نۇرى تۈركەل: «بۇ كىتاب پەقەتلا خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى دۇنيا ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.05.12
نۇرى تۈركەل: «بۇ كىتاب پەقەتلا خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى دۇنيا ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش»
Photo: RFA

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خودسۇن ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئۆز كەچمىشلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن «قېچىش يوق» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ، تېز سېتىلىۋاتقان كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) 8-ماي كۈنى بۇ كىتاب ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئىشلىگەن.

10-ماي كۈنى ئامېرىكا خودسۇن ئىنستىتۇتىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن «ئاكسىيۇس» (Axios) تورىنىڭ مۇخبىرى بەتىنى ئەلېن ئىبراھىميان (Bethany Allen Ebrahimian) بۇ كىتاب توغرۇلۇق مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

سۆھبەت سوئال-جاۋاب شەكلىدە ناھايىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نۇرى تۈركەل ئەپەندى دەسلەپتە بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ كىتابنى يېزىش ئويۇم خېلى بۇرۇنلا بار ئىدى، ئەمما 2019-يىلنىڭ بېشىدا بۇ ئەسلىمىنى يېزىشنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. ‹ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى› دە مەن سەھنىدە سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇ نۇتۇقۇمدا مەن بىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى، نېمىشقا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە بىزنىڭ نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا نېمە كۈن كەلگەنلىكىنى ۋە خىتايدا بۈگۈن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقنى ئاڭلاتتىم. سۆزۈم ئاياغلاشقاندىن كېيىن زور ئالقىشقا ئېرىشتىم. بىر نەچچە ئاپتور قېشىمغا كېلىپ، مۇشۇ ئون مىنۇتلۇق نۇتقۇمنى بىر كىتاب قىلىپ يېزىشنى ئويلىشىپ بېقىشىمنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ كىتابنى يېزىشنى باشلىدىم. ئوسلودىكى ئىش ماڭا بىر ئىلھام بولدى، ھالبۇكى، مەنمۇ ھېكايە بايان قىلىشنىڭ كۈچىگە ئىشىنەتتىم. مەنچە، بۇ ھېكايىنى مەيلى خىتايدا بولسۇن ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، كوممۇنىست خىتاينىڭ قەبىھ زورۋانلىقىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ھالدا ئۇچرىغان كىشى يېزىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، بۇ ھېكايىنى بايان قىلىشتا مەندەك ئىمكانىيىتى ۋە پۇرسىتى يوقلارغا ۋاكالىتەن كىتاب يېزىش ئارقىلىق ئۇنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئىنسانلار بىلەن ئورتاقلىشىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدىم. مەن بۇ كىتاب ئارقىلىق دۇنياغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، بۇ پەقەت بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. بىزگە قانداق كەلگۈسى لازىم؟ بىز بۇ قەبىھ جىنايەتلەرنى توختىتىشىمىز كېرەكمۇ ياكى ‹قايتا يۈز بەرمىسۇن› دېگەن قۇرۇق ۋەدىنى بېرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ يۈز بېرىشىگە قاراپ تۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟»

سۆھبەتنىڭ داۋامىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى كىتابىدىكى مەزمۇنلار، يەنى ئۆز كەچمىشلىرى ئاساسىدا بايان قىلىنغان ۋەقەلەر، ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلار ئورتاق باشتىن كەچۈرگەن زۇلۇملار، يېقىنقى يىللاردا ئەۋجىگە چىققان قەبىھ زوراۋانلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقلابى» دەۋرىدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرىدا تۇغۇلغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر خىل بەتناملار بىلەن بۈگۈنكى لاگېرلارغا ئوخشاش يىغىۋېلىش مەركەزلىرىگە سولانغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، مەيلى ئۆتمۈش ياكى ھازىر بولسۇن، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال بىر ئائىلە ھاياتىنى ياشىيالماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ خىتاينىڭ بۇرۇنقى سىياسىتى بىلەن ھازىرقى سىياسىتىنىڭ نېمىشقا زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا كىتابىدىكى كۆز قاراشلىرى بويىچە جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ دۇنيانىڭ گىئو-سىياسىي ئۆزگىرىشى بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى، 80-يىللاردا بىر مەزگىل ئۆز تۇرمۇشىدا ياشاپ، ئۆز تىلىدا سۆزلەپ، ئۆز مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئۆز مەسچىتلىرىگە بارالىغان بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ كەلگەنلىكىنى، بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارغا تامامەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

سۆھبەتتە يەنە نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ كىتابىدا بايان قىلىنغان مۇھىم مەسىلىلەر، خىتاينىڭ 5-6 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرى تېخنىكالىق كونترول قىلىش ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى، بىر تۇتاش باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنىڭ توپلانغانلىقى، ھەر يەردە ئورنىتىلغان يۈز تونۇش كامېراسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقى، يېقىندا ئۇلارنىڭ ھەتتا ئىشىك-دەرۋازىلىرىغىمۇ تەسۋىرى كود بېكىتىلگەنلىكى، بۇنداق تەقىپ ۋە نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ھالقىپ دۇنياغا كېڭىيىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇنىڭغا تېخى يېتەرلىك دىققەت قىلمايۋاتقانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.

سۆھبەتتە ئايال لاگېر شاھىدلىرى ھەققىدە گەپ بولغاندا، نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ كىتابىنى يېزىش جەريانىدا قەلبىنۇر خانىم، زۇمرەت داۋۇت، مېھرىگۇل تۇرسۇن قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» دىن تارتىپ، لاگېردىكى ئاياللارنى خورلاش ۋە تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىشقىچە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ئۇيغۇر ئانىلىرى ۋە بالىلىرىنى زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلغان زالىم خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى دۇنيانى چۆچۈتەلمىگەن بولسا، يەنە قانداق جىنايەتلەر چۆچۈتىدۇ؟ دەپ سوئال قويغان.

سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىشىدىن كېيىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «بايا ئېيتقىنىمدەك، كىشىلەر بەلكىم ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ قورقۇنچلۇق قىسمەتلەرنى كىشىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قارىشى مۇمكىن. مەنچە، ئۇلار خاتالاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بەش-ئالتە يىل ئىلگىرىكى گەپلەردۇر. ئەمما ھازىر كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى پۈتكۈل ھاياتىمىزغا، ئەخلاقىمىزغا، تارىخىمىزغا، بىز ئىشلىتىۋاتقان تۇرمۇش بۇيۇملىرىمىزغا، ساغلاملىقىمىزغا، دۇنياۋى رەھبەرلىك ۋە دېموكراتىيە سىستېمىمىزغا، شەخسىي مەخپىيەتلىگىمىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، سىزگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەقسىتىم شۇكى، كۆپچىلىك مېنىڭ بۇ كىتابىمنى ئوقۇغاندا ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىش بولغىنىنى بىلىپلا قالماي، كەلگۈسىدە نېمە ئىش بولىدۇ دېگەننى بىلسۇن. شۇڭا مەن بۇ كىتابنىڭ سىياسەت تۈزگۈچىلەرگىلا ئەمەس، ئادەتتىكى كىشىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ئاۋازىنى چىقىرىپ بۇ مەسىلىگە يېڭىدىن ئىنكاس قايتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.