شولىزنىڭ مەغلۇبىيەتلىك خىتاي زىيارىتى ۋە كۆپۈككە ئايلانغان ئۈمىدلەر
2024.04.17
13-ئاپرېل گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى باياناتلار ئېلان قىلىپ، شولىزدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى. ئۇلار باياناتلىرىدا، شۇلىزنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقلىرى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇملارنى بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ مۇھىم بىر كۈنتەرتىپى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشقان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە خىتاينى كەسكىن تەنقىدلەشنى ۋە بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقان ئىدى. ھالبۇكى، 16-ئاپرېل خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان شولىزدىن بۇ ھەقتە بىرەر سادا چىققانلىقى ھەققىدە گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات يوق.
17-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز خىتاي زىيارىتىدىن تىلغا ئالغۇدەك بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قايتقان. ھەتتا ئۇ 16-ئاپرېل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن 3 سائەت 45 مىنۇت سۆھبەتلىشىپمۇ، گېرمانىيە جامائىتى ۋە پارتىيە-گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە خىتاينىڭ گېرمانىيە شىركەتلىرى بىلەن بولغان تەڭسىز سودا رىقابەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش، خىتاينىڭ گېرمانىيە شىركەتلىرىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراتقان تور ھۇجۇملىرى، جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىش، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولغان قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىش، تەيۋەن ۋە فىلىپپىنلەرگە شەكىللەندۈرۈۋاتقان بېسىملىرىنى توختىتىش، خىتاينى رۇسىيەگە قاراتقان ياردەم ۋە قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەش، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە خىتاينى كەسكىن تەنقىدلەش ۋە بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش» دېگەندەك تەلەپلەرنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئولاف شولىز بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى سەۋەبلىك گېرمانىيە خەلقىنىڭ ئەيىبلىشى ۋە مەسخىرىسىگە دۇچار بولغان. چۈنكى شولىز ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنى ئەرزىمەس ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، شولىزنىڭ بۇ سەپىرى گېرمانىيەنى بۇندىن كېيىن خىتايغا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا دائىر ئاچچىق بىر ساۋاق بىلەن تەمىنلىگەن.
دەرۋەقە، گېرمانىيەنىڭ «N-TV» تېلېۋىزىيە قانىلى 17-ئاپرېل ئېلان قىلغان «باش مىنىستىر خىتايدا ئېرىشكەن 3 ئاچچىق ساۋاق» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىياسىي جەھەتتىنمۇ ھېچقانداق بىر ئۇتۇققا ئېرىشەلمىگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى «خۇددى دۈشەنبىنىڭ ئارقىسىدىن سەيشەنبە كېلىدۇ، دېگەندەك ھەيران قالارلىق مەنىسىز بىر سەپەر» بولغان. شولىز باشلاپ بارغان گېرمانىيەدىكى سودا ماگناتلىرىدىن بوش، مېرسىدىز قاتارلىق شىركەتلەرمۇ خىتايلار بىلەن ئارزۇ قىلغاندىكىدەك سودا كېلىشىملىرىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇلارنىڭ ئاخىرىدا ئېرىشكىنى گېرمانىيە ئالمىلىرىنى خىتايغا سېتىشقا دائىر ھەجۋىي كېلىشىملەر بولغان. شولىزنىڭ «جىددىي تېما» دەپ قارىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىكرىگىمۇ شى جىنپىڭ قىزىقىپ كەتمىگەن. چۈنكى، بۇ ئۇرۇش «ياۋروپانى ئاجىزلاشتۇرغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۆلۈنۈش پەيدا قىلغان، رۇسلارنى خىتايغا تېخىمۇ بېقىندى ھالەتكە كەلتۈرگەن» بىر ئۇرۇش دەپ قارىلىۋاتقان بولغاچقا، شى جىنپىڭنىڭ بۇ تېمىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشى ئېنىق ئىدى.
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئولاف شولىزنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنى تۇشمۇ-تۇشتىن قاتتىق ئەيىبلەشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى لايىقىدا تىلغا ئالماسلىقى، گېرمانىيەنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىقتىسادىي ئېھتىياجلىرىنى نەزەردە تۇتۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭ غەرب قىممەت قارىشىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدىكەن.
نېمىلا بولمىسۇن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىزنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى ھېچقايسى ساھەنى مەمنۇن قىلالمىغان. ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ئولاف شولىزنى گېرمانىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» گە ۋە خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقتا ئەيىبلەشمەكتە.