چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلماننىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلگەن «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ 22-مارت پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا باشلانغان 48- نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتايدەك دۆلەتلەر بىلەن بولغان «ياخشى مۇناسىۋىتىنى بۇ دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان توپلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قوللىنىشىنى كۈتىدىكەن».

بۇ چاۋۇشئوغلۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆز يۇمغان ياكى پاكىستاندەك خىتاينى قوللاپ كەلگەن «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم ئوچۇق- ئاشكارا خىتاب قىلىشىدۇر.

چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېگەن:«قىممەتلىك قېرىنداشلار، تۈركچىدە بىر سۆز بار، دوست ئاغرىتىپ ئېيتىدۇ، دەيدىغان. بۈگۈن دوستلار يىغىلدۇق. ئۆزىمىزگە سوئال قويۇپ ئالدى بىلەن ئ‍ۆيىمىزنى قانداق تەرتىپكە سالىمىز، دەپ تىرىشىشىمىز كېرەك. دۇنيامىز قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ياۋروپادىكى ئۇرۇش ھەممىگە تەسىر قىلىۋاتىدۇ. مەنپەئەت ئىنسانىي قەدىر قىممەتنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن، ئەخلاقى قىممەت ئاجىزلىتىلىۋاتقان بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىسمى ئۇرۇش، تېررورلۇق، ئازاب ۋە قەتلىئاملار بىلەن خاتىرىلىنىدىغان بولدى. خىتايدا ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار دىنىي ھەقلىرىنى ۋە مەدەنىيەت كىملىكلىرىنى قوغداشتا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا» .

چاۋۇشئوغلۇ يەنە باشقىلارنى ئەيىبلەشنىڭ بەك قولاي ئىكەنلىكى، بىراق باشقىلارنى ئەيىبلەپ نىمىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر خىل ئىزتىراپلارنى چېكىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆز يۇمۇشنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Mevlut_Cavusoglu_OIC-48.jpg
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ يىغىندا سۆز قىلماقتا

چاۋۇشئوغلۇ:«ئىسلام ئالىمى سارايېۋودىن ئ‍ۈرۈمچىگە، باغچە سارايدىن سارايغا، مالىدىن موروغىچە ھەر خىل ئىزتىراپلارنى چەكمەكتە. ئۇنداقتا قالغانلىرىمىز بۇ بىئارامچىلىقنى ئاڭلاۋاتامدۇق؟ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرمەسكە سېلىش توغرىمۇ؟ مۇسۇلمان ئەللەر بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئىختىلاپتا ياشىسۇن دېمەيۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئەكسىچە ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى مۇسۇلمان توپلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئ‍ۈچۈن قوللىنايلى، دەۋاتىمىز» دېگەن.

خىتاي بىلەن ئىزچىل ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا كرىزىس پەيدا قىلماسلىقىغا تىرىشىپ كەلگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەشكىلاتلار چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆزىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كاتو (CATO) ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاكيولنىڭ( Mustafa Akyol) ئېيتىشىچە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆزى «مۇسبەت» تەرەققىيات بولسىمۇ، لېكىن «تارتىنچاقلىق» بىلەن ئېيتىلغان سۆزلەركەن.

مۇستافا ئاكيول 22-مارت بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: « تۈرك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۆرمەتلىك چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىسلامئابادتىكى ئىسلام دۆلەتلىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى مۇسبەت تەرەققىيات، ئىجابىي يۈزلىنىش. بىراق سەپسالساق ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ تارتىنچاقلىق بىلەن قىلىنغان سۆزلەر ئىكەنلىكى كۆزدىن قاچمايدۇ، يەنى ئۇيغۇرلار دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دېدى».

لېكىن مۇستافا ئاكيولنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كەلگىنى دىنىي ئەركىنلىكتىن ھالقىغان، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارىلىۋاتقان مەسىلە ئىكەن. مۇستافا ئاكيول: «يۈز بەرگىنى بۇنىڭدىن ھالقىغان بىر نەرسە. غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياتىدىغان مەسىلە، دەپ قارىدى. يەنى مىليونلىغان ئىنساننىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈشكە، تۇغۇت كونترولىغا مەجبۇرلىنىشىدا ئۇرۇقنى قۇرۇتۇش ھەرىكىتى بار. بۇ دىنىي ئەركىنلىكتىن ھالقىغان بىر مەسىلە. دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە مەۋجۇت. لېكىن بۇ ئۇنىڭدىن ھالقىغان بىر نەرسە. ئەسلىدە ئۇنىڭ سۆزى تارتىنچاقلىق بىلەن قىلىنغان يىتەرسىز بىر ئىپادە. شۇنداقتىمۇ بۇنى نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرى تىلغا ئالمىغان ئەھۋالدا چاۋۇشئوغلۇنىڭ تىلغا ئېلىشى يىتەرسىز، ئەمما مۇسبەت بىر قەدەم» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆزىنىڭ ئالاھىدە دىققەت قوزغىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب پاكىستاننىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا تۇنجى قېتىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى ۋە سۆز قىلىشىدۇر. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 21- مارت بايانات ئېلان قىلىپ، ۋڭ يىنىڭ بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاڭ يىنى تەكلىپ قىلىشى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىناۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 22-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي يەنە ئاتالمىش غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئىسلامى فوبىيە يەنى ئىسلام ۋەھىمىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى قۇتراتماقتىكەن.

ئامېرىكانىڭ كاتو ئىنستىتۇتىدىكى مۇستافا ئاكيولنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئورتاق نۇقتىلىرى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇشىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىماقتىكەن.

مۇستافا ئاكيول مۇنداق دېدى: «چۈنكى، سەئۇدى ئەرەبىستان ياكى پاكىستان قاتارلىق بۇ دۆلەتلەر غەربتىكى ئىسلام ۋەھىمىسىدىن شىكايەت قىلغاندا ياكى كەشمىر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقى ئۈچۈن رىيازەت چەكمەيدۇ. بۇنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى جەمئىيەتلەردە تەسىرى بولىدۇ، مۇسۇلمانلارنى قوغدىغان، ئىسلامى سەزگۈرلۈكىنى كۆرسەتكەن بولىدۇ. بىراق ئ‍ۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلىسە خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن قورقىدۇ. خىتاي ئۇلار ئۈچۈن بەك مۇھىم، بولۇپمۇ پاكىستان ئۈچۈن بەك مۇھىم».

مۇستافا ئاكيولنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي يەنە ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر بىلەن ئورتاق پىكىردە بىرلەشمەكتىكەن. ئۇ: «خىتاي بۇ يەردە شۇنى قىلىۋاتىدۇ، مەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمەن، بۆلگۈنچىلەرنى باستۇرىۋاتىمەن، بۇ مېنىڭ ئىچكى ئىشىم. بۇ تىل ئوخشاشلا ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭمۇ تىلى. يەنى سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ شۇنداق دەيدۇ، ئۆ‍كتىچىلەرنى ئۆلۈمگە بۇيرۇسىمۇ ھېچكىم ئىچكى ئىشىمغا ئارىلاشمىسۇن. بۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى بارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسى. شۇڭا خىتاي ئۇلارغا ئۇلارمۇ چۈشىنىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان بىر تىلدا خىتاب قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ تىلى، دىنىي ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۆلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ۋاڭ يى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىپ سۆزگە چىققان.

ئۇ، يىغىندا قىلغان سۆزىدە «خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا زور تۆھپە قوشقانلىقى»، يېقىنقى دەۋرلەردە ھەر ئىككى مەدەنىيەت «ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان» بولسىمۇ، لېكىن ھازىر قايتا گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات يولىغا قاراپ ماڭغانلىقى، بۇ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ، مەدەنىيەت كەمسىتىشى ۋە توقۇنۇشىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.