نۇرى تۈركەل: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى سېپى ئۆزىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكادىكى ئوقۇرمەنلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغان «سەۋەب» ژۇرنىلى يېقىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس تېمىدىكى سۆھبەتنى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىن دېيىشكە بولىدۇ.

سۆھبەت پروگراممىسى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش بىلەن باشلاندى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقتە دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈشكە زېھىن قويۇۋاتقانلىقى، غەربتە بولسا ئىككى مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى مۇئەسسەلەرگە قامىۋالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بېرىلگەندىن كېيىن رىياسەتچى تود كرايىن قاباھەتكە تولغان بۇ ماكاندا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالنى نۇرى تۈركەلگە سۇندى.

نۇرى تۈركەل نۆۋەتتىكى ئېغىر باستۇرۇشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى چېن چۈئەنگو تىبەتتىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن باشلانغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئادەتلەرنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى» دەپ قارىلىشقا باشلىغانلىقى، كېيىنچە بۇ خىلدىكى مەزمۇنلار كومپيۇتېر ئارقىلىق توپلىنىپ، زور كۆلەملىك تۇتقۇنغا ئاساس ھازىرلىغانلىقىنى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇنىڭغا يېقىندىن ياردەمدە بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

نۇرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىليونلاپ ئادەم قامالغان، شۇنداقلا چېن چۈەنگونىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان بۇ لاگېرلار «مەكتەپكە ئوخشاش دەرس ئۆتۈلىدىغان، ھەربىيچە باشقۇرۇلىدىغان ۋە تۈرمىگە ئوخشاش قوغدىلىدىغان» مۇئەسسەلەرگە ئايلانغان. بۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ نەسەبىنى، يىلتىزىنى ۋە مۇناسىۋىتىنى كېسىپ تاشلاش بولغان. بۇ بولسا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ماھىيەتتە 21-ئەسىردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ھالدا ئىككى-ئۈچ مىليون ئادەمنىڭ ئاللىقاچان يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىلىپ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۇرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە لاگېر ئىچىدىكىلەر جىسمانىي قىيناقتىن ئازابلىنىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلانماقتىكەن. ، لاگېر سىرتىدىكىلەر بولسا روھىي جەھەتتىكى بېسىم، جۈملىدىن قورقۇنچ، ئەندىشە ۋە جۇدالىقنىڭ دەردىنى تارتماقتىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىشى سەۋەبلىك لاگېرلارنىڭ ئىچىدە زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. ھازىرچە تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار، سانى تولىمۇ ئاز بولغان بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ بايانلىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىن ئېلىپ كەلگەن قىسمەن مەلۇماتلىرى ئىكەن. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆز دەۋرىدە ئىككى قېتىم مۇستەقىل «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇپ چىققان ئۇيغۇرلار ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا كېڭىيىۋاتقان قارا نىيىتىگە «قۇربانلىق» بولۇۋاتقان بولۇپ، ھايات-ماماتلىق بوسۇغىسىدا گاڭگىراپ قالماقتىكەن.

بۇ قېتىملىق مۇھاكىمىدىن كېيىن بىز نۇرى تۈركەل بىلەن ئايرىم سۆزلەشتۇق ۋە ئۇنىڭدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىرى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر» دەپ خۇلاسە چىقىرىشىدىكى ئاساسلارنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنى ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ «زور قىرغىنچىلىق» دەپ قاراشقا بولىدىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى ۋە سەبىيلىرىنى جىسمانىي نىشان قىلىشى بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى ئىكەن.

نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» نەچچە مىليون يەھۇدىي لاگېرلاردىكى زەھەرلىك گاز ئۆيلىرىدە جان بەرگەندىن كېيىن ئاندىن تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان. ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئاشۇ خىلدىكى پاجىئەنىڭ كېلىۋاتقانلىقى ھازىر شۇنچە روشەن بولسىمۇ دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، دېيىشكە بولىدىكەن. شۇنداقلا بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدىمۇ بىر قىسىم خاتا قاراشلار مەۋجۇت بولماقتا ئىكەن. ئۇ بۇنىڭدا «بىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىرنەچچە نۇقتا بار» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئەركىن پىكىر ۋە ئەركىن بازار» دېگەن يېتەكچى ئىدىيەنى قىبلىنامە قىلغان «سەۋەب فوندى» باشقۇرىدىغان «سەۋەب» ژۇرنىلى ئايدا بىر سان چىقىدىغان بولۇپ، 1968-يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنىپ كەلمەكتىكەن. تور ژۇرنىلىنىڭ ئايلىق كۆرۈلۈش سانى ھازىر ئاللىقاچان تۆت مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇدا نەچچە قېتىم «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 50 ژۇرنال» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ئىكەن.