نورۋېگىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2022-يىللىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى 22-نويابىر كۈنى 60 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى چاقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. سۆھبەتكە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ داخىل بولغان.
«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يىغىنغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، «رافتو» فوندى قاتارلىق داڭلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى»، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان. يىغىنغا ھەربىر تەشكىلاتتىن پەقەت بىردىنلا ۋەكىل تەكلىپ قىلىنغان.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇئەتتەر ئەلقۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، جۈملىدىن ئاياللار، بالىلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇيغۇر ۋەكىللەر بۇ يىغىندا جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قېيىن ۋەزىيىتى توغرىسىدا ھازىرلىغان ئىككى دوكلاتىنى تەقدىم قىلغان.
بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يەنە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇش، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش، ب د ت دىن شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش قاتارلىق تەلەپ-ئىستەكلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.