لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا باشلىنىپ، ئەنقەرەدە داۋاملىشىۋاتقان نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتى تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە.
ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا باشلانغان نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتى 5-فېۋرال كۈنى 3-كۈنىگە قەدەم قويدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى يوللار بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان بولۇپ، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ساقچىلار بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇندا پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئىستانبۇلدا خىتاي كونسولىنىڭ ئالدىدىمۇ نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتى قايتىدىن باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى خىتاينىڭ ئىككى دىپلوماتىيە ئورگىنىنىڭ ئالدىدا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ پائالىيىتى داۋاملاشماقتا.

پائالىيەتكە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ياۋۇز ئائېر ئالىئوغلى، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ كوجائەلى مىللەت ۋەكىلى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلى ئوغلى ۋە سائادەت پارتىيىسىنىڭ كونيا مىللەت ۋەكىلى ئابدۇلقادىر قارادۇمان قەدەم تەشرىپ قىلدى ۋە بايانات ئېلان قىلدى.
ياۋۇز ئائېر ئالىئوغلى ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى:
«تۈرك مىللىتىنىڭ ھەر ۋاقىت شەرقى تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى جاكارلاش بىزنىڭ قېرىنداشلىق ۋەزىپىمىز. فىرانسىيەگە، ئەنگلىيەگە، رۇسىيەگە دائىم ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ گەپ قىلىۋاتقان ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىگە خىتايغا بۇ نىدالارنى ئاڭلىشى ئۈچۈن ئېتىراز بىلدۈرۈش يارىشىدۇ. بىز زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ، ھېچكىمى بولمىغانلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتىمىز دەۋاتقان بىرىگە، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايغا قاراپ قېرىنداشلىرىمغا زۇلۇم قىلما دېيىش يارىشىدۇ.»
سائادەت پارتىيەسىنىڭ كونيا مىللەت ۋەكىلى ئابدۇلقادىر كارادۇمان مۇنداق دېدى:
«خىتاي پەقەت شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىززىتى ۋە شەرىپى بىلەن ئەمەس، پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىپى بىلەن ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ شەرىپى ۋە ئىززىتى بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز دەپلا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە زالىمنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»
تۈركىيە ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيەلەردىن ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە داۋاملىق سۈكۈت قىلىشى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشى ھۆكۈمەت بېشىدىكى سىياسىي گۇرۇپپىلارنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نىدە ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ دوكتىرانتى تۇرسۇنجان ئابلەت تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ كەسكىن بولۇشى ھۆكۈمەت بېشىدىكى سىياسىيونلارنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
پائالىيەتچىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمەيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا چاقىردى.
-18دېكابىردىن ئېتىبارەن داۋاملىشىۋاتقان نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتى تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا زور تەسىر قوزغاۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بىۋاسىتە خىتاي دىپلوماتىيە ئورگانلىرىغا قارىتىلغان پائالىيەتنىڭ كۆلەملىشىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئومۇملىشىشى كۈچلۈك جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشتا ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.