30-نويابىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىك ھەركىتىنى قوللاپ كەلگەن، ئۇنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە مۇنتىزىملىشىشدا مۇھىم رول ئوينىغان ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق رەئىسى كارىل گېرىشماننىڭ تۆھپىلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
1984-يىلدىن بېرى ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، يېقىندا پىنسىيەگە چىققان كارل گېرىشمان ئەپەندى پۈتكۈل خىزمەت ھاياتىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئىشلىرىغا بېغىشلىغان شەخستۇر.
كارل گرىشمان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك پروگاممىلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىلەش يولىنى ئېچىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان. بۇ پائالىيەت جەريانىدا رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دېرېكتورى ئالىم سېيتوف مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان بىر قاتار كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۈگۈن ئۇنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان نەق مەيدان زىيارىتىنى ئاڭلىتىمىز.
نۇرى تۈركەل كارىل گېرىشمانغا يۇقۇرى باھا بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گېرىشمان ئەپەندى بۇنىڭدىن 17 يىل ئاۋۋال «پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلارغا شۈبھە بىلەن قاراۋاتقان، خىتاي ھاكىمىيىتى دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەردىكى ھۆرلۈك ھەرىكىتىنى بۇلغاۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارغا ئىشەنگەن بىر كىشى ئىكەن».
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.