مۇھاجىر ئوبۇلقاسىم تۇرسۇن: ئىنىم ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننى ئىران خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىش ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا كۆپ قېتىملاپ يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئىراندا بولغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە بىر گەپ-سۆز يوق ئىدى. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوبۇلقاسىم تۇرسۇن، بۇ ھەپتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ تىجارەتچى ئىنىسى ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ 2018-يىلى 7‏-مارت كۈنى ئىراننىڭ ئىمام ھۇمەينى ئايرودۇرۇمىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 20 كۈنچە تەكشۈرۈشتىن كېيىن، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. دېيىلىشىچە، ئۇ ئىنىسىنىڭ ئايرودۇرۇمدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئۆزىدىن ئاڭلىغان بولسا خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى ئىراننىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسىدىن ئاڭلىغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

يەكەننىڭ دۆڭباغ يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىنگلىز تىلى، ئەرەب تىلى ۋە خىتاي تىلىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان سەۋىيەگە كەلگەن ۋە بۇ ئىقتىدارىغا تايىنىپ يەكەن، ئۈرۈمچى، دۇبەي، ئىستانبۇل ۋە ماراكەشلەردە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ئوبۇلھاشىم تۇرسۇن، 2018-يىلى 3‏-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىراننىڭ ئىمام ھۇمەينى ئايرودۇرۇمىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلغان. بۇ جەريان ھەققىدە ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاكىسى ئوبۇلقاسىم تۇرسۇن تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ:

سوئال: ئىنىڭىز ئوبۇلھاشىم تۇرسۇن ئىرانغا قانداق بىر زۆرۈرىيەت ياكى نېمە ئىش بىلەن بارغان؟

جاۋاب: ئىنىم تۈركىيەدە ئىككىنچى قول تېلېفون سېتىش ۋە رېمونت قىلىش ئىشىنى قىلاتتى، قوشۇمچە ماراكەش بىلەن ئىستانبۇل ئارىسىدا تىجارەتمۇ قىلاتتى. بۇ قېتىم زەپە قاتارلىق مال ئەكېلىش ئۈچۈن، تۇنجى قېتىم ئىرانغا بېرىشى ئىدى.

سوئال: ئىنىڭىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم سۆزلىشىشىڭىز قاچان ۋە قانداق بولدى؟

جاۋاب: ‏2018-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىدى. «ئىراندا ئايرودۇرۇمدا ۋىزامدىن گۇمانلىنىپ تۇتۇۋالدى، مېنى (تۈركىيەگە) قايتۇرۇۋېتىدىغان ئوخشايدۇ، بېلەت ئېلىپ بېرىڭ» دېدى. مەن بېلەت سېتىلىدىغان يەرگە بارغىچە تېلېفونىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. دەسلەپتە نېمە ئىش قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئىران كونسۇلخانىسىغا بېرىپ سورىسام «تاموژنىدىكىلەر ئىنىڭنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ، پات يېقىندا نەتىجىسىنى ساڭا بىلدۈرىمىز» دېدى. 20 كۈندىن كېيىن تەكرار باردىم. بۇ نۆۋەت «ئىنىڭنىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، خىتايغا قايتۇرۇلدى» دېدى. مەن بۇ گەپكە ئىشەنمىدىم، «بىر مۇسۇلماننى خىتايغا نېمىشقا قايتۇرىسىلەر» دېسەم، «قولىدا خىتاي پاسپورتى بولغاچقا، تۈرك ياكى مۇسۇلمانلىقىنى بىلمەپتۇق «دېدى.

سوئال: كونسۇلخانىدىكىلەرنىڭ جاۋابىدا بىرئاز ھېسداشلىق پۇرىقى بارمۇ يوقمۇ؟

جاۋاب: ئازراق بار. ئەمما بىلمەپتۇق دېگىنىگە ئىشەنمىدىم، چۈنكى، ئىنىم ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچىنى راۋان سۆزلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى-خىتايغا قايتۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىگە خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ.

سوئال: ئىنىڭىزدىن شۇنىڭدىن كېيىن ئۇچۇر بارمۇ؟

جاۋاب: ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندە قەشقەردە تۈرمىدە ئىكەنلىكى، بىر ئاچامنىڭ ئۇنى يوقلاپ كەلگەنلىكى ھەققىدە گەپ ئاڭلىدىم، ئەمما ئائىلە ئەزالىرىم بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلالمىغاچقا بۇ ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىدىم.

سوئال: ئىنىڭىز يەكەندە نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىناتتى، يەكەندىن قاچان يېنىپ چىققان؟

جاۋاب: ئىنىم يەكەننىڭ دۆڭباغ يېزىسىدا خېلى مەزگىل «كومپيۇتېر مۇلازىمەت دۇكىنى» ئاچقان. كېيىن ئىككى يىلچە دۆڭباغ دوختۇرخانىسىنىڭ بوغالتىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2014-يىلى دۇبەيگە، ئۇنىڭدىن كېيىن كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەن. 2016-يىلىغىچە، ئۈرۈمچىگە بېرىپ-كېلىپ تۇرغان. 2016-يىلى 8-ئايدىن كېيىن ئىستانبۇلدا قالغان. چەتكە ئايالى بىلەن بىللە چىققان. ئۇ ئايالىدىن ھازىر 6 ياشلىق بىر بالىسى بار.

ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە ئىراننىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسىغا خەت يازدۇق ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ يەكەندىكى ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ باقتۇق، ئەمما سوئاللىرىمىز جاۋابسىز قالدۇرۇلدى.