دوكتور ئەركىن سىدىق ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) دا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان

0:00 / 0:00

كۆزىتىلىشىچە، غەرب تاراتقۇلىرى، جۈملىدىن ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتكە بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان بولسىمۇ، سىياسىي كۆز قاراشتىن خالىي بەزى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەنىلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە.

5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ تاراتقۇلاردىن بىرى بولغان NPR رادىيوسى ئالىم ئەركىن سىدىق ھەققىدە تۆت يېرىم مىنۇتلۇق خەۋەر بەرگەن.

مەزكۇر رادىيونىڭ تور بېتىدە يەنە بۇ خەۋەرنى ئىشلىگەن مۇخبىر ئېرون شرەنكنىڭ «ئانا يۇرتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان NASA ئىنژېنېرى بىلەن كۆرۈشۈش» ناملىق تەپسىلىي خەۋىرى ئېلان قىلىنغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزى توغرىلىق ئىشلەنگەن بۇ خەۋەر ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«مەن 2018-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي لېكسىيە تەييارلاپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپادىكى بىر قانچە ئەللەردە لېكسىيە سۆزلىدىم. شۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە غەربنىڭ مۇخبىرلىرىغا بۇلارنى ئاڭلاتتىم. شەرقىي تۈركىستاندىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىش شۇنچىلىك تەس بولسىمۇ، غەربتىكى مۇخبىرلار بىز تاپقان ئۇچۇرلارنى كۆپ ھاللاردا مەنبەسى يوق، ئىشەنچلىك ئەمەس دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنى ئاڭلاتماي، ئىشلەتمەي كەلدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن ئۆزۈمنىڭ سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ، غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقسىزلىق، ئادالەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدىم. ئامېرىكادا چېركاۋلاردا، مەسچىتلەردە، ئىسلام مەركىزىدە، مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلىدىم. شۇ جەرياندا بىر قىسىم غەرب مۇخبىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم. ھازىر ئۇ مۇخبىرلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتىم بار. ھەر قېتىم ۋەتەندىن يېڭى ئۇچۇرلار كەلسە ئۇلارغىمۇ ئۇدۇللۇق ئەۋەتىپ تۇرۇۋاتىمەن. مۇشۇنداق قىلىش جەريانىدا لوس-ئانجېلىستا تۇرۇشلۇق بىر مۇخبىر بىزنىڭ ئۆيگە ئۈچ قېتىم كېلىپ، مەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ رادىيو پروگراممىسىنى تەييارلاپ چىقتى».

بۇ خەۋەردە مۇخبىر ئامېرىكادا ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ ياشاۋاتقان ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان. ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ پروگراممىدا ئۆز مىللىتى ھەققىدىكى ئېغىر قايغۇسى، دەرت-ھەسرىتىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئۇيغۇرلار ھەر كۈنى ئۆلۈۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا چوقۇم ئارىلىشىپ، ئۇ يەرگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشى كېرەك،» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەردە مۇخبىر تەتقىقاتچى ئەركىن سىدىقنىڭ خىتايدىكى كەچمىشى ھەققىدە توختالغان. ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەزەلدىن قالاق دەپ كەمسىتىدىغانلىقىنى، بۇ ھاقارەتنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىن باشلاپ قاتتىق تىرىشىپ، بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى، تورلاردا ماقالە يېزىپ ياشلارنى يېتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى دۈشمەن كۆرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

مۇخبىر يەنە تەتقىقاتچى ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان سۆيگۈسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئەركىن سىدىق ئەپەندى دۇتارغا تەڭكەش قىلىنغان ناخشىلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇ سەنەتكارلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھازىر لاگېردا ياكى تەقىب ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھازىر ئۇ ناخشىلارنىمۇ بەك ئاڭلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئاڭلىسىلا ئازابلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارغا كەلگەن بالايىئاپەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىر چەتتە قالغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى، بىر ئۇيغۇرنىڭ بولسىمۇ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر خەۋەر NPR رادىيوسىدا ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن ئامېرىكالىق بەزى كىشىلەردىن، جۈملىدىن خىزمەتداشلىرىدىن رىغبەتلەندۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى تەسىرلەنگەن.

NPR رادىيوسىنىڭ بۇ خەۋىرىنى ئۆزىنىڭ غەرب تاراتقۇسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەركىن سىدىق ئەپەندى، تاراتقۇلارنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تاراتقۇلارنى جەڭ مەيدانى قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

NPR رادىيوسى (ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسى) تور بېتىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ رادىيو ئامېرىكادا ئاڭلىغۇچىلىرى كۆپ بولغان مۇستەقىل تاراتقۇلاردىن بىرى بولۇپ، ئامېرىكادا 17، خەلقئارادا 17 ئىش ئورنى بار ئىكەن، رادىيونى ئاڭلىغۇچىلار ۋە رادىيونىڭ تور بېتىنى كۆرگۈچىلەر بىر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 52 مىليونغا يېتىدىكەن. مەزكۇر رادىيو خەۋەر ئارقىلىق پىكىر-ئىدىيە تارقىتىشنى، ئۇنىڭ ئىنسانلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك ئەھمىيىتى بولۇشنى نىشان قىلغان بولۇپ، يەرلىك خەۋەرنى دۆلەتلىك خەۋەر قىلىش، دۆلەتلىك خەۋەرنى يەرلىك خەۋەر قىلىش، خەلقئارالىق خەۋەرنى شەخسنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئاڭلىتىش دېگەن ئاخباراتچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن. مەزكۇر رادىيو ئىلگىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ لاگېرلار ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم خەۋەر بەرگەنىدى.