نۇرمەمەت ھاجىم: «خىتاي ئوغۇللىرىمنىڭ پۇلىنى كۆزلىگەن بولسا ئالسۇن، ئەمما جېنىغا قەست قىلمىسۇن!»

0:00 / 0:00

يېقىنقى مەزگىللەردە رادىيومىزغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلار ۋە رادىيومىز دەلىللىگەن خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا پۇلدار سودىگەرلەر، بولۇپمۇ جامائەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ساخاۋەتچى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە قاراتقان ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن. نۇرغۇن تىجارەتچى ئۇيغۇرلار كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن قاماققا كېسىلگەندىن باشقا ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ ياكى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ ۋەيران قىلىنماقتىكەن.

بۇ ھەقتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان يېشى سەكسەنگە يېقىنلاشقان نۇرمەمەت ھاجىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىدىغان ئىككى ئوغلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرمەمەت ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن بۇيان ئانا ۋەتىنى بولغان ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىپ باقمىغان ئىكەن. ئۇنىڭ 8 پەرزەنتى بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 20 يىللاردىن بۇيان دوللارچىلىق ۋە باشقا يەككە تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان چوڭ ئوغلى 52 ياشلىق ئابدۇقېييۇم نۇرمەمەت ھاجى 2017يىلى-7 ئايدا، ئىككىنچى ئوغلى 48 ياشلىق ئابدۇلمىجىت ھاجى 2017-يىلى 4-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى ئۇلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقى سالاھىيىتىمۇ قوغداپ قالالمىغان. ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە بىر قانچە جايدا دۇكان ۋە ئۆيلىرى بار بولۇپ، ئۇلار يىللاردىن بۇيان تۈركىيەگە بېرىپ كېلىپ تىجارەت قىلىپ خېلى روناق تاپقان ئىكەن. تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ 67 مىليون يۈەن بانكا ھېساباتى توڭلىتىلغان ئىكەن.

نۇرمەمەت ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، شۇ مەزگىللەردە ئوغۇللىرىنىڭ قېشىدا ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان ۋە چاقلىق ھارۋىدا ئولتۇرۇپ قالغان 74 ياشلىق مېيىپ ئايالى تۇرنىساخانمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئايالى ئىككى ئاي ئىلگىرى، يەنى بىر يېرىم يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن. ئۆزىنىڭ ئاغرىقچان مومىيىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە گەپ قىلغان نۇرمەمەت ھاجىم ئۆز ۋاقتىدا ئۈرۈمچىدە كىچىك ئوغلى ئابدۇلمىجىت ھاجىم بىلەن تۇرۇۋاتقان خانىمى تۇرنىساخاننىڭ بىر ئېغىز گەپ بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى، يەنى خىتاي ساقچىلىرى ئوغلى ئابدۇلمېجىتنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ نارەسىدە بالىلىرىنى «ھۆكۈمەت باقىدۇ» دەپ ئېلىپ كەتمەكچى بولغانلىقى، بۇ چاغدا تۇنىساخان نەۋرىلىرىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقىنى ئۈچۈن ساقچىلار ئۇنى «ھۆكۈمەتكە قارشى چىقتى» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلغان ئىكەن. تۇنىساخان لاگېردا كېسەل بولۇپ، ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

كۆپ جانلىق بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكلىرى بولغان ئوغۇللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن بۇيان نۇرمەمەت ھاجىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئوغۇللىرىنى قۇتۇلدۇرۇش توغرىلىق كۆپ قېتىم ئىلتىماس سۇنغان ئەمما ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بىرەر ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق نىدا قىلدى: «ماڭا ئوغۇللىرىمنىڭ جېنى ئامان قالسىلا بولدى، خىتاي ئۇلارنىڭ پۇلىنى قەستلىگەن بولسا، ھەممىنى ئالسۇن، ئەمما ئوغۇللىرىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرسۇن! . . .»

بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكى سەۋەبلىك چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلارنى قۇرۇشتىن بۇرۇنلا، يەنى 2016-يىلىنىڭ بېشىدىلا مەخسۇس ئىقتىسادىي رازۋېدكا ئەترەتلىرىنى قۇرۇپ، بانكا ھېساباتىدا بىر قەدەر كۆپرەك پۇلى بولغانلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ئىكەن. پاسپورتى بار تىجارەتچى ۋە سودىگەرلەرنى چاقىرتىپ، ھەر خىل باھانىدە ئۇلارنىڭ تاپقان پۇل-ماللىرى، دۇكان سارايلىرى ۋە نەق پۇللىرىنى قاقتى-سوقتى قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن سودىگەرلەر ئىگىلىكىنى، ھەتتا بەزىلىرى ئائىلىسىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان.

يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بىرى ئۆزىنى ئابدۇقېييۇم ھاجىنىڭ ئاغىنىسى دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ 20 يىللىق ئاغىنىسى ئابدۇلقېييۇم ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئىنىسىنى تۇتقۇن قىلىپ، ھېساباتلىرىنى توڭلىتىپ قويۇشىدا پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ پۇل-مېلىنى كۆزلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۇنىڭ ئالدىدا كورلادىكى داڭدار بايلاردىن روزىھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى مەمەتلەرنىڭمۇ لاگېر باشلانغان مەزگىللەردە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، روزى ھاجىمنىڭ 25 يىل كېسىلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرغان ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى، بىنا-سارايلىرى ھەمدە 800 مىليون يۈەن بانكا ھېساباتىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.