جەۋھەر ئىلھام: «دادامنىڭ ئۇدا ‹نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى› غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا ياخشى پۇرسەت بولدى»

0:00 / 0:00

نورۋېگىيە نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى بۇ يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ نەتىجىسىنى 6-سېنتەبىر كۈنى نورۋېگىيە ۋاقتى سائەت 11:00 دە ئېلان قىلدى. يەنى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئىران تۈرمىسىدە قاماقتا يېتىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى نارگېس مۇھەممەدى خانىمغا بېرىلگەنلىكى جاكارلاندى. نارگېس مۇھەممەدى ئىران دائىرىلىرىنىڭ ئاياللارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن.

بۇ يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا» خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچىدە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىمۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى. ئۇ بۇ قېتىمقى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ تىزىملىكىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، 2019-يىلدىن 2022-يىلغىچە ئۇدا 4 قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ قارىغان ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قىزى جەۋھەر ئىلھام، رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «دادام بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ‹دەۋر گېزىتى› (TIME) تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بار ئالدىنقى 3 نامزاتنىڭ بىرى دەپ قارالغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر، شۇنداقلا مەن بۇنى خەلقئارادا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تونۇشنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنىڭ بىر پۇرسىتى دەپ قارايمەن. بۇ قېتىمقى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدە ھەمدە مېنىڭ ئائىلەمگە ئوخشاش نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. »

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بار، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ خەلقئارالىق كۈچى ئوخشاش ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىگە قارىغاندا غەرب دۇنياسىغا قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى مەۋجۇت. نوبېل كومىتېتىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى نارگېس مۇھەممەدىگە بەرگەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇمۇ دادام ئىلھام توختىغا ئوخشاشلا ئىراندىكى بىر سىياسىي مەھبۇس، ئۇمۇ ھاياتىنى ئۆز خەلقنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا بېغىشلىغان. مەن نارگېس مۇھەممەدى خانىمنى تەبرىكلەيمەن، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە يول ئېچىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. »

نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا جەمئىي 351 نامزات كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 259 نامزاتى شەخستىن، 92 نامزات تەشكىلاتتىن كۆرسىتىلگەن ئىكەن. بۇ يىللىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن تەشكىلاتلارنىڭ قاتارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بار ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، مەيلى ئىلھام توختى بولسۇن ۋە ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسۇن، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام توختى «مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئوخشاش خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ 2019-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە ئۇدا 5 قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى.