يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ لاگېردىن چىقىپ بىر ئايدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتتىن يوشۇرماقتا.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەزى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى خوتەندىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىدا جان ئۈزگەن. يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، ئۇ ئېغىر كېسەل ھالەتتە لاگېردىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان ۋە دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا ئۇنىڭ ئۆيىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا جان ئۈزگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ھەتتا بەزى ئۇچۇرلاردا يازغۇچىنىڭ جەسىتى لاگېردىن ئۆيىگە قايتۇرۇلغاندا پۇتىدىكى كىشەننىڭ تېخى ئېلىۋېتىلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر رايونىدىكى ھېچ بىر ئاخبارات ئورگىنىدا ئۇچۇر بېرىلمىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر مانا مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپلا مەرھۇمنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ياكى لاگېردىن چىقىپ ئۆلگەنلىك ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

1949‏-يىلى خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدا تۇغۇلغان يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 1977‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومدا كاتىپ بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئەمما بۇ ئورگانلارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇلاردىن بەزىلىرى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ كىملىكىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلسا، يەنە بەزىلىرى ئوچۇق ھالدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەرھۇمنىڭ تەرجىمىھالىدا دېيىلىشىچە، ئۇ يەنە بىر مەھەل شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. شۇڭا بىز مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مەدەنىيەت تارماقلىرىدىنمۇ مەلۇمات سورىدۇق. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ قوغداش خادىمى ئۆزلىرىگە يازغۇچى نۇرمۇھەمەت توختىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرنىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ كانادادا ياشاۋاتقان زورىگۈل ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ نەۋرىسى تۈنۈگۈن ئۇيغۇرناز نامىدىكى فېيسبۇك بېتىدە بوۋىسى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، مەرھۇمنىڭ كانادادىكى قىزى ۋە نەۋرىسىمۇ بۇ ئۆلۈمدىن 11 كۈن كېچىكىپ خەۋەر تاپقان. بۇ ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، مەرھۇم 2018‏-يىلى 11‏-ئايدىن 2019‏-يىلى 3‏-ئايغىچە لاگېردا ياتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرقانچە يىلدىن بېرى دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى لاگېردىكى مەزگىلىدە 5 ئايدىن ئارتۇق داۋالىنىشتىن مەھرۇم قالغان. مەرھۇم ماجالىدىن پۈتۈنلەي كەتكەندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان ۋە 5-ئاينىڭ 31‏-كۈنى ھاياتىدىن ئايرىلغان. مەرھۇمنىڭ كانادادىكى بۇ نەۋرىسى يەنە فېيسبۇكتىكى ئۇچۇرىدا خوتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرغا سولىنىش خەۋپى تۈپەيلى ئۆزلىرىگە بوۋىسىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ۋاقتىدا ئۇچۇر بېرەلمىگەنلىكى ۋە ئۇچۇر يەتكۈزگەندىمۇ تەپسىلىي جەريانلار ھەققىدە توختالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ كاتىپى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن قاچان قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بىر ئاي بۇرۇن دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما ئۇ مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن مول-ھوسۇللۇق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا كېسەل ھالىتىدە لاگېرغا ئەكىتىلگەنلىكى، كېسىلى بېقىشسىز قېلىپ ئېغىرلاشقاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقى ۋە لاگېردىن چىقىپ بىر ئايدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.