تۇنجى نۆۋەتلىك «نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نۇرى تۈركەلگە بېرىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ ئىندىيانا شىتاتىغا جايلاشقان نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتى 2020-يىلى «دىنىي ئەركىنلىك تەشەببۇسى» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، دىنىي ئېتىقادلارنىڭ ئەركىن داۋام قىلىشى ھەمدە قوغدىلىشىنى مەقسەد قىلىدۇ. مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۆز نۆۋىتىدە «نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتى» تەسىس قىلغان بولۇپ، دىنىي ئەركىنلىكنى ھېمايە قىلىش يولىدا كۆرۈنەرلىك خىزمەت قىلغان شەخسلەرگە بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىدى. بۇ مۇكاپاتنىڭ تۇنجى قېتىملىقى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي ئەركىنلىك مۇھاكىمە يىغىنىدا 28-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەلگە تەقدىم قىلىنغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ خوشال قىلغان بىر ۋەقە بولدى.

بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان «2021-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى» نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، نۇرى تۈركەلگە تۇنجى قېتىملىق «نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ بېرىلىشى يىغىندا كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئېلىنغان دىنىي ئېتىقادنىڭ دەپسەندە بولۇشى ھەمدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن ئىدى. مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغان نۇرى تۈركەل سەپەر ئۈستىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتكە ئىگە يىللىق يىغىلىش بولىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ غەرپ دۇنياسىدىكى ھەرساھە زاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قىرغىنچىلىققا مەھكۇم قىلىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش ۋە ئۇيغۇر نوپۇسىنى كېمەيتىش سىياسىتى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش رولى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2020-يىلى «دىنىي ئەركىنلىك تەشەببۇسى» قۇرۇلۇشى تەسىس قىلغان «نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەلگە تەقدىم قىلىندى. 2021-يىلى 28-ئىيۇن.

نوتتېردام ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخانلىقىدا ئېچىلغان ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنىغا كاتولىك دىنى ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر، مەشھۇر چېركاۋلارنىڭ دىنىي يېتەكچىلىرى، «نيو-يورك ۋاقتى»، «دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو» قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن شەخىسلەر ئىشتىراك قىلغان. غەرپ دۇنياسىدىكى پۇل-مۇئامىلە، ئىقتىساد ۋە سىياسىي ساھەلەردە، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ساھەسىدە كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك سالماقنى ئىگىلىشىدەك رېئاللىقمۇ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى جىنايەتلەشتۈرۈش قىلمىشىنى تېخىمۇ كۆپ ساھەنىڭ چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئالدى بىلەن دىنىي تىلاۋەت ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ھەمدەملىكىگە بولغان دۇئالار بىلەن باشلانغان. بولۇپمۇ مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ماركۇس كولنىڭ ئومۇمى دۇئاسىدىن كېيىن نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور ماخان مىرزا «قۇرئان كەرىم» قىرائىتى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىدىنلا دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى جانلىق نامايەن قىلىپ بەرگەن.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدە نۆۋەتتە ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان قۇتۇپلىشىش ھادىسىسى، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئىگىلىگەن ئورنى، شۇنىڭدەك بۇ ساھەدە خەلقئارادا پەيدا بولۇۋاتقان تەھدىتلەر قاتارلىق تېمىلار بويىچە لېكسىيەلەر ۋە سوئال-جاۋابلار بولدى. شۇ قاتاردا ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ئادالىتى باش ئەلچىسى مورس تان دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ساھەسىدىكى باستۇرۇشلىرىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قىيناقلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىسىتىر مايك پومپېيونىڭ كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلارئاساسىدا بۇ ھادسىلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتتى.

يىغىن جەريانىدىكى مۇھاكىمىلەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىدەك ئەركىنلىكىنىڭ نۆۋەتتە ئۇلارنى قاماققا ئېلىشنىڭ باھانىسى بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر مەيدان قىرغىنچىلىق ھادىسىسىنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «دىنىي ئەركىنلىك ئىنىستىتۇتى» نىڭ دىرېكتورى ناسانىيال خۇرد بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە باسقۇچىدا «نۆۋەتتىكى بۇ ھادىسە ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئىكەن، ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ ئەمىلىي چارىلەرنى قوللىنىشى لازىم» دېدى.

يىغىننىڭ ئاخىرقى باسقۇچى 2021-يىللىق «نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى بولدى. بۇ باسقۇچتا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بىلەن كەچلىك تاماق بىرلەشتۈرۈلگەن ئىدى. بولۇپمۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا چوڭ ئېكراندا قويۇلغان نۇرىي تۈركەل ھەققىدىكى قىسقا فىلىمدە نۇرىينىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشتىن كەچۈرگەن ئېغىر قىسمەتلەر قىسقا ۋە ئىخچام شەكىلدە بايان قىلىندى. بولۇپمۇ نۇرىينىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەمگەك لاگېرىدا تۇغۇلغانلىقىدەك قىسمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە لاگېرلارغا قامالغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، شۇنىڭدەك يېڭى بىر مەيدان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىققا كېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ بەكمۇ ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى. فىلىمدە نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ديانى دېسېرتو ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك زۇلۇمغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ۋە نۇرىي تۈركەلنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «سىياسىي جەھەتتە سادىق ئەمەس» دېگەن يەكۈننىڭ ئوبېيكتى بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئەھۋالنى نۇرى بىلەن بولغان خىزمەت ھەمكارلىقى جەريانىدا بىلىپ يەتكەنلىكىنى، شۇڭا نۇرىيغا بۇنداق بىر مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشىنى بەكمۇ ئالقىشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەنگلىيە پارلامېنتى يۇقۇرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى لورد دېيۋىد ئالتون ئەپەندى، كايروس شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوننىي مور قاتارلىقلار بولسا نۇرىي تۈركەلنىڭ نۆۋەتتە ئ‍ۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئ‍ۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقىمۇ قادىر بولالمىغان بىر مىللەت دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر رېئاللىققا قارشى كۈچلۈك بىر دۇنياۋىي ئاۋاز بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇنىڭغا بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشى بەكمۇ مۇۋاپىق بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

نۇرى تۈركەلمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى پاش قىلىش ھەمدە ئۇ ھەقتە سۆزلەشنىڭ ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئاشكارا ھالدا بۇنداق بىر مۇكاپاتنى ئۇيغۇرلارغا تەقدىم قىلىپ باقمىغانلىقىنى، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلغانلىققا باراۋەر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا جامائىتىگە «ئەمدى بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى ئۇيقۇڭلارنى ئېچىشقا نەچچە ئون يىللاپ ۋاقىت سەرپ قىلىش ھاجەتسىز!» دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا مۇشۇنداق بىر مۇكاپاتنىڭ تەقدىم قىلىنىشى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن تېخىمۇ ئىجابىي بىر قەدەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، «دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى» نىڭ 2022-يىللىق يىغىنى ئىتالىيەنىڭ رىم شەھرىدە چاقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىپادە بىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.