مەرۋىنە تۇرسۇننىڭ تۇتقۇندىكى ئانىسى ۋە تاغىسى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقى نورۋېگىيە تاراتقۇلىرىدا دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان نورۋېگىيە دۆلەتلىك رادىيوسى ۋە ستېۋانگېر شەھىرىدە چىقىدىغان «ستېۋانگېر كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلاردا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن مەرۋىنە تۇرسۇننىڭ ئائىلىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر دىققەت قوزغىماقتا. مەزكۇر خەۋەرلەردە مەرۋىنە تۇرسۇننىڭ قارامايدىكى ئاپىسى مۇنەۋۋەر تۇرسۇن ۋە تاغىسى كامىل تۇرسۇننىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىلىپ، كېيىن كېسىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

نۆۋەتتە نورۋېگىيەنىڭ ستېۋانگېر شەھىرىدە ئىقتىساد كەسپىدە ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان مەرۋىنە تۇرسۇن 16-ماي كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ لاگېرغا تۇتۇلۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بىر مەزگىل سۈكۈت قىلغانلىقىنى، ئەمما يېقىندا لاگېردىكى ئاپىسىنىڭ كېسىلىپ تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەرۋىنەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ۋە نورۋېگىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ھاممىسى ھۆرنىسا تۇرسۇننىڭ يۇرتىدىكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۈزۈلۈپ قالغان.

يېقىندا مەرۋىنەنىڭ ھاممىسى قارامايدىكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق قاراماي 2-زاۋۇت رايونى، يەنى جەرەنبۇلاق رايونى يورۇق مەھەللىسى 20-بىنا 5-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق قاراماي نېفىتلىكىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئىشچىسى مۇنەۋۋەر تۇرسۇن (1965-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان) بىلەن مايتاغدىكى تاغىسى كامىل تۇرسۇن (1970-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان) ھەدە-ئىنى ئىككىيلەننىڭ مايتاغ تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى ئۇققان. ئەمما ئۇلارغا قانداق جىنايەت ئارتىلغانلىقى ۋە نەچچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان.

مەرۋىنە خانىم ئۆزىنىڭ 2017-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە ئاپىسى بىلەن ئۈندىداردا كۆرۈشكىنىدە ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تەربىيىلەش نامىدا بىر ئايلىق لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئۇققان. شۇ يىلى 7-ئايدا ئۇ ئاپىسىنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرتى قارامايغا بېرىپ كەلگەن. ئەپسۇسكى، 2017-يىلى 11-ئاي مەزگىلىدە دائىرىلەر ئۇنىڭ ئاپىسىنى چەتئەلدىكى ئاتالمىش «تېررورچىلار» بىلەن ئالاقىدە بولغان دېگەن جىنايەت بىلەن 2-قېتىم لاگېرغا قامىغان.

مەرۋىنە خانىم يەنە ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ ۋە نورۋېگىيەدىكى ھاممىسىنىڭ يۇرتىدىكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئارقىلىق ئەھۋالنى نورۋېگىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەنلىكىنى، ئەمما خەۋەرنى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىشتىن ئېھتىيات قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەرۋىنە تۇرسۇننىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئاپىسى ۋە تاغىسىنىڭ ئەھۋالىنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنى «خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى ئارخىپى» غا كىرگۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ بايانىدا ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ گۇۋاھلىق ئىسپاتلىرىنى توپلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسپات بەرگۈچىلەرنىڭ تەلىپى ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ئىسپاتلارنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا يوللىغاندىن باشقا تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى يەنە مەرۋىنەنىڭ بۇ قېتىم دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، نورۋېگىيەدىكى دۆلەتلىك تاراتقۇلاردا ئاپىسى ۋە تاغىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ۋە خەلقئارا جامائەت بېسىمى پەيدا قىلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا مەرۋىنە خانىم يېقىندا يەنە ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەدىكى بىرقانچە تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مەسىلىسىدە سۈكۈت يولىنى ئەمەس، بەلكى تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلاش يولىنى تۇتۇشىنى، بۇنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە چىقىشىدا خىتايغا نىسبەتەن زور بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.