«ئوكسفورد بىرلەشمىسى» رەئىسى: «ئۇيغۇرلار: ئۇنتۇلغانلارنىڭ ئاۋازى» بۇ يىلقى بايراقدار سۆھبىتىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ

0:00 / 0:00

11-مارت چارشەنبە كۈنى ئوكسىفورد بىرلەشمىسى «ئۇيغۇرلار: ئۇنتۇلغانلارنىڭ ئاۋازى» ناملىق تارىخى خاراكتېرلىك مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق يىغىن، ئوكىسفورد بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسلىسىنى مەركەز قىلىپ ئۆتكۈزگەن پائالىيىتى ئىكەن.

ئوكسفورد بىرلەشمىسى مۇنبىرىدە دۇنيادىكى داڭلىق رەھبەرلەر ۋە شەخسلەر نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرى رونالد رېگان، جىممىي كارتېر، رىچارد نىكسون ۋە بىل كلىنتون، ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرلىرى ۋىنستون چېرچىل، مارگارېت ساچېر قاتارلىق ئەربابلارمۇ بار ئىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە مەلكوم مەكىس، دالاي لاما قاتارلىق سىياسىي پائالىيەتچىلەرمۇ تەكلىپ قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھالقىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن.

ئەنە شۇنداق خەلقئارا سەھنىدە ئابرويى يۇقىرى بولغان ئوكسفورد بىرلەشمىسى بۇ قېتىم تۇنجى نۆۋەت مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەنىدى. ئوكسفورد بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىدە بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشىنى‹خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى› دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بېيجىڭ تەرەپ بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى داۋاملىق ‹بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى مەقسەت قىلغان، دۆلەت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان› دەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر رايونىدىكىلەر ئۈچۈن ھەقىقەت زادى نېمە، ئۇيغۇرلانىڭ ئىنسانىي كىملىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟».

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئوكسفورد بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سارا دۈيىب خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەكلىپ خېتىدە، پائالىيەتىنىڭ نىشانى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ خەلقئارالىق مۇنبىرىمىزدىن پايدىلىنىپ، خەلقئاراغا يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك بولغان ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىمىز. بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ‹ئۇيغۇرلار: ئۇنۇتۇلغانلارنىڭ ئاۋازى› ناملىق سۆھبەت يىغىنى بىزنىڭ بۇندىن بۇرۇن قىلىپ كەلگەن ۋە قىلماقچى بولغان پائالىيەتلىمىز ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق پائالىيەت بولۇپ، بۇ يىلقى بايراقدار سۆھبىتىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ».

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندون تارمىقىنىڭ ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت، دېموكراتىك خىتاي ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، يەنى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللى قىرغىنچىلىقى، جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان. تارىختىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى يېغىۋېلىش لاگېرى ھەققىدىكى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئوكسفورد بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇنبىرى داڭلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى بۇ سۆھبەتكە قاتناشقانلارمۇ ناھايىتى ئۇقۇمۇشلۇق، ئەقىللىق كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەشۋىق قىلىشتا ناھايىتى زور ئىجابىي تەسىر، ئاممىۋى غۇلغۇلا قوزغىيالايدىغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى دېيىش مۇمكىن.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى تەسىرى سەۋەبىدىن ئۆزىگە ئوخشاش پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاۋازىنىڭ بوغۇلۇش، تەھدىتلەرگە ئۇچراش ۋە ھەتتا تۇتۇپ تۇرۇلۇشتەك يولسىزلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلانىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي بىر ئورۇندا ئۆتكۈزۈلۈشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا، بولۇپمۇ تەتقىقاتچىلار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئۆركەش دۆلەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياغا تەھدىت تۈسىنى ئالغان پارتىيە ۋە ئىدېئولوگىيە ئىكەنلىكىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشى ۋە خىتاينى نورمال بىر دۆلەت دەپ كۆرۈشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ يەنە بۇ خەتەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدىن، خوڭكوڭلۇقلارغا قاراتقان باستۇرۇشىدىن، تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى مەركەز قىلغان ھالدا «دۇنيا ئويغىنىشى كېرەك» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رەھىمە مەھمۇت ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتى جەريانىدا ئۇيغۇرلاردىن ئاڭلىغان شەخسىي ھايات ھېكايىلىرىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىنى ئاشۇ لاگېردا يېتىۋاتقانلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئادەتتە بۇ خىل سۆھبەتلەر بىر سائەت داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە سۇئاللانىڭ قىزغىن داۋام قىلىشى بىلەن سۆھبەتنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەن.

ئوكسفورد بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ئوكسفورد بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى گۇزىن يەنەر مۇنداق دېدى؛ «تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇشۇنداق چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. باشقا پائالىيەتلەردە ۋىرۇس سەۋەبى بىلەن جىق ئوقۇغۇچى كەلمىگەن، بۇ پائالىيەتتە زال لىق تولدى. ۋاقىت قىس بولغاچقا بىر قانچە سوئال سورالدى، لېكىن سۆھبەتتىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار سۆز قىلغۇچىلارنى ئورۇۋېلىشتى. بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپرەك پائالىيەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دۇنيا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىشى كېرەك.»

ئوكسفورد بىرلەشمىسى 1823-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيىنىڭ ئوكسفورد شەھىرىگە جايلاشقان ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان، ئەنگلىيەدىكى ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇنىۋېرسىتېت بىرلەشمىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەخسۇس يىغىن مەزكۇر بىرلەشمە تارىخىدىكى يېڭىلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى بۇ يىغىندا پۈتۈنلەي داڭلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىشىگە پۇرسەت بېرىلىشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىكەن.