شى جىنپىڭنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى تورې ۋېستبى كىم؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەۋجىگە چىققان، مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېر-تۈرمىلەرگە قامىلىشقا باشلىغان 2018-يىلى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى تورې ۋېستبى (Thore Vestby) يېقىندا «نورۋېگىيە دوستلۇق ئۆمىكى» تەركىبىدە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرى نورۋېگىيەنىڭ فرونې كوممۇناسى (ناھىيە) نىڭ شەھەر باشلىقى بولغان تورې ۋېستبى (Thore Vestby) 2019-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە تۇنجى زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق زىيارەت ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى ئىكەن.

نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلى شى جىنپىڭنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن تورې ۋېستبىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدە خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا يانتاياق بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.

نورۋېگىيە دوستلۇق ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى «شىنجاڭ ياۋا ئات قەدىمكى ئېكولوگىيە باغچىسى» نى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى
نورۋېگىيە دوستلۇق ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى «شىنجاڭ ياۋا ئات قەدىمكى ئېكولوگىيە باغچىسى» نى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى (ts.cn)

بەختىيار ئۆمەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تورې ۋېستبىنىڭ شى جىنپىڭنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ ئەينى چاغدا «ئىچى فوندى جەمئىيىتى» (ICHI Foundation) نىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى نامىدا بېيجىڭدا تۇرۇپ خىزمەت قىلغانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە ھەمكارلاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

«خىتاي شىنجاڭ تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 7-سېنتەبىردىن 15-سېنتەبىرگىچە «نورۋېگىيە دوستلۇق ئۆمىكى» نامىدىكى بىر ئۆمەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، بورتالا ۋە سانجى قاتارلىق جايلىرىنى زىيارەت قىلغان. خەۋەردە يەنە مەزكۇر ئۆمەكتىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە يەرلىك ئىقتىسادىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ «تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقى» ھەققىدە داۋراڭ سېلىنغان.

ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتا تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم سىياسىيونلارنى ئۆزىنىڭ «ھەمكارلاشقۇچىسى» قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، نورۋېگىيەدە خىتاي كوممۇنىستلىرىنى قوللايدىغان يەرلىك سولچى نورۋېگىيەلىكلەرنىڭ، يەنى «ماۋچىلار» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، تورې ۋېستبىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتىنى نورۋېگىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا مەلۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«خىتاي شىنجاڭ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «نورۋېگىيە دوستلۇق ئۆمىكى» دىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى پەن-تېخنىكالىق دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى، ھەتتا كېۋەزلىكلەردە بىرەرمۇ دېھقاننى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلىغان. خەۋەردە يەنە «نورۋېگىيە دوستلۇق ئۆمىكى» دىكىلەرنىڭ «ئۆزلىرى ئاڭلىغىنىدەك رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى» نى كۆرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا دېھقانلارنىڭ يوقلۇقىدەك بۇ ئېيتىم، ئېتىزلىق مەيدانلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ماشىنىلاشقانلىقىنى ياكى ئۇيغۇر «مەجبۇرىي ئەمگەك» نىڭ يوقلۇقىنى ھەرگىزمۇ ئىسپاتلىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىگىلىنىشىچە، شى جىنپىڭنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى تورې ۋېستبىنىڭ خىتاي بىلەن ناھايىتى قويۇق سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. بۇ ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ چىققان نورۋېگىيەدىكى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، تورى ۋېستبىنىڭ «ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەسكەن» دېگەن ئاساسسىز سەپسەتەسىنىڭ ئارقىسىغا ئۇنىڭ خىتايدىن ئېلىۋاتقان نەپ ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ قېتىملىق «نورۋېگىيە دوستلۇق ئۆمىكى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلانغان، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىدا قانداق قوللىنىشنى ئالدىن بېكىتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

دەرۋەقە، نورۋېگىيەدىكى ئانالىزچىلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە نورۋېگىيەدەك «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» تارقىتىدىغان دۆلەتتىكى بىر سىياسىي ئەربابنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمۇپ، خىتاي تەشۋىقاتىغا «چۆپقەت» بولۇشى، تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ خىلدىكى كىشىلەردىن ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ، ھەقىقەتنى سۆزلەشنى تەلەپ قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.