ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئۆلىما ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىستانبۇلغا جەم بولۇپ، مىللىي دەۋادا ھەمكارلىشىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزگەن ھەمدە «ئۆلىمالار بىلەن زىيالىيلار ئارىسىدا شەكىللەندۈرۈلگەن سۈنئىي بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىش» مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.
8-فېۋرالدىن 11-فېۋرالغىچە داۋام قىلغان بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قىرىققا يېقىن ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئۆلىماسى قاتناشقان. ئۇلار يىغىن داۋامىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ دوستانە، ئەمما ئوخشىمايدىغان نۇقتىلاردىن مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ۋە ئاخىرىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.

بىرلەشمە باياناتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: «مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىمىز ۋە مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى دۆلەت قۇرۇش مۇساپىمىزدە دىن بىلەن پەننىڭ رولىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خىتاينىڭ سۇيىقەستى بىلەن شەكىللەنگەن سۈنئىي ئايرىمىچىلىققا خاتىمە بېرىشىمىز لازىم. ئارىمىزدىكى پەرقلىرىمىز، ئۆزئارا ئىختىلاپ ۋە ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ مەنبەسى ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئامىلى ۋە تۈرتكىسىدۇر. »
«ساھەلەر-ئارا سۆھبەت يىغىنى» ناملىق مەزكۇر يىغىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ تەشەببۇسى ۋە تەشكىللىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، بۇ، مۇھاجىرەتتە مۇشۇ ساھەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىم بىرلەشمە باياناتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم مەزمۇنلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى ۋە باياناتتىكى تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئوقۇپ ئۆتتى: «ئىككىنچى، ئىسلام ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ھايات يولى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ يادروسىدۇر. ئىسلام بىزنىڭ كىملىكىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە قەدىرىيىتىمىزنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى. بۈگۈنكى دۇنيادا پەن بىلىملىرىگە ئەھمىيەت بېرىشمۇ تەخىرسىزدۇر. ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى زۆرۈردۇر. ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئورتاق نۇقتىمىزدۇر. ئوتتۇرىمىزدىكى ھەر قانداق ئىختىلاپ ۋە دەتالاش مىللىي مەنپەئەتىمىزدىن ئۈستۈن ئەمەس. لېكىن نېمىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىز ئىكەنلىكىنى بىر تەرەپلىمە ئەمەس، ھەر ساھە ئارىسىدىكى مۇزاكىرە ۋە دىيالوگ ئارقىلىق مىللىي ئىرادىمىزنىڭ تەجەللىسى سۈپىتىدە بېكىتىش لازىم. »

بىرلەشمە باياناتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىغىندا يەنە ساھەلەر-ئارا سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ساھەلەر-ئارا دىيالوگ مۇنبىرى تەسىس قىلىپ، خىزمەتلەرنى كېڭەش ئارقىلىق ئورۇنلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىش قارار قىلىنغان.
د ئۇ ق نىڭ دىنىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندىمۇ مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۈچ كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا ھەر ساھە زاتلىرى ئارىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل بولغان.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دەۋانىڭ ئالدىنقى سەپىدە مېڭىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، زىيالىيلىرىمىزنىڭ، دىنىي ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئارىسىغا سالماقچى بولغان ئىختىلاپ، توقۇنۇش، جېدەل-ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش. قانداق قىلغاندا ئارىمىزدىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ پۈتۈن دىققىتىمىزنى خىتاينىڭ مىللىتىمىزگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ تېمىلاردا ئورتاق پىكىرلەر ھاسىل بولدى. دىنىي ئۆلىمالار بىلەن زىيالىيلار، سىياسىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىك مەسىلىلىرى بۇ يەردە ھەل بولغان بولدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا بۇ قېتىمقى يىغىن، غەلىبىلىك ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىلدى. »
تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندىمۇ مەزكۇر يىغىنغا دىنىي ساھەدىكى ئەربابلار قاتارىدا ئىشتىراك قىلغان زاتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىن دىنىي ئۆلىمالار بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يول ئاچقان.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. بۇلاردىن بىرى ئەدەبىي تەرجىمان ئامىنە ۋاھىت سەدەف خانىمدۇر. ئۇ، بۇ يىغىنغا باھا بېرىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىغىندا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنازىرە ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن دىنىي ۋە پەننىي ساھەدىكى سەرخىللار ئارىسىدا مەۋجۇت ياكى سۈنئىي شەكىللەندۈرۈلگەن پىكىر ئىختىلاپىغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە چاقىرىلغان بولۇپ، كۆزلىگەن نەتىجە ھاسىل قىلىنغان.
ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق يىغىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 75 يىلدىن بۇيان دىن بىلەن پەن، ئۆلىمالار بىلەن زىيالىيلار ئارىسىدا شەكىللەندۈرۈلگەن سۈنئىي بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىشنى، ئۇيغۇر ئۆلىمالار بىلەن زىيالىيلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋە مىللىي مەنپەئەتلىرىمىز ئاساسىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. »
يىغىنغا ئامېرىكا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، شىۋېيتسارىيە، قازاقىستان ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ 40 ئەتراپىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە دىنىي ئۆلىمالار ئىشتىراك قىلغان. يىغىن بۇندىن كېيىنكى قەرەللىك ھالدا چاقىرىلىدىكەن.