«چىراي تونۇش تېخنىكىسى قانداق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشانلىشىغا يول ئېچىپ بەردى»
2022.12.13
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بولغان دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) نىڭ 9-دېكابىر كۈنىدىكى مەخسۇس ئاڭلىتىشىدا چىراي تونۇش تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە پروگرامما تارقىتىلغان. «چىراي تونۇش تېخنىكىسى قانداق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشانلىشىغا يول ئېچىپ بەردى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ پروگراممىدا بۇ ساھەدە ئىزدەنگەن، تەكشۈرگۈچى ژۇرنالىست ۋە بىناكار ئەلىسون كىللىڭ زىيارەت قىلىنغان.
ئەلىسون كىللىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى 2021-يىلى سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرى ۋە بىناكارلىق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ ئېلان قىلغان كەڭ كۆلەملىك دوكلاتى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇ يەنە يېقىندا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مۇنبەرلەردىن بولغان «Talks TED» يەنى «تېخنىكا، كۆڭۈل ئېچىش، لايىھىلەش نۇتۇقلىرى» ناملىق مۇنبەردىمۇ چىراي تونۇش تېخنىكىسىگە ئوخشايدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ ياردىمى بىلەن لاگىرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار ۋە بۇ لاگېرلارنىڭ ئورنىنى بايقاش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى ئۇنىڭ بۇ نۇتۇقىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز پروگراممىسىدا تونۇشتۇرغان.
ئەلىسون كىللىڭ «TED TALKS» تا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئامېرىكالىق ژۇرنالىست مېگا راجاگوپالان بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنى بولۇپمۇ ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم سولاپ قويۇلغان لاگېرلارنى ئېنىقلاش ئىشىغا كىرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىپ، ژۇرنالىستلارنىڭ خىزمىتىنى بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ چەكلىشى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ناھايىتى بىپايان كەڭ زېمىن بولۇشىدەك ئامىللار لاگېرلارنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاشقا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولسىمۇ، بىراق سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئۇلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت خىتاي ھۆكۈمىتى كونترول قىلالمايدىغان ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ، بۇ سۈنئىي ھەمراھلار ۋە ئۇلار تارتقان سۈرەتلەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا تەشكىلاتلىرىغا تەۋە. ئەمما شۇنداقتىمۇ بۇنچە كۆپ سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئارىسىدا ئىزدىنىشنى قەيەردىن باشلاش كېرەك، دېگەن بىر سوئال پەيدا بولدى. شۇنداق بىر مەزگىلدە مەن گۇگۇل كوچا سۈرەتلىرى ئېپىنىڭ خىتايدىكى تەڭداش ئېپى بولغان بەيدۇ ئومۇمىي كۆرۈنۈش ئېپىدە يۈز بەرگەن غەلىتە بىر ئەھۋالنى ئاڭلىدىم. فوتوگراف جوناتان بروۋنىڭ (Jonathan Browning) خىتايدىكى سانائەت رايونىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئىمارەت ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ بەيدۇدىكى يەر يۈزى سۈرەتلىرىنىڭ ناھايىتى تۇتۇقلۇقىنى بايقىغان. بۇ تولىمۇ غەلىتە ئەھۋال شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن مەن ئەگەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىكى كۆرۈنۈشلىرى بۇنداق غۇۋالاشتۇرۇلغان بولسا، ئۇ ھالدا شىنجاڭدىكى لاگېرلارنىڭ ئورنىنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىكى كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ خىتاينىڭ ئوخشاش ئۇسۇل قوللانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى رايوننى زىيارەت قىلغان مۇخبىرلار بارغان لاگېرلارنىڭ ئورنىنى سۈنئىي ھەھراھ كۆرۈنۈشلىرىدىن ئىزدەشكە باشلىدىم. . . . دەرۋەقە، غەلىتە ئىش يۈز بەردى. لاگېرلارنىڭ ئورنى بار يەرلەرنىڭ يەر يۈزى سۈرەتلىرىنى چوڭايتقىنىمدا سۆرەت ئۈستىدە دەرھال سۇس كۈلرەڭ مەيدان پەيدا بولۇۋالدى. . . يەنە ئوخشاش ئىش باشقا بىر لاگېر ئورنىنىڭ سۈرىتىدىمۇ يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن لاگېرلارنىڭ ئورنىنى مانا بۇ ئۇسۇل بىلەن تاپالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم».
ئەلىسون كىللىڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنىڭ ئورنىنى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان بۇ ئامالى دەل ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، لاگېرلارنىڭ ئورنىنى پەرقلەندۈرىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالغان.
ئەلىسون كىللىڭ ئۇلار بۇ ئورۇنلاردىكى كۆرۈنۈشلەرگە قويۇپ قويۇلغان «نىقاب» نى يىرتىش ئۈچۈن يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى كىرىستو بۇشېك بىلەن ھەمكارلاشقان. نەتىجىدە جەمئىي 348 لاگېر ۋە تۈرمىگە ئوخشايدىغان ئورۇننى تېپىپ چىققان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:
«بىزنىڭ مۆلچەرىمىزچە، بۇ ئەسلىھەلەر بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ. بۇ شىنجاڭدا ھەر 25 ئادەمدىن بىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشقا يېتەرلىك ئورۇن بار دېگەنلىك. لاگېردىن چىققان نۇرغۇن سابىق مەھبۇسلار لاگىرلارنىڭ ئىنتايىن قىستاڭلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ، ئۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ سان ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن».
ئەلىسون كىللىڭ نۇتقىدا يەنە، يۇتۇب تورىدا «گۇاڭگۇەن» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان بىر خىتاي يۇتۇبېرنىڭ(يۇتۇب پائالىيەتچىسى )ئۆزلىرى چىقارغان لاگېر خەرىتىسىگە ئاساسەن لاگېرلارنى تېپىپ بېرىپ سۈرەتكە تارتقانلىقى، ئۇ تارتقان كۆرۈنۈشلەرنىڭمۇ ئۆزلىرى ئېنىقلىغان لاگېر ئورۇنلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ توغرىلىقىنى دەلىللەشتە زور رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئەلىسون كىللىڭ ئاممىۋى رادىئونىڭ مەخسۇس پروگراممىسىىغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرى يۇقىرىقىدەك ئۇسۇل بىلەن بۇ لاگېرلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇنى دۇنياغا ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ ئورۇنلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئەمما ئۇلار دېگەن كەسپىي تەربىيەلەش ئورنى، كىشىلەر بۇ يەردە ماھارەت ئۆگىنىدۇ» دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، بىراق بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا بۇ جازا لاگېرلىرىدا بولۇۋاتقانلارنىڭ بىرمۇ-بىر بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى پروگراممىسىدا يەنە ئەلىسون كىللىڭدىن سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق بايقالغان بۇ مەلۇماتلارنىڭ نېمە ئىشقا يارايدىغانلىقىنى سورىغان. ئەللىسون كىللىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن لاگېرلارنىڭ ئسپاتلىنىشى نەتىجىسىدە بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى قويۇلغانلىقى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى چىققانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھازىرغىچە ئېلىنغان ئەڭ چوڭ قەدەملىكىنى ئەسكەرتتى.
ئەلىسون كىللىڭ «تېد نۇتۇقلىرى» دىكى سۆزىدىمۇ سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى، سۈرەتلەر ۋە سىن قاتارلىق ئوچۇق مەنبەلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە نۇتقىنى مۇنداق دەپ ئاياغلاشتۇرغان: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق بىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئىلگىرى مۇمكىن بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئىسپاتلىيالايمىز، پاكىتلىرىنى تەمىنلىيەلەيمىز. بىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كۆلىمىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يالغۇز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئايرىم ئەھۋاللىرىغا قاراشتىن ھالقىپ كېتەلەيمىز. بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بېرەلەيمىز. سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرەلەيمىز ۋە سوتتا ئوتتۇرىغا قويغۇدەك تەپسىلىي دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز. بىز ئوچۇق كودلۇق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ۋە ھەتتا خەلقئارانى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دەلىل-ئىسپاتلارنى تەمىنلەپ بېرەلەيمىز».
«تېخنىكا، كۆڭۈل ئېچىش، لايىھىلەش پاراڭلىرى» يەنى قىسقارتىلما ئىسمى «Talks TED» بولغان بۇ يىللىق پروگرامما ئامېرىكا ۋە كانادانى مەركەز قىلغان، مۇستەقىل پايدا ئالمايدىغان ئاخبارات تەشكىلاتى «TED Conferences» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. مەزكۇر پروگراممىدا ئىلىم-پەن، تىجارەت، سودا ۋە دۇنيادىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن ئىبارەت بارلىق تېمىلاردا نۇتۇق سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن نوپۇزلۇق پەن-تېخنىكا يىغىلىشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.