قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى «نۇزۇگۇم» دىرامىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.07.04
qazaqistan-nuzugum-01

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا قويۇلغان نۇزۇگۇم دىرامىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-nuzugum-02

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا قويۇلغان نۇزۇگۇم دىرامىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-nuzugum-03

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا قويۇلغان نۇزۇگۇم دىرامىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-nuzugum-04

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا قويۇلغان نۇزۇگۇم دىرامىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-nuzugum-05

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا قويۇلغان نۇزۇگۇم دىرامىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-nuzugum-06

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا قويۇلغان نۇزۇگۇم دىرامىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-nuzugum-07

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا قويۇلغان نۇزۇگۇم دىرامىسى قويۇلۇش ئالدىدا تاماشىبىنلار ئۇسسۇل ئوينىماقتا. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-nuzugum-08

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا قويۇلغان نۇزۇگۇم دىرامىسى قويۇلۇش ئالدىدا تاماشىبىنلار ئۇسسۇل ئوينىماقتا. 2024-يىلى ئىيۇن، ئالمۇتا RFA/Oyghan

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا-كومېدىيە تىياتىرى ئۆزىنىڭ 90-مەۋسۇمىنى، يەنى 90-يىللىق دىراما پائالىيەتلىرىنى «نۇزۇگۇم» تارىخىي دىرامىسى بىلەن ئاياغلاشتۇردى. ئەسەر قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقى قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزكۇر تىياتىرنىڭ مۇھىم پىروگراممىلىرى تىزىمىدىن ئورۇن ئالغانىدى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 19-ئەسىردىكى مانجۇ-چىڭ ئىمپېرىيەسىگە قارشى قوزغالغان كۈرەشلىرىدىكى قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇمنىڭ قىسمىتىگە بېغىشلانغان «نۇزۇگۇم» دىرامىسى ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموفنىڭ «نۇزۇگۇم» رومانى ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ سېنارىيەسىنى تىياتىر ئارتىسى گۈلباھار ناسىروۋا يازغان. ئەسەرنى سەھنىلەشتۈرگۈچى تىياتىر رېژىسسورى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى ئەزىزجان ئىسكەندەروف ئىدى.

ئەسەرنىڭ كومپوزىتورى غەزىز ئىسكەندەروف، ئۇسسۇللارنى سەھنىلەشتۈرگەن ئىلمىرا سەيدۇللايېۋا، نۇزۇگۇمنىڭ رولىنى «ناۋا» فولكلور ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى لۇيىزا روزاخۇنوۋا ئوينىدى. دىرامىغا تىياتىرنىڭ دىراما گۇرۇپپىسى ۋە «رۇخسارى» ئۇسسۇلچىلار ئانسامبىلىدىن بولۇپ، ئومۇمەن 30 غا يېقىن ئادەم قاتناشتى.

تىياتىر زالىغا لىق تولغان تاماشىبىنلار سەھنىگە چىققان نۇزۇگۇمنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى بىلەن قارشى ئالدى. ئويۇننىڭ ئاخىرىغىچە ئۇلار ئۆز روللىرىنى ماھىرانە ئورۇنلىغان ئارتىسلارنى چاۋاكلار چېلىپ، قوللىدى ۋە دىرامىنىڭ ئاخىرىدا زالدا ئولتۇرغان يۈزلىگەن تاماشىبىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈردى.

نۇزۇگۇمنىڭ قەھرىمانلىقى نېمىدە؟

مەزكۇر دىرامىدا مانجۇ گېنېرالىنىڭ رولىنى ئوينىغان تىياتىر ئارتىسى تۇرغان ئىزىموف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «نۇزۇگۇمنىڭ قەھرىمانلىقى ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىدە، ئۆز مىللىتىنى سۆيگەنلىكىدە. ھەقىقەتەن ئاجىز كىشى تۇرۇپ، ئۆز قولىغا قىلىچ ئېلىپ، ئەرلەر قاتارىدا دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ بىرى. نۇزۇگۇم كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە يېتىلىپ چىققان قەھرىمان قىز. سەۋەبى نۇزۇگۇمنىڭ قوشاقلىرىمۇ كۆپ. خەلقىمىزدە مۇنداق شەخسلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. قەھرىمان قىزلىرىمىز بار. شۇلارنىڭ بىرى مۇشۇ نۇزۇگۇم. ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن، ئۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن مانجۇ-خىتايلار بىلەن كۈرەشكەن قەھرىمان قىزىمىز.»

تۇرغان ئىزىموف يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىرلەر بويى ئازادلىق، ئەركىلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى: «ئۇيغۇر خەلقى نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرىشىپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى. ھەقىقەتەن ھەر قانداق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن قەھرىمانلار نەتىجىلەرگىمۇ يەتكەن. لېكىن يەنە شۇ دۈشمەن تەرىپىدىن ئېزىلىپ، قەھرىمانلار ئۆلتۈرۈلۈپ، ۋەتىنىمىزنى دۈشمەنلەر بېسىۋالغان. ھەقىقەتەن جاڭجۇننىڭ رولىنى ئويناش قىيىن بولدى. بۇ ئويۇندا جاڭجۈن(گېنېرال) شۇ زاماندىكى مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىدىكى سەلبىي شەخستۇر. جاڭجۈننىڭ خەلقنى ئېزىش، قىيناش، دەپسەندە ئۇسلۇبلىرى بەك كۆپ بولغان. خەلقىمىزنى بىر-بىرىگە قارشى قويۇپ، ئارىدىكى ساتقۇنلارنى تېپىپ، ئېزىپ كەلگەن. بىزنىڭ ۋەتەننىڭ تەقدىرى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇ دۈشمەنلەرنىڭ قولىدا.»

«نۇزۇگۇم» دىرامىسىدا گۈلمەت بوۋاينىڭ رولىنى ئوينىغان قازاقىستاننىڭ مەدەنىيەت ئەربابى غەيرەت توختىباقىيېف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«‹نۇزۇگۇم› دىرامىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى نۇزۇگۇم، ئۇنىڭ چىداملىق، قەيسەرلىك، دۈشمەن ئالدىدا تىز پۈكمەسلىككە ئوخشاش خىسلەتلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر. بىز بۇ دىرامىنى تەييارلىغاندا بەزىدە كېچە-كۈندۈز دەم ئالماي ئىشلىدۇق، تىرىشتۇق. شۇنىڭ نەتىجىسى بولۇش كېرەك، بۇ قېتىممۇ ئەسەرنى سەھنىگە ئېلىپ چىققاندا تاماشىبىن ياخشى قارشى ئالدى، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئۇنى قويۇش جەريانىدا پات-پاتلا تاماشىبىننىڭ ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولۇپ تۇردۇق. ئىككىنچىدىن، زالمۇ ئادەمگە لىق تولدى. بۇ دېمەك خەلقىمىزنىڭ نۇزۇگۇمدەك تارىخىي شەخسىمىزگە بولغان چوڭ ھۆرمىتى، ئۇنى سېغىنغاننىڭ بىر بەلگىسىدۇر. ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ روللىرىنى ئوينىغان ئارتىسلارمۇ ئۆز ئالدىغا قويۇلغان ۋەزىپىلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۇتۇقلۇق چىقتى دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ تالانتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكۈم كېلىدۇ. سەھنىمۇ ئورۇنلۇق، يەنى شۇ دەۋرگە لايىق ياسالغان. ئارتىسلارنىڭ كىيىم-كېچىگىمۇ شۇ دەۋرنىڭ شارائىتىغا لايىق تىكىلگەن. يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقكى، بۇنىڭغا كۆپ كۈچ، كۆپ ۋاقىت كەتتى، ئەلۋەتتە.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شائىرەم باراتوۋا خانىم قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئىتىدە ۋە ئەدەبىياتىدا نۇزۇگۇم ئوبرازىنىڭ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تۇنجى قېتىم نۇزۇگۇم ئوبرازى بىزنىڭ ئاتاقلىق كومپوزىتورىمىز قۇددۇس غوجامياروفنىڭ 1956-يىلى ئىجات قىلغان ‹نۇزۇگۇم› ئوپېراسىدا پەيدا بولدى. ئۇ ۋاقىتتا ئوپېرا قازاقىستاننىڭ ئالدىنقى قاتارلىق سەنئەت يۇرتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئاباي نامىدىكى ئاكادېمىيەلىك ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىرى سەھنىسىدە مەزكۇر تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا قويۇلغانىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى قۇددۇس غوجامياروفنىڭ ‹سادىر پالۋان›، ‹چىن تۆمۈر› گە ئوخشاش ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرىگە بېغىشلانغان ئوپېرالىرىنىمۇ مەيدانغا ئېلىپ كەلگەن. نۇزۇگۇمنىڭ ئوبرازى 1991-يىلى تونۇلغان ئۆزبېك رېژىسسورى ئابرار قاسىموف ئىشلەپ چىققان ‹نۇزۇگۇم› فىلىمىدىمۇ ئۆزىنىڭ يارقىن ئىپادىسىنى تاپتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ رولىنى ئۇيغۇر ئارتىسى سۇمبات غېنىياروۋا ئوينىغان.»

شائىرەم باراتوۋا يەنە مۇنداق دېدى: «بىر ئەسىرلىك تارىخى بار قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كېلىدىغان بولساق، يازغۇچىلىرىمىز ئۆز ۋاقتىدا كۆپلىگەن تارىخىي شەخسلىرىمىزنىڭ يارقىن ئوبرازلىرىنى يارىتىپ كەتكەنىدى. شۇلارنىڭ بىرى ئاتاقلىق يازغۇچىمىز تۇرغان توختەموفنىڭ ئىسمى پەقەت ئېلىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەللەردىمۇ ياخشى تونۇش بولغان. ئۇنىڭ ‹نۇزۇگۇم› رومانى ئەدەبىياتىمىزدا تارىخىي رومانچىلىق ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشۇلغان چوڭ تۆھپە. ئۇ ئۈرۈمچىدە ئەرەب يېزىقىدىمۇ يورۇق كۆرگەن. بۇ رومان ئاساسىدا ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر تىياتىرى سەھنىسىدە ‹نۇزۇگۇم› دىراما ئەسىرى ئۆز تاماشىبىنلىرى بىلەن تونۇشتى. يېقىندا بولسا، شۇ ئەسەر تىياتىرىمىزنىڭ ئۇ 90-مەۋسۇمىنى تاماملىدى. خەلقىمىزنىڭ قەھرىمان قىزى توغرىلىق، مەسىلەن، ھېزىم ئىسكەندەروف ئۆزىنىڭ شۇ ناملىق داستانىنى يازغان. باشقىمۇ كۆپلىگەن شائىرلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئوبرازىغا مۇراجىئەت قىلغان. تۇرغان توختەموفنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى، شۇ جۈملىدىن مەزكۇر رومانى مائارىپ ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە مەخسۇس ئوقۇتۇلىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى، يەنى 90-يىللىق پائالىيىتى تىياتىر رېژىسسور ھەم دىراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق تارىخىي دىرامىسى بىلەن باشلانغانىدى. بۇ يىل ئۇيغۇر تىياتىرى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ فېستىۋال ئۆتكۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن «نۇزۇگۇم» دىرامىسىنى ئويناش بىلەن 90-مەۋسۇمىنى، يەنى 90-يىللىق سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇيغۇر تىياتىرى 1934-يىلى قۇرۇلغان يىلى ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىنىڭ بىرىنچى يىلى، يەنى بىرىنچى مەۋسۇمى بولغان بولسا ھازىرغىچە 90 يىللىق سەنئەت ھاياتىنى باشتىن كەچۈردى. تىياتىر ھەر يىلى ئۆزىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئوينايدىغان دىراما ۋە باشقا پروگراممىلىرىنى بېكىتىدىغان بولۇپ، 90-يىللىقىدا «مەھمۇد قەشقىرى»، «نۇزۇگۇم» ۋە باشقا بىر قاتار درامىلارنى ئوينىدى شۇنىڭدەك 90-يىللىق دىراما پائالىيىتىنى «نۇزۇگۇم» دىرامىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇ يىل ئاخىرىدىن ئېتىبارەن 91-يىللىق دىراما پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.