«نۇقتىلىق شەخسلەر» ۋە خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.09.17
lager-kamera-kocha.jpg كوچىدىكى كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئاستىدا كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، ئاقتۇ.
AFP

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي پاجىئە ھەققىدە سۆز بولغاندا ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان مەسىلە مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىليون كىشىنى ئوخشاش بولمىغان «جىنايەت» گۇمانلىرى بىلەن ئەيىبلەب لاگېرلارغا قاماپ بولۇشتەك بۇ خىل «چاقماق» تەك خىزمەت سۈرئىتى ھەققىدە كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق تەتقىقاتچى ئېمىل دىركس (Emile Dirks) باشقىچە گۇماندا. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «جېيمىس تاۋن فوندى» نىڭ باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2019-يىللىق 16-سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكتۇرانت ئېمىل دىركس خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان تۈرلۈك ئۇقتۇرۇشلار، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېلان ماتېرىياللىرى، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار قاتارلىقلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرۈنمەس شەكىلدە بەرپا قىلغان «نۇقتىلىق شەخسلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى» نىڭ ئومۇمىي تەسۋىرىنى تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن مەزگىللەردە خىتاي ئۆلكىلىرىدە سىناقتىن ئۆتكەن «جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق شەخسلەرنى باشقۇرۇش نىزامى» دا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلغۇچى 20 تۈرلۈك شەخسلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا نۆۋەتتىكى «نۇقتىلىق شەخسلەر» بۇنىڭدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق شەخسلەرنى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى نۇقتىلىق شەخسلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇنىڭدا بەزى پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. شىنجاڭدىكى ئەھۋالنى ئېلىپ ئېيتساق، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنى كۆپلىگەن سەۋەبلەر ئاساسىدا نىشان قىلىۋالغان: ساقال قويۇۋالغان، ناماز ئوقۇيدىغان، چەتئەلدە تۇغقانلىرى بار دېگەندەك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق ‹نىشان› بولۇپ قالغان. ئەمما ئىچكىرىدىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسا پەقەت تۈرمىگە كىرىپ چىققان ۋە زەھەر مەسىلىسىگە چېتىشلىق كىشىلەر ‹نۇقتىلىق› نىشان بولىدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ ئامبىرىدا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردىن جىنايى ئىشلار خاتىرىسى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ زۇلۇملىرى ئۈستىدىن نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى ئەرزدارلارمۇ مۇشۇنداق ‹نۇقتىلىق شەخسلەر› كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ قىلىنىدۇ. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىشقا مەيلى شىنجاڭدا بولسۇن ياكى ئۇنىڭ سىرتىدا بولسۇن، مۇشۇنداق ئالاھىدە ھۆججەت-نىزاملارنى چىقىرىپ، بۇ خىلدىكى نۇقتىلىق شەخسلەرنى تىزىملىككە ئېلىپ چىققان دېسەك، بۇنىڭدا ھۆكۈمەت، ساقچىلار ۋە خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ نوپۇزى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارالغان غايەت زور بىر تۈركۈم كىشىنى ئايرىپ چىققان.»

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ يوسۇندا باشقىلاردىن پەرقلىق بولغانلىكى ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى، شۇنىڭدەك بارلىق گۇمانلىق مۇسۇلمانلارنى تىزىملاپ ئۇلارغا چېكىت ئۇرۇپ چىققان. بۇنىڭدا ئۇلار ھەرقايسى ئاھالىلەر كومىتېتى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ تولدۇرۇشىغا تارقىتىپ بېرىلگەن، شۇنىڭدەك ئاھالىنىڭ راستچىللىق بىلەن تولدۇرۇشى ئالاھىدە جېكىلەنگەن جەدۋەللەر ئارقىلىق ئېرىشكەن بارلىق ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېرغا توپلىغان. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئۆيلەردىكى «زىيارەت»، كوچىلاردىكى «تەكشۈرۈش»، نوپۇس تەكشۈرۈش دېگەنلەر بىلەن تېز سۈرئەتتە غايەت زور ساندىكى «نۇقتىلىق شەخسلەر» تىزىملىكى تۇرغۇزۇلۇپ چىققان.

«مېنىڭ تەخمىن قىلىشىمچە، شىنجاڭدا ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنى مۇنداق چۈشىنىش مۇمكىن: ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ساقچى ئىدارىلىرى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچىلەر خالىغان بىر سەۋەب بىلەن خالىغان بىر كىشىنى گۇمانلىق شەخسلەر قاتارىغا تىزىپ قويالايدۇ، ئاندىن بۇ ئىسىم ساقچىلارنىڭ ‹نۇقتىلىق شەخسلەر› نىڭ ماتېرىيالى توپلىنىدىغان مەركىزىي كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا تۈرمىگە ياكى قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە بېرىپ قالغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىسمى بۇ سىستېمىدا بولىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ھەر دەرىجىلىك ساقچىخانىلار ئۆزلىرىنىڭ تەۋەلىكىدىكى ‹تەھدىت› ئالامەتلىرىنى ھازىرلىغان ياكى ‹گۇمانلىق› بولغان ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى مانا مۇشۇ خىلدىكى مەركىزىي ساندانغا كىرگۈزۈپ قويىدۇ. ئاندىن كېيىنكى سوئال بولسا بۇ كىشىلەرنىڭ پەقەت قانداق ۋاقىتتا ئېلىپ كېتىلىشى بولۇپ قالىدۇ، خالاس. مېنىڭچە، بۇ مەركىزىي ساندانغا ئىسمى كىرىپ كەتكەن ھېچقانداق ئۇيغۇر ئۆزىنى بۇ ‹قارا تىزىملىك› سىستېمىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنىڭ ئامالىنى قىلىشقا ئىلاجسىز. چۈنكى بۇ سىستېمىنى باشقۇرۇۋاتقانلار ساقچىخانىلار ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرى بولغاچقا ئۇلار كىمنى خالىسا شۇ كىشىنى خالىغان مۇددەتتە ئاشۇ تىزىملىكتە تۇتۇپ تۇرالايدۇ.. . .»

مانا مۇشۇ تەرىقىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەھدىت» ئالامىتىنى ھازىرلىغانلىكى ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى «نۇقتىلىق شەخسلەرنى باشقۇرۇش سىستېمىسى» غا كىرىپ كېتىدىغان بولۇپ، توپلانغان ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ «نۇقتىلىق شەخس» لەرنىڭ سانىمۇ ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى» نامىدىكى غايەت زور نازارەت سىستېمىسى بارغانچە مۇكەممەللىشىپ ماڭغان. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل نازارەت سىستېمىسىنى ئىجرا قىلىشقا كېرەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا ئۇيغۇر دىيارىدا غايەت زور بازارغا ئىگە بولغان. بۇلار بولسا ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «نۇقتىلىق شەخسلەرنى باشقۇرۇش سىستېمىسى» نى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن لاگېرغا قامىلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىمۇ كومپيۇتېر ئارقىلىقلار تەييارلىنىپ ساقچىلارنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يوللىنىدىغان بولغان.

«بىلىشىمچە، ھازىر ئۇ جايدا بولۇۋاتقان ئىشلار خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ساقچىلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن يانفون ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېلېفون ئەپلىرى ئارقىلىق ئۇلار كىشىلەرنىڭ تېلېفونلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئاشۇ كىشىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلارنىمۇ سۈزۈپ چىقالايدۇ. ئۇلار سۈزۈپ چىققان بۇ ئۇچۇرلار ئاپتوماتىك ھالدا مەركىزىي ساقچى سىستېمىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. ھازىر ئۇلار قوللىنىۋاتقان ئەڭ يېڭى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسى دەل چىراي تونۇش ئۈسكۈنىلىرى بولۇۋاتىدۇ. ساقچىلار بۇ خىلدىكى ئۈسكۈنىلەردە خاتىرىلەنگەن ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېر بولمىغان ئەھۋالدىمۇ بىۋاسىتە ئالالايدۇ، شۇنىڭدەك قوللىرىدىكى ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرلارنى بىۋاسىتە ھالدا ئاشۇ مەركىزىي سىستېمىغا يوللاپ بېرەلەيدۇ.»

ئېمىل دىركىسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان «نۇقتىلىق شەخسلەرنى باشقۇرۇش سىستېمىسى» ئۇيغۇر دىيارىدا باشلانغان ئىش ئەمەس، ياكى مۇشۇ يەردىلا توختاپ قالىدىغان قۇرۇلۇشمۇ ئەمەس. نۆۋەتتە قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە ئومۇملىشىپ بولغان بۇ خىلدىكى ئۇچۇر توپلاش ۋە نازارەت قىلىش ئۇسۇلى سىرتقا كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە قانداق كىشىلەرنىڭ «نۇقتىلىق شەخس» بولىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.