نۇرى تۈركەل ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

26-ئىيۇل كۈنى نۇرى تۈركەل «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى» دە سۆز قىلىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە يەنە نۇقتىلىق ھالدا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە ئاساسىدىكى دۇنيا تەرتىپىگە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتىنى تونۇپ يېتىشكە، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشقا ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خودسۇن ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئۆز كەچمىشلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن «قېچىش يوق» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ، تېز سېتىلىۋاتقان كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. ئۇ بۇ كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. بولۇپمۇ ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ پەقەت لاگېرلار بىلەن باشلانمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەقەت 2017-يىلى شى جىنپىڭنىڭ چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىشى بىلەن يېڭى بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە كىتابىدىكى مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالدى. ئۇ خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە خىكۋىزيون (Hikvision) شىركەتلىرىنى «دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكى، بولۇپمۇ دۇنيادىكى دېموكراتىك سىستېما ئۈچۈن زور تەھدىت،» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇندىن 18 ئاي ئىلگىرى تەييارلانغان بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە 80 ئەتراپىدا دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسىنى ئىمپورت قىلغانلىقى ۋە ياكى قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە گۇگۇل شىركىتىنىڭ 2028-يىلىغا بارغاندا بىرى ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى، بىرى خىتاي يېتەكچىلىدىكى ئىككى ئىنتېرنېت سىستېمىسى شەكىللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ: «سىز بانكا ساھەسى، ھاۋا قاتنىشى ۋە بىلەت تاشلاش قاتارلىق بارلىق ئىشلارنىڭ خىتاي نازارەت سىستېمىسىدا بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق،» دېدى.

نۇرى تۈركەل مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ مەقسىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ بەزى سىياسەتچىلەر ئىلگىرى سۈرگەندەك ‹ئورتاق مەۋجۇت بولۇش› ئەمەس، بەلكى خىتاي ‹دۇنياغا مەن ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن، شۇڭا ئەمەلىيەتكە يۈزلەن›، دەۋاتىدۇ. بۈگۈن دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئەمەلىيەتتە بۇ رېياللىق بىلەن يۈزلىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ب د ت خىتايغا قارشى بىر ئېغىز گەپ قىلالمايدۇ. . . مىشېل باچېلېت ۋەقەسىنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر. يەنى بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ. مەن بەزىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرغىچە بۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق قايغۇرىمەن.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆزى داۋامىدا يەنە خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتكە قارشى ئويغىنىشنىڭ، ئۇنىڭغا كەڭ كۆلەمدە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئەسكەرتتى.

يىغىن ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب قىسمىدا ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرى نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى مىڭلارچە كىشىنىڭ ئارخىپى ۋە بۇنداق زور ئىسپات ئارقىلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئويغىتىشنىڭ ئىمكانلىرى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى سورىدى.

نۇرى تۈركەل بۇنىڭغا جاۋابەن قىلغان سۆزىدە «‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› نىڭ ئاشكارىلىنىشى خىتاينىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرىنىڭ 3-قېتىم ئاشكارىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن دائىم شۇنى دەيمەن، دۇنيا ئەمدى ئىسپات تەلەپ قىلىشنى توختىتىشى كېرەك. يېتىپ ئاشقۇدەك ئىسپات بار. بۇلار ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ھۆججەتلىرى. . . .» دېدى.

ئۇ يەنە ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئويغىتىش مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئەمدى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە كەلسەك، مەن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا 6-5 يىلدىن بېرى ئىنتايىن ئاددىي قىلىپ ئىككى جاۋابنى بېرىپ كېلىۋاتىمەن. بىرىنچىسى، ئىسلام دۆلەتلىرى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلەيدىغانلىقىدىن بەك ئۈمىدىم يوق. ئىككىنچىسى، خىتاي بۇ دۆلەتلەردە دىپلوماتىيە ئويۇنىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنىڭ سۈكۈتىنى سېتىۋېلىشتا غەلىبە قازاندى. خىتاي بىر قانچە يىل بىر ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى باشلىغاندا، ب د ت دا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى قوللاپ ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇشۇ ئىسلام دۆلەتلىرى بولدى. شۇڭا مەن ئىسلام دۆلەتلىرىگە كۈچ سەرپ قىلغاندىن كۆرە، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە بەكرەك كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ ياۋروپادا. ناتسىزىم ۋە فاشىزىمدىن قۇتۇلۇپ چىققان بۇ دۆلەتلەر چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ كوللېكتىپ ھالدا ئاجىز بىر گۇرۇپپىنى جازالىشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىشى كېرەك. بىزنىڭ ئاللىقاچان يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتىمىز بار، شۇڭا بىز ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا خىتاب قىلىشىمىز كېرەك.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، «دۇنيانىڭ ئەمدى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پەردازلاش قىلمىشلىرىنى رەت قىلىشى، بۇ قىرغىنچىلىققا ئىسىم قويۇش ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىپ ۋاقىتنى زايە قىلماسلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ لاگېرلار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تارىخىنى ئۆگەنگەن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار سولانغان لاگېرلارنىڭ جازا لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى، يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق كاتوگورىيىلىرىگە بىرمۇ-بىر چۈشىدىغانلىقىنى مىساللىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «1945-يىلىدىكى نيۇرنبېرگ سوتىدا ئامېرىكالىق سوتچى روبېرت جېكسون بۇ ‹تارىخ ئەسلا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن سۆزنى قىلغان. بىراق بۇ ۋەدە بۈگۈن بۇزۇلدى. مانا بۇ مېنى قاتتىق قايغۇغا سالماقتا. خەلقئارا جامائەت بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىۋاتىدۇ، ھوقۇق تۇتۇۋاتقانلار بولسا كۆپىنچە ھاللاردا ئاغزىدىلا بىر نەرسىلەرنى دەپ قويۇۋاتىدۇ. ئەگەر ‹ئەسلا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدىمىز راست بولسا، ئۇ ھالدا بىز بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ قىرغىنچىلىق ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەر يېزىلدى، دوكلات قىلىندى، سۆزلەندى، ئەمما ئەمدى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى، ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكالىقلارنى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن قانداق بىر كېلەچەك يارىتىۋاتقانلىقىنى ئويلاشقا شۇنداقلا يەنە ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەن مەھسۇلاتلارنى ئالماسلىق ئارقىلىق شىركەتلەرگە بېسىم قىلىشقا چاقىردى. ئۇ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەرنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇردى.