ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر نۇر بەكرىنىڭ «پاراخورلۇق» جىنايىتى بىلەن سوتلىنىشىغا ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.07.26
nur-bekri-so-nurbekri.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى سوتلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 25-ئىيۇل، شېنياڭ، لياۋنىڭ.
AFP

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنى سوتلىغان.

خەۋەردە شېنياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پەيشەنبە ئېچىلغان بۇ سوتتا جاۋابكار نۇر بەكرىنىڭ 1998-يىلىدىن 2018-يىلى سېنتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر بولغان 20 يىل جەريانىدا، يەنى ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، خىتاي مەملىكەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مەزگىللەردە قۇلايلىق خىزمەت شارائىتى ۋە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىي 79 مىليون 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇر بەكرى 2018‏-يىلى 20‏-سېنتەبىر كۈنى رۇسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خىتايغا قايتقىنىدا بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى نۇر بەكرى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى2019-يىلى 16‏-مارت كۈنى تۇنجى قېتىم خەۋەر ئېلان قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

37 يېشىدا ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ ئۆستۈرۈلگەن نۇر بەكرى 57 يېشىدا قولغا ئېلىندى. خەۋەردە ئۇنىڭ بۇ 20 يىللىق ھوقۇق تۇتۇش جەرياندا 79 مىليون يۈەن، يەنى 11 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پارا يېگەنلىكىنى «بوينىغا ئالغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

سوتتا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوت توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردە گەرچە «نۇر بەكرىنىڭ سوتىدا ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئالاقىدار ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، مەملىكەتلىك، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك، شېنياڭ شەھەرلىك ئۈچ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاخبارات مۇخبىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ 50 كىشى سىرتتىن سوت ئاڭلىدى» دېگەنلەر تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇ سوتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مەيدان سىياسىي تۈس ئالغان سوت بولغانلىقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەكتە.

ئامېرىكادىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى نۇر بەكرىنىڭ سوتىنى سىياسىيلىقتىن مۇستەسنا ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۇرى تۈركەل سۆزىدە گەرچە نۇر بەكرى 20 يىللىق ھوقۇق تۇتۇش جەريانىدا چىرىكلىكتىن خالى بولالمىغان دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن نۇر بەكرىدەك خىتايغا ساداقەتمەن بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئەمەلىيەتتە يېتەرلىك قوغدىنىشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى نۇر بەكرىنىڭ سوتلىنىشىدىكى بەزى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشلەر ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلدى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى ھاكىمىيەت چەمبىرىكىگە كىرگەن نۇر بەكرىدەك ئەمەلدارلارنى جازالاش ئارقىلىق ئۆز كادىرلىرىغا «ھۆكۈمەتنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىساڭ ياكى چىرىكلىك قىلساڭ، تەقدىرىنىڭ نۇر بەكرىدىن پەرقلىق بولمايدۇ» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇر بەكرى بۇ يىل 2-ئاپرېل كۈنى «پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك» جىنايىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغان ۋە خىتاي مەملىكەتلىك ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن شېنياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۇ جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نۇر بەكرىنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن ئەيىبنامە سۇنغان.

خىتاي ئۆزىگە ساداقەتسىز دەپ قارىغان ياكى تەھدىت ھېس قىلغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت كادىرلىرىنى رايوندا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەۋاتقان ۋە ياكى سىياسىي ۋەزىپىلەرگە قويغان كادىرلارنى «پارىخورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قاتتىق جازالاۋاتقان بىر پەيتتە خىتايغا بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن داڭ قازانغان نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ۋە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

2008-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن نۇر بەكرى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە سىياسىي مەيدانىنىڭ «قەتئىي» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنىڭ مەجبۇرىي ۋە تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىنىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلىشىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر نۇر بەكرىدەك خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ھوقۇق تۇتقان بىر ئەمەلدارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرىقىدەك ئەيىبنامىنىڭ سۇنۇلۇشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايوندىكى ھېچبىر ئۇيغۇرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ يارقىن بىر مىسالى دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.

بەزى ئانالىزچىلار نۇر بەكرىنىڭ «پارە يېگەن پۇل سوممىسى» دىن قارىغاندا ئۇنىڭ 15 يىلدىن يۇقىرى كېسىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ساتقۇن دەپ ئېغىر ھالدا ئەيىبلىنىپ كەلگەن نۇر بەكرىنىڭ سوتلىنىشى خىتاي ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ تەھدىت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئېغىر ۋەزىيەتكە قېلىشى شۇنداقلا 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدا نۇر بەكرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار، ئەلۋەتتە. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىشى ۋە ياكى ئۇنىڭغا قانداق ھۆكۈمنىڭ پىچىلىشتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى سەلبىي ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. نۇر بەكرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە دۆڭگىگەن بۇ گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى ياكى جىنايىتىنى بوينىغا ئېلىشى نۇر بەكرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھاياتى بويى تەسلىم بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، خالاس.»

ئىلشات ھەسەن ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «نۇر بەكرى ئۇيغۇرلار تارىخىدا خىتاي ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا ھوقۇق تۇتقان كادىرلار ئىچىدە خەلقىگە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمىگەن، خىتايغا شۇنچە ساداقەت بىلدۈرۈپمۇ ئەڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ سىياسىي تۇزىقىغا چۈشكەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.