ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش گۇۋاھلىق يىغىنى نورۋېگىيە پارلامېنتىدا باشلاندى

0:00 / 0:00

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى»، د ئۇ ق ۋە نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى 4 چوڭ پارتىيەنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 17-ئۆكتەبىر كۈنى نورۋېگىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرى، لاگېر شاھىتلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشتىراكىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى باشلاندى.

گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسىدە نورۋېگىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ سۆزچىسى ھانسسون راسمۇس، لېبىراللار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مېلبىي گۇرى، خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئۇلشىتايىن داگ، نورۋېگىيە پارلامېنتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئۇننېلاند ئاندېرىياس، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ئادىلجان ئابدۇرېھىملەرنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ سوتچىسى جېففېري نايىس ئەپەندى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا، نورۋېگىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۇيغۇر جامائىتى ئۆتكۈزگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 17-ئۆكتەبىر.
نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا، نورۋېگىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۇيغۇر جامائىتى ئۆتكۈزگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 17-ئۆكتەبىر. (RFA/Ekrem)

17-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇنقى شاھىتلارنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىشى، ئالدى بىلەن شىۋېتسىيەدىكى لاگىر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن باشلاندى. ئۇنىڭ ئارقىدىن گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن فرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى سۆز قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق گۇۋاھلىق بېرىپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن كېيىن، ئامېرىكادىكى كوممۇنىزىم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادرىيان زېنز گۇۋاھلىق بەردى.

نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئادرىيان زېنزدىن كېيىن گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆز ئانىسىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا قۇربان بولغانلىقىنى، ئاكىسى ۋە ئىنىسىنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا، نورۋېگىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۇيغۇر جامائىتى ئۆتكۈزگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 17-ئۆكتەبىر.

17-ئۆكتەبىر دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە تەسىرلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئىجابىي بىر قارار قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

17-ئۆكتەبىر باشلانغان نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى نورۋېگىيەدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئىنتايىن تەسىرلىك بولغانلىقىنى بايان قىلدى. لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتبايمۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىپادە قىلدى.