ئامېرىكا ئەمەلدارى ھىندى-تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا تەيۋەننى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىرغان

0:00 / 0:00

2-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-تەيۋەن ھىندى-تىنچ ئوكيان خەلقلىرى دىنىي ئەركىنلىك دىئالوگى مۇنبىرىنىڭ يىغىنى 30-ئاۋغۇست كۈنى تەيۋەن پايتەختى تەيبېيدا باشلانغان. تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن، تەيۋەن پارلامېنت رەئىسى يو شىكۈن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ، ئامېرىكا تەيۋەن ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ساندىرا ئودكىرىك قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلانغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل نۇتۇق سۆزلەپ، تەيۋەنلىكلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زىيانكەشلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىرغان.

(سولدىن) ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ۋە تەيۋەن پارلامېنت رەئىسى يو شىكۈن 2-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-تەيۋەن ھىندى-تىنچ ئوكيان خەلقلىرى دىنىي ئەركىنلىك دىئالوگى مۇنبىرىدە. 2022-يىلى 30-ئاۋغۇست، تەيبېي، تەيۋەن.
(سولدىن) ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ۋە تەيۋەن پارلامېنت رەئىسى يو شىكۈن 2-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-تەيۋەن ھىندى-تىنچ ئوكيان خەلقلىرى دىنىي ئەركىنلىك دىئالوگى مۇنبىرىدە. 2022-يىلى 30-ئاۋغۇست، تەيبېي، تەيۋەن.

بۇ نۆۋەتلىك دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى جىددىيلىشىپ، خىتاي تەيۋەنگە قوراللىق تەھدىت سېلىشنى كۈچەيتكەن، شۇنداقلا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئاساسلىق سۆزلىگۈچى بولۇپ سەھنىگە چىققان نۇرى تۈركەلنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ تەيۋەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئاتالمىش «قايتا-تەربىيەلەش» ھەرىكىتىنىڭ كېيىنكى نىشانى ئىكەنلىكىنى، تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان پاجىئەدىن ساۋاق ئېلىشىنى، خىتاينىڭ تەيۋەنلىكلەرگىمۇ بۇ مۇئامىلىنى تۇتۇشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقنى تەكىتلىگەن.

نۇرى تۈركەل يىغىندا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى دائىرىلىرى تەيۋەننىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. سىز شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئەگەر سىز تەيۋەننى چوقۇم قوغدىمىسىڭىز، تەيۋەنلىكلەرمۇ (ئۇيغۇرلارغا) ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىسىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ھېچقانداق شۈبھە يوق، ھەرقانداق نەرسە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەيۋەن ۋە دۇنياغا بولغان نىيىتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى چەكلىيەلمىدى. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆردۇق».

(سولدىن) ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، تەيۋەن پارلامېنت رەئىسى يو شىكۈن ۋە تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىلەر. 2022-يىلى 30-ئاۋغۇست، تەيبېي، تەيۋەن.
(سولدىن) ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، تەيۋەن پارلامېنت رەئىسى يو شىكۈن ۋە تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىلەر. 2022-يىلى 30-ئاۋغۇست، تەيبېي، تەيۋەن.

ئۇ يەنە تەيۋەننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەتقىق قىلىشى، تەيۋەننىڭ ھېچقانداق ئىش قىلماي تۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان تەقدىردىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئارزۇسىدا بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارغا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شۇنداقلا بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن شاڭخەي خەلقىگە نېمە ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىمىز. بىز خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تەيۋەنگىمۇ ئوخشاش ئىشنى قىلىش نىيىتى بارلىقىنى ئېنىق ئېيتالايمىز. تەيۋەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك. سىز كۈپ-كۈندۈزدە يۈز بەرگەن بۇ تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىقتىن ساۋاق ئېلىشىڭىز، سىز ھېچقانداق ئىش قىلماي تۇرۇپ سىز ئارزۇ قىلغان ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ياكى ئوخشاش تەقدىرگە قېلىشتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلماسلىقىڭىز كېرەك».

ئىككى كۈنلۈك بۇ يىغىننىڭ تۇنجى كۈنىدىكى ئېچىلىش تۇتۇقىنى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ رەئىسى يو شىكۈن سۆزلىگەن. ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە ئامېرىكا تەيۋەن ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ساندىرا ئودكىرىك، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى راشاد ھۈسەيىن ۋە تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن سۆزگە چىققان. يىغىنغا ئېكراندا قاتناشقان باش ئەلچى راشاد ھۈسەيىن، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى 2-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-تەيۋەن ھىندى-تىنچ ئوكيان خەلقلىرى دىنىي ئەركىنلىك دىئالوگى مۇنبىرىدە سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 30-ئاۋغۇست، تەيبېي، تەيۋەن.

ئۇ، تەيۋەننىڭ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئۈلگىسى ئىكەنلىكى، خىتاي بولسا دىنىي ئەركىنلىكنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ 1999-يىلدىن بېرى خىتاينى دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈپ كەلگەنلىكى، خىتاي ھەرقېتىم ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن دىنىي ئەركىنلىك چېگراسىدىن ھالقىپ ئۆتكەندە، دۇنياغا ھېچكىمنىڭ بۇ تەھدىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ كەلگەنلىكى، ئوخشاش پىكىردىكى شېرىكلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىتتىپاقلىشىپ قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن يىغىندا سۆزگە چىققاندا، تەيۋەننىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا دىنىي ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرىدىغانلىقى ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سەي يىڭۋېن مۇنداق دېگەن: «دىنىي ئەركىنلىك ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ھوقۇقى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى دىنىي ئەركىنلىك ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. تەيۋەن ئىستىبدات تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇشنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىز دۆلەت ئىچى سىرتىدا دىنىي ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرىمىز، جۈملىدىن بۇ تۈپ ھوقۇقتىن مەھرۇم قالغان خەلقلەرنى قوللايدۇ».

سەي يىڭۋېننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىكى كەڭ ھەم كۆپ قۇتۇپلۇق مودېلى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ئۈچۈن بىر ئۈلگە تەشكىل قىلىدىكەن. سەي يىڭۋېن: «بىز ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى كىشىلەرنىڭ (بىزنى) زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. تەيۋەن جەمئىيىتى ئوخشىماسلىقنى قوبۇل قىلىشنى ۋە كۆپ خىللىقنى قەدىرلەشنى ئۆگەندى. پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغىنى، تەيۋەن يېقىندا مۇسۇلمانلارنى ئەڭ ياخشى قوينىغا ئالىدىغان ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى. تەيۋەن يەنە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرۈشكە ۋە قوغداشقا تىرىشىدۇ. بىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ‹خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك فوندى›غا داۋاملىق ئىئانە بېرىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەمدە بولىمىز» دېگەن.

نۇرى تۈركەل 30-ئاۋغۇست رادىيويىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە ئۆزىنىڭ تەيۋەن سەپىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. نۇرى تۈركەلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھېسداشلىقنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا يېتەرلىك بولمايدىغانلىقى، تەيۋەننىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا ئەمەلىي چارە ۋە قانۇنى تەدبىر ۋە مەمۇرى چارىلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. نۇرى تۈركەلنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ يەنە 30-ئاۋغۇست پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن، تەيۋەن پارلامېنت رەئىسى يو شىكۈن بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر قۇللار ئەمگىكىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە زىچ باغلانغانلىقى، تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بولغان غەيرىي رەسمىي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەي ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئامېرىكا-تەيۋەن ھىندى ئوكيان خەلقلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دىئالوگى مۇنبىرى يىغىنى 2019-يىلى ئامېرىكانىڭ سابىق ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن تەيۋەننىڭ سەي يىڭۋېن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشلانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يىغىن خىتايدا پارتلىغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبلىك 2020- ۋە 2021-يىللىرى توختاپ قالغان. بۇ دىئالوگ مۇنبىرىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يىغىنى ئىككى يىلدىن كېيىن 30-ئاۋغۇست قايتا ئۆتكۈزۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يىغىنغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى، چەتئەللىك دىپلوماتلارنى، ھىندى-تىنچ ئوكيان ئەللىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساندا كىشى قاتناشقان.