ئوچۇق خەت: ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى

0:00 / 0:00

15-سېنتەبىر بەش دۆلەتتىكى 22 ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشكىلاتلىرى، 16 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە ھۆكۈمەتلەرگە ئوچۇق خەت ئەۋەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 15-سېنتەبىر بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئوچۇق خەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىپلوماتىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە باشقا قوللىنىشقا بولىدىغان بارلىق تىنچ يوللار ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. خەتتە يەنە «خەلقئارالىق قانۇن بويىچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ھەر بىرى جىنايەت شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن بەلكى قەبىھلىكتۇر» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى پېتىر ئىرۋىن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە زۇلۇمغا قارشى ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشى ۋە پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئېنىقلىما بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم. خەتتە ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل ھەيئەتلەرنى ئەۋەتىش. ئىككىنچىدىن، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر بۇنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش. ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا يەنە تەكشۈرۈشنى داۋام قىلىشىدۇر. بىز ئۇلارغا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتاڭلار دېيەلمەيمىز، لېكىن بىز ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›قا دائىر پاكىتلارنى قويۇش ئارقىلىق توغرا قارار چىقىرىشىغا ياردەمچى بولالايمىز».

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدە ھۆكۈمەتلەرگە ئوچۇق خەت يازغان ئورگانلار قاتارىدا «يەرشارى خاراكتېرلىك قوغداش مەسئۇلىيىتى مەركىزى» (Global Center for Responsibility to Protect) مۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ شوئارى «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇن ئېغىر زۇلۇملار بولماقتا، بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز دۇنيانى بۇ زۇلۇملاردىن قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش» ئىكەن.

«يەرشارى خاراكتېرلىك قوغداش مەسئۇلىيىتى مەركىزى» نىڭ پروگرامما مەسئۇلى نادىرە كورت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر كۈچلۈك ئىسپاتلارنى بايقىغانسېرى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «‹يەرشارى خاراكتېرلىك قوغداش مەسئۇلىيىتى مەركىزى› بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتلەرنى توختىتىشقا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بارلىق ئامىللارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز. پەقەت ھۆكۈمەتلەرلا ئەمەس بەلكى شىركەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن، مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىشقا تەسىر قىلالايدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە باغلىنىشلىق بولغان ئەمەلدارغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشمۇ ئۈنۈملۈك يوللارنىڭ بىرى. شۇڭا بىز بارلىق كىشىلەرنى، بولۇپمۇ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىرىنى زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا ۋە زۇلۇمغا قارشى سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان سىستېما ئورنىتىشقا چاقىرىمىز.»

«يەرشارى خاراكتېرلىك قوغداش مەسئۇلىيىتى مەركىزى» ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دەپ يازغان: «خەلقئارا جەمئىيەت كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. ھەممىمىزنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىنى دىپلوماتىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە باشقا تىنچ يوللار بىلەن قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى ئەڭ كۆپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلار قاتارىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى بار ئىكەن. مەزكۇر ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغانلارنىڭ ئارىسىدا باش شتابى ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا بولغان «يەھۇدىي دۇنيانى كۆزىتىش تەشكىلاتى» مۇ ئورۇن ئالغان. ئۇلار ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاگاھلاندۇرۇشى» ناملىق سەھىپە ئاچقان بولۇپ، ئىسپاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

«يەھۇدىي دۇنيانى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى سېرىنا ئوبىرستەين زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تەشكىلاتىمىز ۋە يەھۇدىي جامائىتى زۇلۇمنىڭ، كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇلۇشنىڭ نېمىلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. رۇسىيەدىكى ۋە ياۋروپادىكى چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، نەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ بىزگە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغىنىنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇ زۇلۇمنى توختىتىشقا تىرىشىمىز. كۈچىمىز يەتمىگەندە باشقا جامائەتلەر ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ زۇلۇمنى ئازايتىشقا كۈچەيمىز.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادا ياشاۋاتقان، ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار».

ئوچۇق خەتنىڭ ئاخىرىدا ئورگان ۋە شەخسلەر ھۆكۈمەتلەرگە قويغان تەلەپلىرىنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە يىغىنچاقلىغان. بىرىنچىدىن؛ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش. بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىش. ئىككىنچىدىن؛ ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىك ئۇسۇللار ئارقىلىق خەلقئارالىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئۈچىنچىدىن؛ خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارنى قوغداش ھەققىدە قانۇنىي قارار چىقىرىش.

ئوچۇق خەتنىڭ «ئاخىرىدا ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى» دەپ يېزىپ 38 ئورگان ۋە شەخس ئىمزا قويغان.