نۇرىي تۈركەل «ئامېرىكالىق يەھۇدىيلار كومىتېتى» غا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرىي تۈركەل 11-ئاۋغۇست كۈنى «ئامېرىكالىق يەھۇدىيلار كومىتېتى» نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بىر سائەتلىك سىن يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ۋە ئاڭلىغۇچىلاردىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

«ئامېرىكالىق يەھۇدىيلار كومىتېتى» ئامېرىكادىن سىرت ياۋروپا، ئاسىيا-تېنچ ئوكيان، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دۆلەت ۋە رايونلاردىمۇ پائالىيەت كۆرسىتىدىغان غوللۇق خەلقئارالىق ئورگان بولۇپ، ئۇ يەرشارىدىكى يەھۇدىيلانى قوللاش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش، دېموكراتىك قىممەتلەرنى قوغداش ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلغان. بۇ ئورگان ئىلگىرىكى زىيارەت پروگراممىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار ئارىسىدا ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گىرېتسىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى، تونۇلغان سىياسىيونلار، كىشىلىك ھوقۇق لىدېرلىرى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم داڭلىق چولپانلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرىمىز.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ «ئامېرىكالىق يەھۇدىيلار كومىتېتى» دەك نوپۇزلۇق ۋە تەسىر كۈچى زور بىر ئورگاننىڭ تەكلىپى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قاتناشقان 800 دىن ئوشۇق ئاڭلىغۇچىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۆزىنىڭ شەخسى سەرگۈزەشتلىرىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان ئۇچرىغان مەدەنىيەت، تىل، دىن چەكلىمىلىرىنى چۈشەندۇردى شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ زۇلۇمىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى يولغا قويۇش، يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى ئارقىلىق مۇتلەق قامالنى ئىشقا ئاشۇرۇشى نەتىجىسىدە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ جىنايەت دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

نۇرىي تۈركەل مەيلى ئۆزىنىڭ سۆزى داۋامىدا بولسۇن ياكى ئاڭلىغۇچىلاردىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە بولسۇن ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنىڭ پەقەتلا بىر بېسىم بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ رادىيومىز يەرلىكتىن ئىگىللىگەن ئۇچۇرلارنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەردىن ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار، لاگېر شاھىدلىرىنىڭ ئىسپاتلىرى ۋە باشقا ھەرتۈرلۈك تەتتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ بۇنى تولۇق ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يەنە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۈكۈتى ھەققىدىكى سوئالىغا ئىزاھات بەرگەندە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم ئاساسىدىكى دىپلوماتىيە ئارقىلىق «سۈكۈتنى سېتىۋېلىش» نى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇندىن باشقا تۈرلۈك تەشۋىقات يوللىرى ئارقىلىق ساختا تەشۋىقات تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ تۈركىيەنى مىسال قىلىپ تۈركىيە گەرچە ھازىرغىچە كۆپلىگەن ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارغا قۇچاق ئاچقان بولسىمۇ بىراق ئوچۇق-ئاشكارا مەيدانىنى ئىپادىلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پەلەستىننىڭمۇ بۇ مەسىلىدە خىتاي تەرەپتە تۇرۇشىنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر مەنزىرە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئەنگلىيە، فىرانسىيە تېخى يېقىندا ئاۋاز چىقارغان بولسىمۇ، بىراق ناتسىستلار دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن، فاشىزىمغا قارشى ئەڭ بالدۇر ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك بولغان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھېلىھەم سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا نۇرىي تۈركەل ئەپەندىدىن سورالغان سوئاللار ئىچىدە يەنە ئەگەر پرېزىدېنت ترامپ قايتا سايلىنالماي، دېموكراتچى نامزات جو بايدىن پرېزىدېنت بولغان تەقدىردە ئامېرىكانىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ، دېگەن سوئالمۇ بار ئىدى. بۇ سوئال ھازىر ئامېرىكادىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىمۇ كۈچلۈك دىقققەت قىلىۋاتقان ۋە مۇنازىرە قىلىۋاتقان بىر سوئال ئىدى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغاندا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئالغان ناھايىتى دادىل، روشەن ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەدبىرلىرىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ئەزالىرى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن بىرلىشەلىگەن نوقتىنىڭ دەل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى بولغانلىقىنى، ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بىراق ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتتىن ئورۇن ئالغان بىر قىسىم سىياسىيونلار ئىچىدە ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلىرىنى «بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى، بىز خىتاينى خاپا قىلىپ قويدۇق» دەپ قارايدىغانلارنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، مانا بۇ خىل خاتا قاراشنىڭ ئۆزىدە ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىر قىسىم سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەرگىزمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سىياسىىي كوزۇرىدەك كۆرۈلمەسلىكى، بۇنىڭ ئىنسانىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. نۇرىي تۈركەل يەنە، گەرچە جو بايدىن ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن خېلى بۇرۇنلا تونۇشقان پېشقەدەم بىر دېپلومات بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى روشەن نامايان قىلىدىغان بىر سىياسىتىنى كۆرمەسلىكنىڭ ئۆزىنى قايغۇغا سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا ئۇ جو بايدىن تەرەپنى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەشتەك ئىستراتېگىيەنى قوللىنىش ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى كونكرېت پىلان-قەدەملىرىنى بېكىتىشكە چاقىردى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ئاممىۋى بىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ««ئامېرىكا يەھۇدىيلار كومىتېتى» غا ئوخشاش ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.