نۇرى تۈركەل: «خىتاي بارلىق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرىغا بىر قېتىم سولاپ چىقىشنى مەقسەت قىلىۋاتقاندەك تۇرىدۇ»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «ئاكادېمىيە سۆھبەتلىرى» پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ ئوقۇش ھاياتى، سىياسىي خىزمەتلىرى شۇنداقلا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، كېلەچىكى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغاندا خىتاينىڭ بارلىق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرىغا بىر قېتىم سولاپ چىقىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا جازا لاگېرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان ‹ئاق تاشلىق كىتابى›دا ھەر يىلى 1 مىليون ئۈچ يۈزمىڭ ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ چىقىۋاتقانلىقىنى پەخىرلىنىپ يېزىۋاتىدۇ. مېنىڭ چۈشەنچەمدە خىتاي پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېردا بىر قېتىم ياشىتىپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغاندەك تۇرىدۇ. خىتاي دەۋاتقان ۋە يېزىۋاتقانلارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق خىتاي قىلمىشلىرىنى ئۆز سۆزلىرىدىمۇ ئىپادىلەۋاتىدۇ. خىتاي بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتمەكچى» .

نۇرى تۈركەل خىتاينىڭ 3 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى، ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەققىدە ئەتراپلىق توختالدى.

18-ئىيۇل كۈنى ئاخشام ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلغان دوكتور مەغپىرەت كامال رىياسەتچىلىك قىلغان «ئاكادېمىيە سۆھبەتلىرى» ناملىق بۇ پروگرامما 1 سائەت 40 مىنۇت داۋاملاشقانىدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى پروگرامما ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان سۆھبەتتە كۆرۈرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشقان مەزمۇنلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى سۆھبەتتە مەن ئاساسلىقى تەكىتلىگەن مەزمۇنلار مېنىڭ ئوقۇش، ئۇيغۇر سىياسىي خىزمىتىم، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىكى ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردىم. بۇلاردىن سىرت ئامېرىكانىڭ كېلەچەكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا قانداق سىياسەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى، خىتايغا قارشى قانداق سىياسەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتىم. ئەڭ مۇھىمى جازا لاگېرلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرەزلىرىمنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم» .

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى مەزكۇر تور تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسىدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا بەزى مۇھىم تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، ھەتتا چەتئەللەردە ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېلىپ بارىدىغان ياش بىلىم ئىگىلىرىنى كۆپلەپ تەربىيەلەشنى، بولۇپمۇ قانۇنشۇناسلىق، سىياسەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردە كۆپلەپ ئەۋلاد تەربىيەلەش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، چەتئەللەردىكى، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنتلىرىنى ئىمكان بار مانا شۇ ساھەلەر بويىچە ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن يەھۇدىيلار ۋە باشقا ئامېرىكاغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن مىللەت ۋەكىللىرىنى مىسال ئالدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مەزكۇر سۆھبەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ خىل قاراش ۋە تەشەببۇسلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش پۇرسىتى بولغانلىقىنى، شۇنىڭدەك مۇنداق سۆھبەتنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇنداق تەكىتلىدى: «مەنچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇشۇنداق ئىلمىي سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىق بولۇپ تۇرۇشى، بولۇپمۇ ئوقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلىملىرىنى، خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە سىياسىيونلار بىلەن ئورتاقلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايمەن. شۇڭا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ بۇ سۆھبەت پروگراممىسىنى تەسىس قىلىشى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن تونۇشۇش، پىكىر-ئالماشتۇرۇش، ئۇيغۇر جامائىتىگە ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەتنى، دەۋايىمنىڭ كېلەچىكىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا مەن بۇ تور تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى تەسىس قىلغانلارغا ۋە رىياسەتچى خانىمغا رەھمەت ئېيتىمەن» .

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ 18-ئىيۇل كۈنى نەق مەيداندىن تارقىتىلغان «ئاكادېمىيە سۆھبەتلىرى» ناملىق پروگراممىدىكى بايانلىرى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى

«ئاكادېمىيە سۆھبەتلىرى» ناملىق پروگرامما 2020-يىلى 7-ئايدا باشلانغان بولۇپ، چەتئەلدە ھەر ساھەدە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن 34 كىشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان. بۇ، نۇرى تۈركەلنىڭ بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەسىس قىلغان مەزكۇر ئىلمىي سۆھبەت پروگراممىسىدا ئۆز ھاياتى، كۆز قاراشلىرى ۋە ئامېرىكانىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى ھەم ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىشىدۇر.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى 2020-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىقىغا ۋە ئارقىدىن بۇ يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنىدى. ئۇ، خىزمەتكە چۈشكەندىن بۇيان «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ «دۇنياۋى ئەڭ تەسىرگە ئىگە 100 شەخس» تىزىملىكلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

نۇرى تۈركەل قەشقەردە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇغان ۋە ئىچكىرى خىتايدا ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى ئالغاندىن كېيىن 1990-يىللاردا ئامېرىكاغا كېلىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانۇنشۇناسلىق ساھەسىدە تۇنجى قېتىم دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇ ھازىر يەنە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭمۇ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىمەكتە.