ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلار ياپونىيەدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى نامايىش قىلدى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلار ياپونىيەنىڭ ناگانو شەھىرىدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى 2022-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

25-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەتلىكلەر جەمئىيىتى، موڭغۇل، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ياپونلۇقلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتىدىن بولۇپ 11 تەشكىلاتتىن 60 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. نامايىشتا قوللىرىدا بايراقلىرىنى ۋە خىتايغا قارشى لۇزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى 2022-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاينى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

مەزكۇر بىرلەشمە نامايىش توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى مەلۇمات بەردى.

ئىلھام ماخمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىشتىن بۇرۇن ياپونىيەنىڭ ناگاساكى شەھىرىدە خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەنىكەن.

13 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش مەيداندا كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. 13 يىل بۇرۇنقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئىلھام ماخمۇت ئەپەندى، 13 يىل بۇرۇن نامايىشچىلار پۈتۈن دۇنيانى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا چاقىرغان بولسىمۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پىسەنت قىلمىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلھام ماخمۇت ئەپەندى بىرلەشمە نامايىش جەريانىدا تىبەت تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سۆزلىگەن سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام ماخمۇت ئەپەندى دۆلەتلەرنى 2022-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان موڭغۇل جەمئىيىتى مەسئۇلىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلھام ماخمۇت ئەپەندى پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، ئاخباراتلاردىمۇ ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر نامايىشتا 11 ئاممىۋى تەشكىلات ئورتاق ئېلان قىلغان مەتبۇئات باياناتتا ئەگەر 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىكنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلىنسا، ئولىمپىك روھى زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ روھىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ئەگەر خىتاي ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختاتمىسا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 2022-يىلى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا داۋام قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.