«نۇرى تۈركەل شەرەپ كەچلىكى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مەركىزىي تېما بولدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز ۋە شەھرىزاد تەييارلىدى
2023.07.21
nury-turkel-murasim-13.jpg

nury-turkel-murasim-6.jpg

nury-turkel-murasim-5.jpg

nury-turkel-murasim-4.jpg

nury-turkel-murasim-3.jpg

nury-turkel-murasim-2.jpg

UHRP نىڭ باش ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەلگە بېغىشلانغان «شەرەپ كەچلىكى» پائالىيىتى دىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 20-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.

ئاقسارايغا قوشنا بولغان «مىلس بىناسى» (Mills Building) نىڭ زالى 20-ئىيۇل كەچقۇرۇن قاتتىق بولغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئ‍ۆتكەن تۈركۈم-تۈركۈم كىشىلەر بىلەن تېزلا تولدى. ئادەتتىكى خىزمەت بىنالىرىدا كەم كۆرۈلىدىغان بۇ خىل تەكشۈرۈش بۇ جايدىكى پائالىيەتنىڭ پەۋقۇلئاددە بىر قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» باش ساھىبخانلىقىدىكى بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ھازىرغىچە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسىي پېلوسى (Nancy Pelosi) خانىم، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى راشاد ھۈسەيىن (Rashad Hussain)، ئامېرىكا خەلقئارا ئەدلىيە خىزمىتى باش ئەلچىسى بېس ۋان شاك (Beth Van Schaack) قاتارلىق ھەممىگە تونۇشلۇق سىياسىي ئەربابلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى پائالىيەتنىڭ سۈلكىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئىدى.

يىغىن رىياسەتچىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خىزمەتچىسى جۇلى مىلسەپ (Julie Millsap) ئالدى بىلەن نۇرى تۈركەلنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىگە قەدەم قويغاندىن بۇيانقى ئوقۇش، خىزمەت ۋە ئادۋوكاتلىق ھاياتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئارقىدىن ئەينى ۋاقىتتا نۇرى تۈركەلنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىقىغا تەيىنلىگەن نەنسىي پېلوسى خانىم سۆز ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرى بىلەن تونۇشۇش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە كۆپ قەبىھ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. بولۇپمۇ «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دەپ دۇنياۋى ۋەدە بېرىلگەندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نۇرى تۈركەلگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ «بىز بۇ كۈرەشتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمىز، شۇنىڭدەك غەلىبىگە بولغان ئۈمىدىمىزنى تېخىمۇ يوقاتمايمىز» دەپ كۆرسەتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن نۇرى تۈركەل سۆز ئالدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نى تەشكىللەشتىن باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدىن تارتىپ ئۆزى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا خىزمەتكە كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ شىجائىتىگە ئاپىرىن ئېيتتى. شۇنداقلا «شەخسەن مەن نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ يىللاردىن بۇيان ھەر جەھەتتىن مېنى رغبەتلەندۈرۈپ كەلگەنلىكى، شۇنىڭدەك مىليونلىغان ئاۋازسىز ئۇيغۇرلارغا ئاتا قىلغان ئۈمىدى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئۇيغۇرلارمۇ نەنسىي خانىمنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەندە زالدا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

شۇ قاتاردا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلارمۇ سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ بۈگۈنكىدەك ھالغا كېلىشى، شۇنداقلا بۇ جەرياندا مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئوخشىمىغان جەھەتلەردە ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلگەنلىكىنى، نۇرى تۈركەلنىڭ ئەنە شۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. .

ئارقىدىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن باش ئەلچى راشاد ھۈسەيىنمۇ سۆزگە چىقتى. ئۇ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى ھەرقايسى كومىسسارلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك دىنىي زۇلۇملارنى پاش قىلىش ھەمدە بۇنىڭغا قارشى چارە-تەدبىرلەرنى ئېلىش يولىدىكى خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. شۇنىڭدەك ئۆزى ئون يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارغاندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تۈرلۈك قەبىھلىكلەرنى، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئەينى ۋاقىتتىكى مىسىر فىرئەۋىنلىرىگە ئوخشاش زۇلۇملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھامان مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى «قۇرئان كەرىم» دىكى «ئاللاھ-پىلان قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر» دېگەن ئايەتنىڭ روھى بويىچە خىتايلارنىڭ تۈرلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشى ۋاقتى كەلگەندە ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ مەغلۇبىيەتلىك ئاقىۋىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم قويغان نۇرىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئادۋوكاتلىق خىزمىتى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئادۋوكاتلىق قىلىشتەك زور مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ساناپ ئۆتتى. .

بولۇپمۇ ئامېرىكا خەلقئارا ئەدلىيە باش ئەلچىسى بېس خانىمنىڭ سۆزلىرى شۇ قاتاردا پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان گۇرۇپپا يىللاردىن بۇيان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى توپلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يوللاش نەتىجىسىدە 2021-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» دېگەن تارىخىي باياناتنى ئېلان قىلغان. بېس خانىم ۋە نۇرى تۈركەل بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقاندا خىتاي بىلەن سودا قىلىشنى مەنئى قىلىش» تېمىسىدىكى كۆپلىگەن دوكلات ۋە ماقالىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بىر قاتار قانۇنلارنى ماقۇللىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولغان. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان كۆپلىگەن مېھمانلارغا ئوخشاش ئۇمۇ نۇرى تۈركەلنىڭ ئۆز كەچمىشلىرى ئاساسىدا يېزىلغان تەرجىمىھالىنىڭ يالغۇزلا نۇرىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتى بولۇپ قالماستىن، يەنە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ دەرت-ھەسرەتلىرىنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان قاباھەتنىڭ ھەممىدىنمۇ بەكرەك كىشىنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئېزىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. .

شۇنىڭدىن كېيىن «خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كىمبېر شېرار (Kimber Shearer)، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پېرى توزى (Piero Tozzi)، خوڭكوڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن جوي سيۇ (Joey Siu)، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رېيىنخارد بۇتىكوفېر (Reinhard Bütikofer)، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سامىر زۇبەرى (Sameer Zuberi)، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ كومىسسارى ستېفېن شېنەك (Stephen Schneck) قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز ئېلىپ، نۇرىنىڭ خىزمەتتىكى ئۇتۇقلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خىزمەتلىرىگە نۇرىنىڭ قىلغان ياردەملىرى قاتارلىق تېمىلار بويىچە سۆز قىلدى.

پائالىيەتنىڭ نۇتۇق باسقۇچىدىن كېيىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «دولان» رېستورانى تەييارلاپ كەلگەن رەڭگارەڭ ئۇيغۇر تائاملىرى مېھمانلارغا يېڭى زوق ئاتا قىلدى. مېھمانلار ھەمدە يېقىن ئەتراپتىن پائالىيەتكە جەم بولغان ئۇيغۇر جامائىتى بىرلىكتە غىزالانغاچ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن مايك گاللاگىر(Mike Gallagher)، ياڭ كىم (Young Kim)، راجا كىرىشنامورسى (Raja Krishnamoorthi)، فرېنچ خىل (French Hill) قاتارلىقلارنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئەۋەتكەن تەبرىك ۋىدىيولىرىنى ئاڭلىدى.

ئارىلىقتا رادىئومىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى تەشكىللىگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. .

شۇنچە يىراق يول بېسىپ بۇ كەچلىك پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ جەھەتتە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ بەكمۇ كۆپلۈكىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا نۇرى تۈركەلمۇ ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ بەكمۇ كۆپلۈكىنى، ئەمما ئ‍بۆزىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ توشقانلىقى بىلەن بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. .

بۇ قېتىمقى كەچلىك پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئارنولد ۋېرسىن (Arnold Viersen) ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز پۈتۈن بىر ھەپتىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزدۇق. بىز كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز تەۋەسىگە ئون مىڭ ئۇيغۇرنى يەرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆزلەشتۇق. كانادا پارلامېنتى خىتايدىنلا ئەمەس، دۇنيا مىقياسىدىن ئون مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئېلىپ كېلىش ھەققىدە ۋەدە بەردى. بۇ ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سوراۋاتقان ئىدۇق. نۇرى تۈركەلنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىكى بىر چوققا بولدى. ھازىر خىتايلار كانادانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، كانادا تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتىدۇ. مەن نۇرىنىڭ كىتابىنى ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتىم. ئۇ كىتابنى بىر شەخسنىڭ شىجائىتى ھەمدە كىشىلەرنى بىر يەرگە توپلاپ، دۇنيادا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشقا ئىنتىلىش ھەققىدىكى ئاجايىپ ھېكايە، دېيىش مۇمكىن. بۇ جەھەتتە نۇرىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان شۇنچە قاباھەتلىك زۇلۇملار ئالدىدىكى ئېگىلمەس-سۇنماس قارشىلىق روھى ئۈچۈن ئۇلارغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. مەن تۈنۈگۈن نۇرى بىلەن غىزالىنىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغانىدىم. ئۇ ‹بىلمەيمەن. ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغىلى نەچچە يىللار بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قايسىسى ئۆلۈپ كەتتى، يەنە قايسىلىرى تىرىك قالدى، بۇنىمۇ بىلمەيمەن› دەيدۇ. مېنىڭچە بۇ كانادانىڭ ياكى خىتاينىڭ سىرتىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرنىڭ ئورتاق قىسمىتى. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارنى ھەمدە ئۇلارنىڭ شىجائىتىنى قۇتلايمەن. بىزنىڭ قەلبىمىز ھەرقاچان ئۇلار بىلەن بىللە.»

بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۆز نۆۋىتىدە پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈنمۇ ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى ھەرقايسى زاتلار بىلەن ئۇچرىشىش ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋېلىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق پۇرسەت بولدى. 150 چە كىشى ئىشتىراك قىلغان پائالىيەت كەچ سائەت توققۇزدا ئاياغلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.