نورۋېگىيەنىڭ سىتېۋانگېر شەھىرىدە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى لى جيەنشۇغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لى جيەنشۇنىڭ 3 كۈنلۈك نورۋېگىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن 15-ماي كۈنى پايتەخت ئوسلو شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ نامايىشنىڭ داۋامى 17-ماي كۈنى نورۋېگىيەنىڭ سىتېۋانگېر شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان.
نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەپتىشى پەرھات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، نورۋېگىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىگە توغرا كەلگەن بۇ نامايىشقا ھەرقايسىي شەھەرلەردىن كەلگەن كۆپ ساندىكى كىشىلەر قاتناشقان. بۇ نامايىش سىتېۋانگېردىكى يەرلىك خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ئىككى قېتىملىق نامايىش ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى بۇ نامايىشلارغا تۆھپە قاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە رەھمەتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامايىشلار ئارقىلىق نورۋېگىيەدە يەنە بىر قېتىم ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
17-ماي كەچتە سىتېۋانگېر شەھىرىنىڭ باشلىقى خىتاي ئەمەلدارى لى جيەنشۇنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەركمەكچى بولغان. نامايىش دەل شۇ زىياپەت بېرىلىدىغان مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان. سىتېۋانگېر شەھىرىدە ياشايدىغان، بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى مارىنا تۇرسۇن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى نامايىشچىلارنىڭ غەزەپلىرىدىن قورقۇپ ئارقا ئىشىكلەردىن مېڭىشقا مەجبۇر بولغان.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ كاتىپى ئادىلجان ئابدۇرەھىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ نورۋېگىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئىككى قېتىملىق نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت ھەققىدە نورۋېگىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا خەتلەر يوللاپ، خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نورۋېگىيە زىيارىتى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا خارلىنىۋاتقانلىقى خەلقئارادا جىددىي دىققەت تارتىۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلگەن بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نامەلۇم خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوسلودىكى نامايىش ئورنىنى ئالدىن ئىگىلىۋالغانلىقى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سىتېۋانگېردا نامايىشچىلاردىن قورقۇپ زىياپەت زالىغا ئالدى ئىشىكتىن كىرەلمەي ئارقا ئىشىكتىن كىرىشكە مەجبۇر بولغانلىقى نورۋېگىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان.
0:00 / 0:00