ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «نىقابنىڭ ئارقىسىدىكى چىراينى كۆرگۈم بار!»

0:00 / 0:00

يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر قانچە ھۆججەتلىك فىلىم خەلقئارا جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى. جۈملىدىن، نورۋېگىيەلىك فىلىم رېژىسسورى خاۋىرد باستنېس(Håvard Bustnes) رېژىسسورلۇق قىلغان «نىقابنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 13-نويابىر كۈنى تۇنجى قېتىم ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى-DOC NYC فېستىۋالىدا قويۇلغان.

مەزكۇر فىلىمدا نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ گېرمانىيەدە پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن يۈزلىشىش جەريانى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى ئارخىپلاشتۇرۇش جەريانىدا ئۇچرىغان ھەرخىل روھى ھالەتلىرى باش تېما قىلىنغان.

ھۆججەتلىك فىلىملىرى بىلەن خەلقئاراغا تونۇلغان داڭلىق فىلىم رېژىسسورى خاۋىرد باستنېس فىلىمدا، خىتاينىڭ تۈرمىسىدە تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان بىر سابىق ئۇيغۇر مەھبۇس بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشقا ۋە جازالاشقا قاتناشقان بىر سابىق خىتاي ساقچىسىنى يۈزلەشتۈرگەن. مەزكۇر فىلىم زۇلۇمغا بىۋاسىتە ئۇچرىغان بىر ئۇيغۇر بىلەن زۇلۇم قىلغۇچى خىتاي ساقچىسىنىڭ يۈزلىشىشىنى كۆرسەتكەن تۇنجى فىلىم بولۇپ، فىلىمدا رېژىسسور ئۇلارنىڭ دىيالوگىنى ۋە بۇ ئىككىيلەننىڭ روھى ھالىتىنى ئەينەن كۆرسىتىش ئارقىلىق «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئىچكى يۈزىنى ئۇستىلىق بىلەن يورۇتقان.

رېژىسسور خاۋىرد باستنېس ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ قانداق بولۇپ مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەشنى قارار قىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا گېرمانىيەدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيتتى. نېمىشقا كىشىلەر ئاشۇنداق ۋەھشىيلىكنى توسۇپ قالالمىغاندۇ، دەپ ئويلايتتىم. خىتايدا ئاشۇنداق يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇلغانلىقنى ئاڭلىغىنىمدا ناھايىتى چۆچۈپ كەتتىم ۋە غەربتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە يېتەرلىك خەۋەر ياكى فىلىملارنىڭ بولماسلىقى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. كېيىنچە مەن خىتايدىكى ئاشۇ لاگېر-تۈرمىلەردە گۇندىپايلىق قىلغان بىر تۈرمە ساقچىسىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ھەققىدە فىلىم ئىشلەشكە قىزىقىپ قالدىم ۋە ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدىم. بىرەر يىلدەك سۈرۈشتۈرۈش جەرياندا ئابدۇۋەلىنىڭمۇ ئۇ كىشى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ئابدۇۋەلى بىزگە ئۇ خىتاي تۈرمە ساقچىسى بىلەن گېرمانىيەدە بىر مەخپىي جايدا كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشنى قارار قىلدۇق.»

فىلىمنىڭ باش پېرسوناژى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى مەزكۇر فىلىم ھەققىدە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، بۇ فىلىمنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان باشقا فىلىملارغا قەتئىي ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ فىلىمدا ئۇزۇندىن بۇيان يۈزلىشىشكە پۇرسەت كۈتۈپ كەلگەن خىتاي ساقچىسى بىلەن يۈزلەشكەندىكى ئاچچىق رېئاللىق ۋە بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى كەسكىن توقۇنۇشلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

خاۋىرد باستنېس ئەپەندى مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمغا «نىقابنىڭ ئارقىسىدا» دەپ ئېسىم قويۇلغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ھۆججەتلىك فىلىمغا ‹نىقابنىڭ ئارقىسىدا› دەپ ئىسىم قويدۇق. چۈنكى بۇ فىلىم ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن تۈرمە ساقچىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرۈشۈشى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىدۇ. ئابدۇۋەلى ئاشۇ تۈرمە ساقچىسى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭ ئاشۇ ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدە گۇۋاھلىق بەرگەندە يۈزىگە تاقىۋالغان ماسكىسىنىڭ كەينىدىكى چىرايىنى، يەنى نىقابىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي يۈزىنى كۆرگۈسى بارلىقىنى ئېيتقانىدى. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا بولسا فىلىمنىڭ نامى نىقابنىڭ ئارقىسىدىكى خىتاينى ۋە خىتايدا ھەقىقىي يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.»

مەزكۇر فىلىمدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنى تۈرلۈك روھى بېسىملاردىن قوغداپ نورمال ھايات كەچۈرۈش ياكى ئاشۇ روھى بېسىملارغا چىداپ تۇرۇپ مىللىتى ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئوتتۇرىسىدا قىينىلىۋاتقان روھىي ھالىتى ناھايىتى ئىنچىكە تەسۋىرلەنگەن. ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئايالى ۋە بالىلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنى دەپ مىللىتىنىڭ بېشىدا كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئايالى مېھرىگۈل مۇسانىڭ بۇلاقسۇ، قاراباغ 14‏-كەنت 2‏-مەھەللىدە ياشايدىغان ئىككى نەۋرە ئىنىسى 2020-يىلى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئېلىپ بېرىلغان ئاقسۇدىكى پاختىزارلىقتا ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن. مەزكۇر ۋەقە رادىيومىز تەرىپىدىن 2021-يىلى سېنتەبىردە دەلىللەنگەنىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكى بىلەن ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان ئائىلىلەر ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش ئارىسىدىكى تاللاشتا قىينىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرەك سۆزىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز بىرلىرىنىڭ دادىسى، بىرلىرىنىڭ بالىسى، يەنە بىرلىرىنىڭ ئانىسى ياكى ئاچىسى. چەتئەللەردىكى ئۆزىمىز يېڭەلەيدىغان قىيىنچىلىقلاردىن قورقۇپ، ئاشۇ يۇرتىمىزدىكى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ، تۈرمىلەردە خارلىنىۋاتقان دادىلارنىڭ، ئانىلارنىڭ، ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئاھۇ-زارىنى كۆرمەسكە ۋە ئاڭلىماسقا سالساق بۇ مەسىلە مەڭگۈ ھەل بولمايدۇ.»

خاۋىرد باستنېس ئەپەندى ئاخىردا ئۆزىنىڭ بۇ فىلىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا دىققەت تارتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مەن بىر فىلىم رېژىسسورى، مەندە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى يوق. ئەمما بۇ ھەقتە فىلىم ئىشلەپ خەلقئاراغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتايغا بېسىم چۈشۈرگىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەر قانداق كىچىك بىر ھەرىكەتنىڭمۇ پايدىسى بولىدۇ. ئابدۇۋەلى بىلەن پاراڭلاشقانسېرى مەن بۇ مەسىلىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئەلۋەتتە قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئاسان ئەمەس، لېكىن چوقۇم سىناپ بېقىش كېرەك. بۇ فىلىمنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچ بولمىسا بىر گۇگىل (Google) قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپرەك تونۇشقا ئىگە بولسىكەن، دېگەن ئۈمىدتىمەن. بۇ فىلىمنىڭ بۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تەگسە مەن شۇنىڭدىن مەمنۇن بولىمەن.»

ئاخىردا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ خىل تاللاشقا يەنە دۇچ كەلسە يەنە مىللىتى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشنى تاللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «‹مىڭ قېتىم تۇغۇلسام ئۇيغۇر بولىمەن› دەيدىغان ناھايىتى ياخشى بىر شېئىر بار. مەن مىڭ قېتىم تۆرەلسەم يەنە مۇشۇنداق قىلىمەن.»

DOC NYC فېستىۋالى 2012-يىلى توم پوۋېرس (Thom Powers) ۋە رافائېلا نېيخاۋسېن (Raphaela Neihausen) ھەمكارلىشىپ قۇرغان، نيۇ-يورك شەھىرىدە يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر فېستىۋالدا ھازىرغا قەدەر 300 دىن ئارتۇق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان. 2014-يىلى DOC NYC ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىغا ئايلانغان ھەمدە MovieMaker ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس بەش ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ يىللىق DOC NYC فېستىۋالى نيۇ-يورك شەھىرىدە 8-نويابىر باشلانغان بولۇپ، 26-نويابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن.