نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك ئالىي يىغىنى» 11-ئىيۇلدىن 13-ئىيۇلغىچە لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر، ئادۋوكاتلار، دىنىي رەھبەرلەر ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر قاتناشقان.
بۇ قېتىملىق يىغىندا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل جىددىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر دىنغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە يولۇققان رىقابەتلەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دىنىي-ئېتىقادنى ئىپادىلەشتىكى رىقابەت ۋە پۇرسەتلەر، مۇستەبىتلىكنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە قارىتا دىنىي جاۋابلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان زىيانكەشلىكنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق تېمىلار ئاستىدا مۇزاكىرە قىلىنغان.
مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

رەھىمە مەھمۇت خانىم يىغىن مەيدانىدىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر يىغىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ يەنە بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق مۇزاكىرىلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتى ئامېرىكانىڭ ئىندىيانا ئىشتاتىغا جايلاشقان بولۇپ، «دىنىي ئەركىنلىك تەشەببۇسى» قۇرۇلۇشىنى 2020-يىلى باشلىغان. بۇ، ئاساسلىقى دىنىي ئېتىقادلارنىڭ ئەركىن داۋام قىلىشى ھەمدە قوغدىلىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۆز نۆۋىتىدە «نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتى» تەسىس قىلغان بولۇپ، دىنىي ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش يولىدا كۆرۈنەرلىك خىزمەت قىلغان شەخسلەرگە بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ يىللىق مۇكاپات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلىقىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك تەشەببۇسى مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى داۋىد ئالتون (Lord David Alton) غا بېرىلگەن. بۇ مۇكاپاتنىڭ تۇنجى قېتىملىقى 2021-يىلى 28-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەلگە بېرىلگەنىدى.
بىز مەزكۇر ئالىي يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلاردىن مەزكۇر يىغىن ھەققىدە ئىنكاس ئېلىشقا ئىمكان بولمىدى.
رەھىمە مەھمۇت خانىم زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سىياسەتلىرىدە خىتايغا يېقىنلىشىشتەك ۋەزىيەت كۆرۈلۈۋاتقانلىقى؛ مۇشۇنداق شارائىتتا ھەرقانداق خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقنى ئەسكەرتتى.