نۇرى تۈركەل: «مېنىڭ كومىسسارلىق خىزمىتىم بولسۇن ۋە ياكى ھازىرقى رەئىسلىك خىزمىتىم بولسۇن ھەممىسى ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى مەركەز قىلغان»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.06.22
نۇرى تۈركەل: «مېنىڭ كومىسسارلىق خىزمىتىم بولسۇن ۋە ياكى ھازىرقى رەئىسلىك خىزمىتىم بولسۇن ھەممىسى ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى مەركەز قىلغان» نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 2022-2023-يىللىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
Photo: RFA

2022-يىلى 21-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى نۆۋەتتە مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 2022-2023-يىللىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى 2020-يىلى مايدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم تەرىپىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىققا تەيىنلەنگەن تۇنجى ئۇيغۇر ئامېرىكالىق بولۇپ، ئۇ 2021-يىلى 15-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن ۋە 2022-يىلى مايدا قايتا تەيىنلەنگەنىدى.

ئۇ يەنە «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2020-يىللىق «دۇنيادىكى تەسىرى كۈچلۈك 100 شەخس» نىڭ بىرى، «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «2021-يىللىق دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 50 رەھبەر» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئامېرىكانىڭ ئىندىئانا شتاتىغا جايلاشقان نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتىمۇ 2021-يىلى 28-ئىيۇن كۈنى تۇنجى قېتىملىق «نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتى»نى ئەينى ۋاقىتتىكى سابىق ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەلگە تەقدىم قىلغانىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئادۋوكات، تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسى، كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى. ئۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى تەيىنلەنگەن يېڭى ۋەزىپىسى ۋە بىر ئۇيغۇر ئامېرىكالىق بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ خىزمەت ئورنى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوينىماقچى بولغان رولى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

تۆۋەندە نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز دىققىتىڭلاردا بولسۇن!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.