ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى چېخىيە دۆلەت رەئىسىدىن ئىلھام توختى ۋە د ئۇ ق نى نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.01.08
8-qetimliq-qurultay-ezaliri دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8-قېتىملىق قۇرۇلتاي ئەزالىرى ۋە رەھبەرلىرى خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى ئۆكتەبىر، سارايېۋو.
RFA/Hebibulla Izchi

ھەر يىلى دۆلەت رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرى ۋە داڭلىق ئاكادېمىكلار، دۇنيا مىقياسىدا تىنچلىق ۋە تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدا 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى 7-يانۋار كۈنى، چېخىيەنىڭ دۆلەت رەئىسى پېتېر پاۋېلغا ئىلھام توختى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئوچۇق خەت يازغان.

بۇ ئوچۇق خەتتە: «پىروفېسسور ئىلھام توختى خىتايدا خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان باستۇرۇشلار ئالدىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ھاياتىنى تېخىمۇ ئادىل جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا بېغىشلىدى. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى، ئۇنىڭ ئادالەتكە بولغان تەۋرەنمەس ئىرادىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىت دەپ قارىلىپ، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ‹بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش› جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى. ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 2019-يىلى ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ساخاروف مۇكاپاتىغا ۋە 2019-يىلى ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئىرادىسى كىشىلىك ھوقۇق كۆرۈشىدە ئۈمىد ۋە ئىلھام بېغىشلايدۇ» دەپ، يېزىلغانىدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ رادىيومىز ئارقىلىق ئاڭلارمەنلەر بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئورتاقلاشتى.

ئوچۇق خەتتە يەنە بۇ 50 تىن ئارتۇق تەشكىلات، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىياسپورادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ۋەكىللىك ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ھارماي-تالماي تىرىشىپ دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تۆھپە قوشقانلىقىنى، بۇنىڭ زۇلۇمغا قارشى تىنچلىق بىلەن كۈرەش قىلىش كۈچىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە د ئۇ ق ۋەقپى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى بوسنىيەدە چاقىرىلغان 8 قېتىملىق قۇرۇلتايدا. 2024-ئۆكتەبىر، سارايېۋو.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە د ئۇ ق ۋەقپى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى بوسنىيەدە چاقىرىلغان 8 قېتىملىق قۇرۇلتايدا. 2024-ئۆكتەبىر، سارايېۋو.
RFA/Hebibulla Izchi

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىتمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.

پېتېر پاۋېلغا يېزىلغان بۇ ئوچۇق خەتتە يەنە، 2017-يىلىدىن باشلاپ خالىغانچە قولغا ئېلىنغان ياكى غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوختۇر گۈلشەن ئابباس، راھىلە داۋۇت، دوكتور تاشپولات تېيىپ، دوكتور خالمۇرات غوپۇر قاتارلىقلار مىسال كەلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ دىققىتى ۋە تەشەببۇسىغا جىددىي موھتاج ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى «ئابدۇجېلىل تۇران ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى» دېگەن يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى، ئىستانبۇل.
د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى «ئابدۇجېلىل تۇران ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى» دېگەن يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى، ئىستانبۇل.
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان «ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا سەھنىلەردە كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ۋە ئىلھام توختىنى نوبېلغا تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش ھەمدە مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىغا ئېرىشىشتە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن» دەپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەللىكتىن جىق تەشكىلاتنىڭ ئىمزاسىدىكى بۇ خەتتە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى بارغانچە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، «پىروفېسسور ئىلھام توختى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق» بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە توختالدى.

بۇ ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغان تەشكىلاتلاردىن بىرى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بولۇپ، كومىتېت رەئىسى خەلچەم مەمتىمىن «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، ياكى شۇ مەنزىلگە يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق دىپلوماتىك پائالىيەت ۋە خەلقئارا سەھنىلەردىن ئەڭ ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىش بىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم» دەپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ھازىرغىچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قورۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى 2022-يىلى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2023 ۋە 2024-يىللىرى كانادا، نورۋېگىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى. ئىلگىرى بولسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ بىر قانچە قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى بولغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.