلار دەرھال تەيۋەنگە ھۇجۇم قوزغايدۇ ۋە نەتىجىدە بۇ ئىش تۈگەيدۇ.»
نىككىي ھېيلى خانىم دېگەن سۆزىنى چۈشەندۇرۇپ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي خوڭكوڭدا دۇنيانى سىناپ باقتى، ھېچكىم بەك بىر نەرسە قىلالمىدى. ئەمدى ئۇلار تەيۋەننى ئالدى دېگەنلىك باشقا يەرلەرنىمۇ ئىشغال قىلىدۇ دېگەنلىكتۇر. ئۇلار باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئاستا-ئاستا مۇنقەرز قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قوللىنىۋاتقان تاكتىكىسىغا قارايلى، ئۇلار نۇرغۇن دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىپ پۇرسەت كۈتتى. كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بولۇشى بىلەن باشقا دۆلەتلەر قەرزىنى قايتۇرالمىغان ئىدى، ئۇلارغا ‹سەن قەرزىڭنى قايتۇرالمىدىڭ، ئۇنداقتا، شۇ ھەربىي بازاڭنى بىزگە بېرىسەن، بۇ پورتىڭنى بىزگە بېرىسەن، › دېدى. ھازىر خەرىتىگە قارىسىڭىز تېنىڭىز شۈركۈنىدۇ.»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى دىققەت نوقتىسى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ سۆزلىرى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ۋە جۈملىدىن دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
نىككىي ھېيلىي خانىم سۆزىدە يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىپ بىر كومىسسىيە قۇرغانلىقى ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىگە خىتاي بىلەن تىجارەت قىلماقچى بولغان ھەرقانداق شىركەت چوقۇم خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك، دەپ شەرت قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنى يۇقىرىقىلاردىنمۇ خەتەرلىك، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلغان: «سىز بىزنىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىمىزنى ئويلاپ بېقىڭ، بىزنىڭ سالامەتلىك ئۇچۇرلىرىمىز، خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىمىز ۋە ئائىلە ئۇچۇرلىرىمىز ھەممىسى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ قولىدا دېگەن گەپ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. خىتاي يۇقۇم مەزگىلىدە بۇ سىياسىتىنى قوللاندى. مەسىلەن، ئامېرىكانىڭ ‹خانىيۋېل› ۋە ‹3م› قاتارلىق ئىككى شېركىتى سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، خىتاي بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىزگە ئەۋەتىلىشىنى توساپ قويۇپ، ھەممىنى ئۆزلىرى سېتىۋالدى ۋە بۇ ئەسلىھەلەرنى بىز پەقەت خۇاۋېي شېركىتىنىڭ 5 گ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشكە ماقۇل بولغان دۆلەتلەرگە ئەۋەتىمىز، دېدى. بىز مانا مۇشۇنداق بىر دۆلەت بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز.»
ئامېرىكادىكى سىياسەت تەتقىقاتچىسى، «كور ئانالىتىك تەتقىقات ئورنى» نىڭ مەسئۇلى دوكتور ئاندرېس كورمۇ ھېيلىي خانىم بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا مەيلى ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە ياكى بايدىن ھۆكۈمىتى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىنىڭ سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق غايىسى تىجارەتنى كۈچەيتىش بولۇپ قالغانلىقتىن خىتايغا قارشى كەسكىن تەدبىرلەر روياپقا چىقمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان:
«ھېيلىي خانىمنىڭ ئامېرىكا خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك، دېگىنى توغرا. ئامېرىكادىكى چوڭ بانكىلار ۋە شىركەتلەر ئامېرىكا-خىتاي سودىسىدا تەخمىنەن 600 مىليارد دوللارلىق پايدىنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدۇ، چۈنكى ئۇلار يىلمۇ-يىل شۇنداق پۇل تاپتى. ئۇلار ۋەزىپىدە ئولتۇرغان پرېزىدېنتلارغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ مالىيە مىنىستىرلىقى ئارقىلىق. چۈنكى مالىيە مىنىستىرلىقىغا ئادەتتە سابىق بانكىرلار رەھبەرلىك قىلىدۇ. بىز خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ئىقتىسادىي جازانى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك.»
ئاندېرس كور ئەپەندى سۆزىدە خىتاينىڭ روسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقى خەۋپنىڭ زورايغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بىز شېرىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، دېگەن: «بىز ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ يېڭى ھەربىي تېخنىكىلارنى بېرىپ، ئۇلارنى كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەن ۋە ئاۋىستىرالىيەنىڭ ھەر بىرىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئاساس قىلغان يادرو تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئەسلىھەلىرىگە ئېھتىياجى بار ۋە بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك.»
نىككىي ھېيلىي خانىممۇ خىتاي تەھدىتى ھەققىدىكى سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن: «ئامېرىكا تەدبىرلىك بولۇشى، تېز ھەرىكەت قىلىپ لىدىرلىق قىلىشى كېرەك. چۈنكى يۇقۇم سەۋەبىدىن خىتايغا ئاچچىقلىنىۋاتقان ۋە خىتاينى جازالاشنى خالايدىغان دۆلەتلەر بار، ئۇلار بىز ۋە بىز بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار. . . مەسىلەن كانادا ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا تەييار. ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندىستان بۇلارمۇ خىتايدىن قاتتىق نارازى. . . ئامېرىكا مانا بۇ دۆلەتلەرنى دەرھال بىر ئارىغا ئەكىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينى ئەيىبلىشى، ئۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشى ۋە قىلغانلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەتكۈزۈشى كېرەك.»
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىننىڭ دېپلوماتىك سەپەرلىرى بۇنى نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن. بىراق ئۇمۇ ئامېرىكانىڭ مەيلى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنى توختۇتۇش ئۈچۈن بولسۇن دەرھال ۋە كەسكىن تەدبىر قوللىنىش ۋەزىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسىدۇر، دەپ تەكىتلىگەن.