«‪ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تىكى تەدبىرلەر: ئۇيغۇرلارنى قوغداش ۋە خىتاينى چەكلەش

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز ۋە جۈمە تەييارلىدى
2024.04.19
yighin-meydani-3-1024

«ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel) فوندى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا 17-ئاپرېلدا نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 17-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئەزىز

yighin-meydani-1-1024

«ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel) فوندى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا 17-ئاپرېلدا نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 17-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئەزىز

yighin-meydani-2-1024

«ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel) فوندى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا 17-ئاپرېلدا نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 17-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئەزىز

yighin-meydani-4-1024

«ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel) فوندى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا 17-ئاپرېلدا نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 17-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئەزىز

yighin-meydani-5-1024

«ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel) فوندى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا 17-ئاپرېلدا نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 17-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئەزىز

yighin-meydani-6-1024

«ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel) فوندى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا 17-ئاپرېلدا نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 17-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئەزىز

yighin-meydani-7-1024

«ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel) فوندى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا 17-ئاپرېلدا نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 17-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئەزىز

‪نيۇ-يورك شەھىرىدە 17-ئاپرېلدىن باشلاپ ئېچىلىۋاتقان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم رېئاللىق ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بايانلارنى ئاڭلاپ قويۇشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭدا خىتايغا قارشى ئەمەلىي ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن زۆرۈرىيەت بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز ئەزىز ۋە جۈمەنىڭ نيۇ-يوركتىن بەرگەن تەپسىلىي مەلۇماتلىرىدا بولسۇن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بولغان كىشىلەر ھەرقاچان لاگېرلاردىكى دەھشەتلەر ھەمدە تۈرمىلەردىكى قىيىن-قىستاقلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ھالبۇكى خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ يالغۇز لاگېر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقى، ئەكسىچە بۇنىڭ لاگېر سىرتىدىكى «ئەركىن جەمئىيەت» دەپ قارىلىۋاتقان مۇھىتتىمۇ ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى «ئېلىي ۋىزېل فوندى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا 17-ئاپرېلدىن باشلاپ نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى.

«قىرغىنچىلىق جازا لاگېرىنىڭ سىرتىدىمۇ مەۋجۇت!»

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا كىشىلەر دىققەت قىلمايۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى خىتاي زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقان ياتاقلىق مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر سەبىيلىرى، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە قامىلىشى تۈپەيلىدىن ئائىلە جۇدالىقىغا گىرىپتار بولغان بالىلار مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايچە تىل، خىتايچە مەدەنىيەت ۋە خىتايچە تۇرۇمۇش ئادەتلىرى بىلەن «تەربىيەلىنىدۇ» . بۇنىڭ ماھىيىتى يەنىلا زور كۆلەمدىكى لاگېرلارغا قاماش ئارقىلىق «قايتا تەربىيەلەش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئانچە پەرق قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇشۇ تېمىغا بېغىشلانغان مۇزاكىرە بۆلىكىدە يىغىن رىياسەتچىسى، كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر يېقىنقى يىللاردا زور كۆلەمدە قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا توپلانغانلار بىردەك ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان بالىلاردىن تەشكىل تاپقان. بولۇپمۇ بالاغەت يېشىغا يەتكەنلەر زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلار ۋە تۈرمىلەردە مەجبۇرىي شەكىلدە ھەمدە قاتتىق جىسمانىي قىيناقلار ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقان «مېڭە يۇيۇش» ، «ئىدىيە ئۆزگەرتىش» قاتارلىقلارنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلانغان بولسا، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مەجبۇرىي شەكىل ئالغان «مېڭە يۇيۇش» نى مەكتەپلەردىكى «تەربىيە» ئارقىلىق باشتىن كەچۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن لاگېرلاردىكى «مەجبۇرىي تەربىيە» ئانچە-مۇنچە شەكىل ئۆزگەرتكەن ھالدا مەكتەپلەردە ئوخشاشلا داۋام قىلغان.

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە لاگېر، تۈرمە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك تۈپەيلىدىن ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا بولغان ئۇيغۇر سەبىيلىرى ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزلىگەن ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار مەكتەپلەردە «خىتايلاشتۇرۇش» نى باش تېما قىلغان مائارىپ ئارقىلىق «تەربىيەلىنىپ»، يېڭى بىر ئەۋلادنى ھاسىل قىلىشقا باشلىغان. بۇ بىر ئەۋلاد دەل خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى» بىلەن سۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر سەبىيلىرى بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ قارىشىدا ئۆزى چوڭ بولغان ئۇيغۇرچە ئائىلە تەربىيەسى ئاساسىدىكى مۇھىتتىن غايەت زور دەرىجىدە پەرق قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپ مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن سەبىيلەر ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن تىل-يېزىقىنى، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە ئەخلاق سىستېمىسىنى بىلمەستىن «خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بىر ئەۋلاد» بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بۇ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىشنىڭ ۋە يوقىتىشنىڭ يەنە بىر ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خىلدىكى مۇستەملىكە خاراكتېرىنى ئالغان مائارىپ ئەندىزىسى خەلقئارا قانۇنلارغا تۈپتىن خىلاپ قىلمىشلار بولۇپ، بۇنى دۇنيا ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەن ھادىسىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئاللىقاچان بۇنى چەكلەش ھەققىدە قارار ئېلىپ بولغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش» ئىكەنلىكى كۆپلەپ مەلۇم بولغان. ب د ت نىڭ سابىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىلىرى بويىچە پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى فېرناند ۋارېننېس (Fernand de Varennes) بۇ ئەھۋاللارنىڭ مەجبۇرىي خاراكتېرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ «بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي يوسۇندا بىر مىللەتنى يوقىتىش ياكى ۋەيران قىلىش قىلمىشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى شۈركۈندۈرىدۇ. بىز بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايمىز» دەپ كۆرسەتتى.

 «خىتاينىڭ ئۇزۇن قولىنى چەكلەشتە كۆپلىگەن تەدبىرلەر ئېلىنىشى لازىم!»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە توختالغاندا سەل قارىلىپ كېلىنىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە خىتاينىڭ «ئۇزۇن قولى» دەپ قارىلىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە تەقىبلىرىنىڭ ھازىر ئاللىقاچان خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ، چەتئەللەردىكى ئەركىن دۇنياغا يېيىلىشى ھېسابلىنىدۇ. تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى گرېگ ۋالتون (Greg Walton) بۇ جەھەتلەردە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ يېقىنقى يىللاردا ئالاھىدە دىققەت قىلغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت مۇھاجىرلىرىنى نازارەت قىلىشتا قوللانغان بارلىق چارىلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش يوسۇندا تەدبىقلىنىۋاتقانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان چارىلەرنىڭ يەنە بىرى مۇھاجىرەت مۇھىتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە تەھدىت سېلىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە سۆز قىلىشتىن توسۇپ قېلىش ئۇرۇنۇشى بولغان. بۇ خىلدىكى تەھدىتلەرنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرۈپ باققان پائالىيەتچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ۋە «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت دىرېكتورى غەيرەت بەيتۇللا (Kairat Baitolla) ئۆز كەچمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا بۇ خىل چارىلەرنىڭ يېڭى ئەھۋال ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان «ئۇزۇن قولى» ماھىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن تاجاۋۇزچىلىق بولۇپ، دۇنيانىڭ بۇنىڭغا قارىتا تېگىشلىك تەدبىر ئېلىشى مەجبۇرىيەت بولۇپلا قالماستىن يەنە زۆرۈرىيەت ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىن يولغا چىققان لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن يىللاردىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، يىغىن باشلىنىش ھارپىسىدا يەنە بىر قېتىم مۇشۇ خىلدىكى «قورقاق سېلىش» مەزمۇنىدىكى تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان.

 «قىرغىنچىلىقنى چەكلەشتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟»

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىشى بىلەن ئىجرا بولۇۋاتقان بولسىمۇ يېقىنقى يىللاردا بۇنىڭدىكى كۆرۈنمەس «شېرىكلەر» نىڭ بىرى دەل غەرب دۇنياسىنىڭ ۋاسىتىلىك ئىشتىراكى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا سودا ساھەسىنىڭ ھەمدە پەن-تېخنىكا دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا كۆپلەپ قوللىنىلغان تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىشى بۇ قىرغىنچىلىقنى زور كۆلەمگە ئىگە قىلغان. يەنە كېلىپ غەرب پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى خىتايدا كەمچىل بولۇۋاتقان يېڭىلىقلارنى «پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ» دېگەن ئۈمىدتە خىتايغا يوللاپ بەرگەندىن كېيىن بۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا كۆپلەپ قوللىنىلغانلىقى مەلۇم بولغان. يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك مەزمۇنلىرىدىن بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بازىرىغا سەلدەك ئېقىپ كىرگەندە بۇنى توسۇپ قېلىشتىكى تەدبىرلەرنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى كېللىي كۇررىي (Kelley Currie) نىڭ قارىشىچە، يىللاردىن بۇيان مەبلەغ سېلىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ئېغىر سىناقلاردىن بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنياۋى يېتەكچى كۈچلەردىن بولۇۋاتقان ئامېرىكا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرىدىن بولغان خىتايدىكى دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىنى قانداق يوسۇندا سۆزلىشىش ئىزچىل سەل قارىلىپ كەلگەن. نەتىجىدە بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى مەلۇم بولغاندىن كېيىنمۇ ئامېرىكا سودا ساھەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا چېتىلىدىغان ساھەگە مەبلەغ سېلىشى توختاپ قالمىغان. بۇ بولسا ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈۋەتكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جەھەتتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى رەتكە سالىدىغان بىر مېخانىزم تولىمۇ زۆرۈر. ئېلاينا دېزېنسكى (Elaine Dezenski) ، دەررەن سپىنك (Darren Spinck) ، مۇھەممەد رازۋى (Mohammad Razvi) قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورتاق قارىشىچە، بۇ ساھەدە قانداق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چەكلەشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تەنقىدلەش دولقۇنى خەلقئارادا ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، بۇ ساھەدىكى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى ئۆز مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشقا يۈزلەنگەن. خوفسترا (Hofstra) ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى جۇليان كۇ (Julian Ku) بۇ مەسىلىلەر بىلەن ياخشى تونۇشىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ھېچكىم ئويلاپ يەتمىگەن دەرىجىدىكى ئۇستاتلىق بىلەن «تىك-توك» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنى ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن تولىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئىشقا سالغان. بۇنىڭ بىلەن جامائەتنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى پىكرىنى قايتىدىن فورماتلاپ چىقىش ئوڭايلا ئىشقا ئاشقان.

دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر سۈپىتىدە ئاشۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېچىپ بېرىشكە تىرىشقان. «ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىلاتى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەسما مەمتىمىن ئەنە شۇ خىلدىكى ياشلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىش مەزمۇنىدىكى قىسقا ۋىدىيولىرى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا 50 نەچچە نەپەر مۇتەخەسسىس «ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىڭ» ، «ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ» ، «ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋېتىشنى توختات» قاتارلىق تېمىلار بويىچە داۋام قىلغان مۇھاكىمە باسقۇچلىرىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئوخشىمىغان مەسىلىلەر ھەمدە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. بۇ توغرىسىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كېللىي كۇرىي خانىم بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى «دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق پائالىيەت بولدى» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

 «مېنىڭچە سەيشەنبە كۈنىدىكى كۆرگەزمىگە ئۇلىشىپلا تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئىككى كۈن داۋام قىلغان مۇھاكىمە يىغىنى بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولدى. ‹ئېلىي ۋىزېل فوندى› ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بۇنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇ قېتىم يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ھەر ساھە كىشىلىرى يالغۇز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى ئاڭلاپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي بولغان تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى، دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قاباھەتلەرنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىقىش خىزمىتىنى باشلىغان ۋاقىتلىرىمىزدىلا يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى بۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەشكىللىنىشىمۇ ئاشۇ خىلدىكى قوللاشنىڭ ھازىر تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، بىر قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقتىن ئانچە-مۇنچە خەۋەردار بولغان بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەر بولسا بۇ ھەقتە ھېچ نەرسە ئاڭلىمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇ مەسىلىلەرنى جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە يول ئېچىشتا بۇ قېتىملىق يىغىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. »

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.