نۇرى تۈركەل: «مايك پومپېيونىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› باياناتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يېتەكچى پرىنسىپتۇر»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستېرى مايك پومپېيو 19-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي ئاتىغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئانتونى بىلىنكېنمۇ بۇنىڭغا تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارالىق رادىيو-پودكەست شىركىتى AudioBoom تورى 20-يانۋار كۈنى ئاۋدوكات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» باياناتى ۋە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتماقچى بولغان سىياسىتى ھەققىدىكى سۆھبىتىنى ئېلان قىلدى.

رىياسەتچى ئالدى بىلەن نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن «سىزچە، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرىنىڭ بۇ سۆزى ئۇيغۇرلارنى لاگېردىن قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىنغان ئاكتىپ بىر قەدەم ھېسابلىنامدۇ؟» دەپ سورىدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى بىلەن نۆۋەتتىكى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى نامزاتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جىنايىتىنى بىردەك ھالدا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ بۇ ئىشقا ناھايىتى ئەستايىدىل قارىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايانات ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر 2017-يىلدىن بېرى ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنىڭ رەسمىي ھۆججەت سۈپىتىدە ئەنگە ئېلىنىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بۇ باياناتتا يەنە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› تىلغا ئېلىنغان. بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ نۇرېمبېرگ شەھىرىدە ئېچىلغان سوت ۋە بۇ سوتتا سوتلانغان ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۇرۇش مەزگىلىدە قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئېغىر بولغان جىنايەتچىلەردىن ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭغا كاپتالىستلار ۋە سانائەتچىلەرمۇ چېتىلغان. بۇ خىل جىنايەتنىڭ خاراكتېرى بېكىتىلىپ بولغان. بۇ خىل جىنايەتلەرنىمۇ جاۋابكارلىققا تارتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇڭا بۇ بايانات كەلگۈسى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنگە زۇلۇمنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ۋە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان بىر ئۆلچەم تەمىنلەپ بېرىدۇ ھەمدە ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.»

رىياسەتچى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭدىن «ئامېرىكا تاشقىي ئىشلىرى مىنىستىرى ئىشلەتكەن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن بۇ ئاتالغۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىبارىدۇر، خىتاي بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈردى؟» دەپ سورىغاندا، گوردون چاڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇنىڭدىن ناھايىتى غەزەبلەندى، خىتاي تاشقىي ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى ۋە ‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى› تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدىن بۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دېمەك، بۇ بايانات ھەقىقەتەن دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى، مەن باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ جىنايەتنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بۇ جىنايەتنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەر بىرلىشىپ مۇشۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك،» دېدى.

گوردون چاڭ، نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن «سىزنىڭچە، باشقا دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ بېكىتەرمۇ؟» دەپ سورىدى. نۇرى ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق ۋىجدانلىق رەھبەر پوزىتسىيە بىلدۈرەلەيدىغان خەلقئارالىق مەسىلە. بولۇپمۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بۇنى قىلالايدۇ. چۈنكى بۇ دۆلەتلەر ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە باشقا مىللەتلەرنى يوقىتىش نىشانى قىلغان بۇ فاشىست ھاكىمىيەتنى ئاياغلاشتۇرغان. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ئىشتا يېتەكچى بولالايدۇ. ئامېرىكانىڭ بۇ باياناتى ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن يېتەكچى پرىنسىپ، ئىلھام-مەدەت ۋە ھەرىكەت قوللىنىش چاقىرىقنامىسى ھېسابلىنىدۇ.»

رىياسەتچى يەنە نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن «ئانتونى بىلىنكىن: ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ماللارنى ئىمپورت قىلماسلىقى ھەم ئۇنىڭغا چېتىشلىق تېخنىكىلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلماسلىقى كېرەك، دېدى. سىز بۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمىلەرنى كۈتىسىز؟» دەپ سورىغاندا، نۇرى تۈركەل ئەپەندى جاۋاب بېرىپ: «خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئورۇن ئالغان دۆلەتلەر جىددىي يىغىن چاقىرىشى لازىم، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت سىياسىي ھەم ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن تېگىشلىك رول ئوينىيالماي قالسا، ھەم بۇ نورمال ئىشقا ئايلىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا تېخىمۇ چوڭ مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز،» دېدى.

گوردون چاڭ ئەپەندى بۇنىڭغا كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي بىلەن ئاللىقاچان كېلىشىۋالدى. شۇڭا مېنىڭچە بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن. خەلقئارادىكى باشقا تەشكىلاتلار، بەلكىم بۇ جىنايەتكە قارشى ياردەم بېرىدۇ،» دېدى. نۇرى ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى، بولۇپمۇ «5 كۆز ئىتتىپاقى» دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا جازا يۈرگۈزسە بولىدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» غا ئوخشاش قانۇنىي ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاينى جازالىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.